جى ياتىڭ
قىشنىڭ ئىزغىرىن شامىلى سۆڭەكتىن ئۆتىدۇ، چىنار دەرىخى ئاستىدىكى تومۇزغىنىڭ چىرىلدىشى چىدىغۇسىز ئىسسىقتىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ. قىش كېتىپ باھار كەلدى، پەقەت ئاشۇ تۆمۈر ئىشىك بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە مەن ئۈچۈن ئوچۇق تۇرىدۇ.
سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان ئىزغىرىن شامال كىيىمىمنىڭ يوچۇقلىرىدىن كىرىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پۈتۈن بەدىنىمگە تارقاپ كەتتى، ئەتراپنى ھېسابسىز قاراڭغۇلۇق قاپلىدى، دەرەخ شاخلىرىمۇ شامالنىڭ ئۇرۇشى بىلەن شىلدىرلىغان ئاۋاز چىقىرىپ، پۈتۈن بەدىنىمگە تىترەك ئولاشتۇردى، قەدىمىمنى تېزلىتىپ، ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. ئۆيۈمنىڭ يېنىغا كەلگەندە، قول سۇنسا بەش بارماقنى كۆرگىلى بولمايدىغان قاراڭغۇلۇق بولماستىن، ئوچۇق تۇرغان تۆمۈر ئىشىكتىن بىر خىرە نۇر چىقىپ تۇراتتى، يامغۇر سۈيى يۇيۇپ قويغان يول يۈزىدىن داتلىشىپ كەتكەندەك ھىد چىقاتتى، ئاستا قەدەم بىلەن ئۆيگە كىرىپ، خىرە نۇر ئاستىدا بىر ياشانغان كىشىنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى، لامپۇچكىدىن چىققان نۇرنىڭ موماينىڭ سايىسىنى ئۇزارتىپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.
بۇ ياشانغان كىشى مېنىڭ مومام (ئاپامنىڭ ئاپىسى) ئىدى، مەن بۇنداق مەنزىرىنى كېچە- كۈندۈز كۆرەتتىم: نۇر ئاستىدا، خۇرۇم سافادا تۈگۈلۈپ، ئاغزى بىلەن يېنىك نەپەسلىنەتتى، پۈتۈن يۈزىنى تال- تال قورۇق بېسىپ كەتكەن بولۇپ، ئادەتتىكى تېتىكلىكىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، قولىدا ئېتىلمىگەن يان تېلېفوننى تۇتۇپ تۇراتتى، يان تېلېفون ئېكرانىنىڭ يورۇقى كۆزنى چاقاتتى ...
مەن كۆزنى چاقىدىغان نۇرنى ئۆچۈرمەكچى بولۇپ قولۇمنى سوزدۇم، ئەمما مومام چۆچۈپ ئويغىنىپ، دەرھال كۆزىنى ئېچىپ: «ۋايجان، مېنى قورقىتىۋەتتىڭىز» دېدى. مەن قورۇنغان ھالدا شۇ جايىمدا شۇ قىياپەتتە تۇرۇپ قالدىم، مومام ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىمدىن ئۆتتى، چىراغ نۇرى ئاستىدىكى سايە مومامنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ غۇۋالىشىشقا باشلىدى. ئۇ يەردىكى پۇت يۇيىدىغان داسنى ئېلىپ، ئاستا- ئاستا ئېڭىشتى، بۇ ئانچە تەس ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇ ياشىنىپ قالغاچقا، ھەرىكىتى ياش ۋاقتىدىكىدەك چەبدەس ئەمەس ئىدى. خۇددى جۇ زىچىڭنىڭ دادىسىغا ئوخشاش، جۇ زىچىڭغا جۈزە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، «تەستە مېڭىپ تۆمۈريول بويىغا كېلىپ، ئىككى قولى بىلەن ئۈستىگە يامىشىپ، ئىككى پۇتىنى يۇقىرىغا تارتتى. ئۇنىڭ سېمىز بەدىنى سولغا سەل قىيسايغان بولۇپ، تىرىشىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.» جۇ زىچىڭ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ: «بۇ چاغدا ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرۈپ، كۆز ياشلىرىم تاراملاپ ئاقتى»، دېگەنىدى.
مومامنىڭ قارىسى مېنىڭ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى، ياداڭغۇ سىماسى قاراڭغۇلۇققا قاراپ كېتىۋاتاتتى، ياققان ئوت يالقۇنى يەنىلا مەشتە كۆيۈۋاتاتتى. مومام ئەزەلدىن ماڭا چەينەك ئالغۇزمايتتى، مەشتىكى كۈلنىڭ توزۇپ كىيىملىرىمنى مەينەت قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى، پۇت يۇيىدىغان سۇ يەنىلا ئىسسىق ئىدى. مەن مومامنىڭ بۇ يەردە قانچىلىك تۇرغانلىقىنى بىلمەيتتىم...
تۆمۈر ئىشىك ناھايىتى ئاز تاقىلاتتى، مومامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي قالغىچە ياكى سوغۇق شامال چېكىگە يەتمىگۈچە تاقالمايتتى. لېكىن مەن تۆمۈر ئىشىكنى تارتقاندىكى سۇس ئاۋازنى ئاڭلىسىلا، ئۇ دەرھال كېلىپ ياردەم قىلاتتى. مەن دائىم مومامغا «كەچتە مېنى ساقلىماڭ، ئۆزىڭىز ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ ئۇخلاۋېرىڭ»، دەيتتىم. ئۇ دائىم كۈلۈپ تۇرۇپ مۈجمەل گەپ قىلىپ، مېنىڭ كېچىدە يالغۇز يول مېڭىپ قورقۇشۇمدىن، تۆمۈر ئىشىكنى تارتالماسلىقىمدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتاتتى.
تۆمۈر ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى ماڭا ھەمراھ ئىدى، قاراڭغۇ يولدا يالغۇز ماڭساممۇ، مەن ئەزەلدىن قورقۇپ باقمىغانىدىم.
تۆمۈر دەرۋازىنىڭ ئۇدۇلىدىكى شاپتۇل يەنە چېچەكلىدى، شۇنچىلىك جۇلالىق، رەڭگى ئوچۇق، ئاشۇ ئوچۇق تۆمۈر ئىشىك ۋە خىرە نۇر، بالىلىق چاغلىرىمدىكى كېچىلىك يولنى يورۇتتى، ئۇ يەنە ئالغا ئىلگىرىلەش يولۇمنى يورۇتقۇسى.
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۇي شەھىرى چىڭتيەن ناھىيەسى لاكوۋ تيېزى ئوتتۇرا مەكتىپى مائارىپ گۇرۇھى)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.