​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| قەلبنى ئىللىتقان بىر كۆرۈنۈش

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2023-07-11 17:17:38

 لۇ فېيفېي

 تۈن پەردىسى يېيىلدى، شىخې چوڭ كۆۋرۈكى خۇددى قوغدىغۇچىغا ئوخشاش شىخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى دەسسەپ تۇراتتى، دەريا سۈيى كۆۋرۈك ئاستىدىن جىمجىت ئېقىپ ئۆتۈپ، بۇ كىچىك شەھەرنى ئۈن- تىنسىز ئوزۇقلاندۇرماقتا ئىدى. كىچىك شەھەردە چاقنىغان چىراغلار ئاسماندا جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلاردەك جەلپكار ئىدى. كىچىك شەھەردىكى كىشىلەر ئاق كۆڭۈل، قىزغىن ئىدى، ياخشى پەزىلىتى خۇددى ئۇزۇنغا سوزۇلغان شىخې دەرياسىدەك ئۇزاقتىن داۋاملىشىپ كەلگەنىدى.

 سائەتنىڭ 18 بولغانلىقىنى مەلۇم قىلىش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ بولدى، مەن ئادەتتىكىگە ئوخشاش ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگىنىمدە، يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر توپ ئادەمنىڭ ئولىشىۋالغانلىقىنى كۆردۈم، كىشىلەر توپىنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىسام، بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ پۇتى توكسىكلىتنىڭ ئارقا چاقىغا قىسىلىپ قېلىپ مىدىرلىيالماي قالغان ئىكەن. بالا ئاغرىققا چىدىماي ھۆركىرەپ يىغلاۋاتاتتى، بالىنىڭ ئاپىسى جىددىيلىشىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانىدى، پەقەت توختىماي بالىدىن: «بۇ نېمە بولغىنىڭ؟ مەن بەك ئاستا مىنگەن تۇرسام، نېمىشقا پۇتۇڭ قىسىلىپ قالىدۇ؟» دەپ سوراۋاتاتتى. بۇ چاغدا ئولىشىۋالغانلار بالا بىلەن توكسىكلىتنى يول ياقىسىغا كۆتۈرۈپ ئاپىرىش تەكلىپىنى بەردى، بۇنداق قىلغاندا ھەم قاتناشقا تەسىر يەتمەيتتى، ھەم بىخەتەر بولاتتى. «بىر، ئىككى، ئۈچ ...» كۆپچىلىك بىرلىكتە كىچىك بالا ۋە توكسىكلىتنى يول ياقىسىغا يۆتكىمەكچى بولدى.

 قىسىلىپ قالغىنى بالىنىڭ ئوڭ پۇتى بولۇپ، ئۇ ئارقا ئورۇندۇقتا قىيسىيىپ ئولتۇراتتى، ئېغىرلىق مەركىزى پۈتۈنلەي ئارقا ئورۇندۇقتا ئىدى، توكسىكلىتنى يۆتكىمەكچى بولسا، چوقۇم ئادەمنى قوشۇپ كۆتۈرۈش كېرەك ئىدى. توكسىكلىت يۆتكىمەكچى بولغانلار جىددىيلەشكىنىدىن، بالا بىلەن توكسىكلىتنىڭ ئېغىرلىقىغا سەل قاراپ قالدى، ئىككى ئادەمنىڭ ئەسلا كۈچى يەتمەيتتى. توغرا قىلالمىغانلىقتىن، ئۇلار كۆپ قېتىم سىناپ باقتى، ھەر قېتىم يۆتكىمەكچى بولغاندا، يۇقىرى- تۆۋەن سۈركەلگەنلىكتىن، بالىنى ئاغرىققا چىدىماي ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتەتتى. بۇ چاغدا تېخىمۇ كۆپ كىشى توكسىكلىت كۆتۈرۈش ئەترىتىگە قوشۇلدى. بالىنىڭ ئاپىسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، توكسىكلىتنىڭ بېشىنى قويۇۋېتىپ، توكسىكلىتنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىنى يۆلىدى، ئۇنىڭ بىر قاتار ھەرىكەتلىرىگە بالىسىدىن ئەنسىرەش ئارىلىشىپ كەتكەنىدى. توكسىكلىتنىڭ بېشىنى تۇتىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، كونتروللۇقىنى يوقىتىپ بىر تەرەپكە يىقىلدى، مەن ئەھۋالنى كۆرۈپ دەرھال توكسىكلىتنىڭ بېشىنى يۆلىۋالدىم. كۆپچىلىك بىرلىكتە بالا بىلەن توكسىكلىتنى يول بويىغا يۆتكەۋاتقان جەرياندا، كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى بىر ئايال بالىغا ئىزچىل مۇلايىملىق بىلەن تەسەللى بېرىپ: «قەيسەر بولۇڭ، چىداپ تۇرۇڭ» دېدى. بالىنىڭ ئانىسىمۇ ئەيىبلەشتىن تەسەللى بېرىش، رىغبەتلەندۈرۈشكە ئۆزگەردى.

 توكسىكلىت يول ياقىسىغا يۆتكەلدى، سايمان بولمىسا، بالىنىڭ پۇتىنى قانداق چىقارغۇلۇق؟ كۆپچىلىك نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، كىشىلەر توپى ئارىسىغا بىر ئادەم قىستىلىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئامالى بارلىقىنى ئېيتتى، بۇ كىشى يېقىن ئەتراپتىكى قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ مەسئۇلى ئىكەن. ئۇ باشقا گەپ قىلمايلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ ھويلىغا كىرىپ كەتتى، بىردەمدىن كېيىن توكسىكلىتنىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇردى- دە، بىر بولاق سايماننى ئېلىپ بىر- بىرلەپ يايدى. ئۇ: «ئارقا چاقنى ئېلىۋەتسەك، بالىنىڭ پۇتى ئاندىن چىقىدۇ»، دېدى. ئۇ سۆزلىگەچ سايمانلارنى تېز سۈرئەتتە سىناپ باقتى، ھەممىسىنى سىناپ بولدى، بىرمۇ كۇلۇچتا ۋىنتىنى بوشاتقىلى بولمىدى. ئۇ كەينىگە قاراپ توۋلىدى، ئۇنى- بۇنى دېگۈچە بىرەيلەن مۇۋاپىق سايمان ئەكىلىپ بەردى. ئۇ ئۇستىلىق بىلەن كۇلۇچتا ۋىنتىنى بوشاتتى، يەنە بىر كىچىك بولقىنى تېپىپ كېلىپ بىرنەچچە قېتىم بوش ئۇرىۋېدى، پۇت قىسىلغان تەرەپ ئېچىلدى. توكسىكلىتنىڭ چاقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، يەنە بىر تەرەپتىكى ۋىنتىنىمۇ بوشىتىشقا توغرا كېلەتتى. ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇۋاتاتتى، ئىشتىن چۈشكەن چاغدا يان تېلېفوندىكى ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا 7 سېلسىيە گىرادۇس دەپ كۆرسىتىلگەنىدى، ھازىر ئۇنىڭدىنمۇ سوغۇقتەك بىلىنىۋاتاتتى. بالا يىغلاشتىن توختىمىدى، ھەر قېتىم مىدىرلىغاندا بىر قېتىم ئاغرىيتتى، ئاغرىسىلا يىغلايتتى، بالىنىڭ يىغا ئاۋازى ئولىشىپ تۇرغانلارنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتتى. «مەن قىلاي، سىز مۇنداق قىلىڭ...» ئۇلارنىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتىم، پەقەت ئۇلارنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز قارىسىنىلا بىلەتتىم، ھەممەيلەن ئۈن- تىنسىز ساقلاۋاتاتتى.

 كۆپچىلىكنىڭ ھەمكارلىقىدا توكسىكلىتنىڭ چاقى ئېلىۋېتىلدى، بالىنىڭ پۇتىمۇ چىقتى. گۇگۇمدىكى يول چىرىغى ئاستىدا، كۆپچىلىك شۇندىلا بالىنىڭ ئۆكچىسى ئاياغ، پايپاقنىڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ سۈرۈلۈپ قانغا بويىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. 20 نەچچە مىنۇت قىسىلىپ قالغان بولغاچقا، بالىنىڭ پۇتى ئاغرىپ ھەم ئۇيۇشۇپ كەتكەنلىكتىن تۈز تۇرالماي قالدى، كۆپچىلىك يەنە بالا بىلەن ئاپىسىنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى. ھەممەيلەن تاراپ كەتكەندە، ۋىنتىنى چىقارغان ئادەم ۋىنتىنى قايتىدىن سېلىپ، توكسىكلىتنى ئاددىيلا قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، كوچا دوقمۇشىدىكى ئايلانمىدا ئۈن- تىنسىز غايىب بولدى.

 بۇ بىر مەيدان مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قۇتقۇزۇش بولدى، ئاشۇ دەقىقىدە ھەممە ئادەم پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى، قىسقىغىنا نەچچە ئون مىنۇتتا كوچىنىڭ ھەممىلا يېرى قۇتقۇزغۇچىغا توشۇپ، شۇ دەقىقىنى مۇھەببەتكە تولدۇردى. مانا بۇ، كىچىك شەھەرلىكلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئىتتىپاقلىق، ئىللىقلىق ۋە تەسىرلىنىش، خۇددى شىخې دەرياسىنىڭ سۈيىدەك ئۇزاقتىن داۋاملىشىپ كەلگەن.

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: ۋېينەن شەھىرى چېڭچېڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق