باشقىلار تەرجىمە قىلغان ئەسەرنى ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ تارقاتقاچقا، سوت مەھكىمىسى 120 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2023-04-27 17:28:47

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر چى خۇي

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم مەدەنىيەت كارخانىلىرى مۇنەۋۋەر كىنو- تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ كۆرسەتتى. تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇنداق بىر دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى.

 2020- يىلى 7- ئايدا دەۋاگەر A شىركەت «يوشۇرۇن بۇلۇڭ» ناملىق تېلېۋىزىيە ئەسىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ھەم ئارقا- ئارقىدىن تورغا چىقارغان.

 2021- يىلى، دەۋاگەر A شىركەت جاۋابكار B شىركەتنىڭ مەلۇم بىر سىن APPسىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى «يوشۇرۇن بۇلۇڭ» ناملىق 12 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى تورداشلارنىڭ تاللاپ كۆرۈشىگە تەمىنلىگەنلىكىنى، بۇ سىننىڭ A شىركەت تەرجىمە قىلغان ئەسەر ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

 2021- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دەۋاگەر A شىركەت جاۋابكار B شىركەتنى ئۆزى تەرجىمە قىلىپ ئىشلىگەن ئەسەرنى ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلدى، دەپ، B شىركەتنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.

 سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق دەپ قارىدى: دەۋاگەر A شىركەت دېلوغا مۇناسىۋەتسىز C شىركەت بىلەن «ئۇيغۇرچە كىنو- تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئىشلەش ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالاپ، C شىركەت «يوشۇرۇن بۇلۇڭ» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئۆزى بۇ تەرجىمە ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بولۇپ پۈتۈشكەن. بۇ تەرجىمە ئەسەر ئۆزى ئىجاد قىلىش خاراكتېرىگە، يەكلىمىلىككە ئىگە، يەنى باشقىلارنىڭ دەخلى يەتكۈزۈشىنى تۈگىتىشكە ھوقۇقلۇق.

 جاۋابكار B شىركەت ئۇيغۇر تىلىدىكى «يوشۇرۇن بۇلۇڭ»نى قويغان، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ دەۋاگەر A شىركەتنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان تەرجىمە ئەسىرى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكى، دەۋاگەر A شىركەتنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش ھوقۇقى ھەم ئىسمىنى يېزىش ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلغانلىقى  مەلۇم بولدى.

 بۇ سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، «يوشۇرۇن بۇلۇڭ» قىسىم سانى بىرقەدەر كۆپ ھەم مەلۇم دەرىجىدە داڭق چىقارغان دەپ قاراپ، جاۋابكار B شىركەتنىڭ ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش تەسىر دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولغان پاكىتقا بىرلەشتۈرۈپ، جاۋابكار B شىركەت ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىشنى توختاتسۇن، 120 مىڭ يۈەن زىياننى تۆلەپ بەرسۇن، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

 سوتچىنىڭ ئەسكەرتمىسى

 ئەسلىي ئەسەرنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش، تەرجىمە قىلىش، ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈش، رەتلەش ئارقىلىق ھاسىل بولغان ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن ئۆزگەرتىپ تۈزگۈچى، تەرجىمە قىلغۇچى، ئىزاھلاپ چۈشەندۈرگۈچى، رەتلىگۈچى بەھرىمەن بولىدۇ، لېكىن ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە ئەسلىي ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ.

 تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن دېدۇكسىيەلىك ئەسەر ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى قوغدايدىغان ئوبيېكتقا كىرىدۇ. تەرجىمە ئاپتورى تەرجىمە جەريانىدىكى ئەقلىي ئەمگەككە ئاساسەن تەرجىمە ئەسىرىگە نىسبەتەن ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ ھوقۇق يەكلىمىلىككە ئىگە، يەنى باشقىلارنىڭ دەخلى يەتكۈزۈشىنى تۈگىتىشكە ھوقۇقلۇق.

 ھاۋالە بويىچە ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەردە ئەسەر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھاۋالە قىلىنغۇچى توختام ئارقىلىق پۈتۈشىدۇ. توختامدا ئېنىق پۈتۈشمىگەن ياكى توختام تۈزمىگەن بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا تەۋە بولىدۇ. ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقى تەۋەلىكىنى ئېنىق پۈتۈشكەن بولسا، ئۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر:马合木提·外力


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق