لياۋ لى
مېترو ھېكايىسى بار جاي. مېتروغا ئولتۇرغاندا، ھەمىشە ئىللىق دەقىقىلەر قەلبىمنى پاكىزلايدۇ، مەيىن دولقۇن ھاسىل قىلىدۇ، ئۇزۇنغىچە ئېسىمدىن كۆتۈرۈلمەيدۇ.
بىر قېتىم، بىر جۈپ ياشانغان ئەر- خوتۇننى ئۇچراتتىم، قارىماققا 60 نەچچە ياشلاردا كۆرۈنەتتى. ئىككىيلەن بىر نەچچە ئوغۇت خالتىسىنى كۆتۈرۈپ، مېتروغا چىقتى. كۆرۈۋېلىشقا بولاتتىكى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم مېتروغا ئولتۇرۇشى بولۇپ، سەل جىددىيلىشىپ، بىر- بىرىگە قاراپ تۇراتتى. ئەسلىدە، ئۇلار مەنزىلنى كۆرۈۋاتقان ئىكەن. ئەنسىرىگەنلىكتىنمۇ ئەيتاۋۇر، ئۇلار نەرسىلىرىنى چۈشۈپ كەتمىسۇن دېگەندەك قىلىپ، خالتىلىرىنىڭ ئاغزىنى چىڭ بوغۇۋالغان ئىدى.
بۇ چاغدا، ئىككى ياش تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇن بوشىتىپ، ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. بوۋاي بىلەن موماي بىر- بىرىگە قاراپ قويدى، يەنىلا موماينىڭ ئىنكاسى بىر قەدەر تېز بولۇپ، ئورۇن بوشىتىپ بەرگەن كىشىگە «رەھمەت» دەپ، ئاندىن ئۆشنىسىدىكى نەرسىنى يەرگە قويدى. ئۇلار ئولتۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، ۋاگون ئىچىدىكى بېكەت نامىغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى. ھەر قېتىم مېترودا بېكەتنى مەلۇم قىلغاندا، بوۋاي- موماي ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.
بىر نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا ئۇلارنىڭ تېلېفونى جىرىڭلىدى، تېلېفوننى بوۋاي ئالدى. بوۋاينىڭ «قىزىم» دېگەن ياڭراق ئاۋازىنى پۈتۈن ۋاگوندىكىلەر ئاڭلىدى. تېلېفوندا ئاساسەن ئۇلارنىڭ لۇڭپىڭ يولىدىكى D چىقىش ئېغىزىدىن چىقىدىغانلىقى، قىزىنىڭ شۇ يەردە ساقلايدىغانلىقى ئېيتىلدى. تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئىككىيلەن يەنە كۆزلىرىنى قىسىپ بېكەت نامىغا قارىدى، لېكىن بىرەر نەرسىنى ئاڭقىرالمىدى، ئاغزىدا توختىماي بىر نېمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشىدى.
ئۇلارنىڭ يېنىدىلا تۇرغان مەكتەپ فورمىسى كىيىۋالغان قىز ئوقۇغۇچى ئۇلارنىڭ گاڭگىراپ قالغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ: «بوۋا، موما، لۇڭپىڭ يولى بېكىتىگە كەلگەندە مەن سىلەرنى چاقىرىپ قوياي، مەنمۇ سەل تۇرۇپ D چىقىش ئېغىزىدىن چىقىمەن، سىلەر مەن بىلەن بىللە ماڭساڭلار بولىدۇ»، دېدى. بوۋاي- موماي دەرھال ماقۇل بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تىتىلدىشى بېسىلدى. لۇڭپىڭ يولىغا كەلگەندە، قىزچاق ئۇلارنى باشلاپ ئاستا- ئاستا مېترو ئېغىزىدىن چىقتى.
يەنە بىر كۈنى، مېترودا مۇنداق بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايالنى كۆردۈم، ئۇنىڭ كىيىنىش- ياسىنىشى سەل قالايمىقان كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر ئاز پەرىشانلىق چىقىپ تۇراتتى، ئاغزىدا توختىماي بىر نېمىلەرنى دەيتتى، قارىماققا بىر ئىشقا يولۇققاندەك قىلاتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ يېنىدىكى ناتونۇش كىشىلەرنىڭ يان تېلېفونىنى ئارىيەتكە سوراشقا باشلىدى، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، يان تېلېفونى ئوغرىلىنىپتۇمىش.
ئۇ ئالدى بىلەن بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەرگە قارىدى، لېكىن ئوتتۇرا ياشلىق ئەر ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى، ھەمدە ناھايىتى تېزلا يىراققىراق بېرىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئۇ يەنە كۆزەينەك تاقىۋالغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايالدىن سورىدى، ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئۇدۇللا: «يان تېلېفون مەخپىي نەرسىگە چېتىلىدۇ، ئارىيەت بەرگىلى بولمايدۇ»، دېدى. ئەتراپتىكى باشقا ناتونۇش كىشىلەرمۇ تەتۈر قارىۋالدى.
بۇ چاغدا، بىر قىزچاق ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ھەدە، سىزنىڭ تېلېفون نومۇرىڭىز قانچە، مەن سىزگە تېلېفون قىلىپ بېرەي»، دېدى. ئەتراپتىكى كۆزلەر شۇ ھامان ھېلىقى قىزچاققا تىكىلدى. ئوتتۇرا ياشلىق ئايال قىزچاققا تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى، قىزچاقنىڭ تېلېفونى ئۇلاندى ھەمدە يان تېلېفونىنى ئۇنىڭغا بەردى. ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئېرىگە تېلېفون قىلىپ، «ھەرقانداق تېلېفونغا ئىشەنمەڭ، دەرھال قايتىپ يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىمەن» دېدى، يەنە باشقا ئىشلارنى دېدى. ئوتتۇرا ياشلىق ئايال تېلېفوننى قىزچاققا قايتۇرۇپ بەردى ھەمدە يېنىش- يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتتى. كېيىن، مېترودا پەقەت ئاڭلىتىش خادىمىنىڭ بوغۇق ئاۋازىلا قالدى.
چېڭدۇ مېترو بېكىتى خىزمەتچىسىنىڭ «ئەڭ گۈزەل قارىسى»نىڭ سۈرىتى ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئەمالار مېترودا سەپەرگە چىققاندا، بېكەتكە كىرگەندىن تارتىپ بېكەتتىن چىققۇچە بىرسى يۆلەپ ماڭىدۇ. ئۆزئارا تونۇشمايدىغان كىشىلەر قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇشنى خالايدۇ، بۇ كىشىلەر قەلبىنىڭ ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. «دۇنيادىكى قىيىن ئىشلار مۇقەررەر ئاددىي ئىشلاردىن باشلىنىدۇ، دۇنيادىكى چوڭ ئىشلار مۇقەررەر كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىدۇ.» كىچىك ئىشلارنى نەزەردە تۇتقاندا، كىچىككىنە ياخشىلىق چىن ھېسسىيات ۋە كۈچنى نامايان قىلىپ، تەسىرلىنىش ۋە مېھىر- شەپقەت يەتكۈزىدۇ.
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جۇڭگو تۆمۈر يول ماددىي ئەشيا سودا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى چېڭدۇ شۆبە شىركىتى)
(پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى)
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.