​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئەڭ گۈزەل ئۇچرىشىش

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2023-07-21 12:34:17

 زېڭ شىنتۇڭ

 «سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتىدۇ، كۈنلۈك ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ.» ئەتىگەندە ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن، دادام ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا تاپىلىدى ھەمدە ماڭا بىر كۈنلۈك سۇندى. مەن ئازراق ئويلانغاندىن كېيىن، ھېلىقى سۆسۈن رەڭلىك كۈنلۈكنى ئېلىۋېلىشتا چىڭ تۇردۇم.

 باھار يامغۇرى يېغىپ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى سەل تۆۋەنلىدى. كوچىلاردا كىشىلەر كۈنلۈك تۇتۇپ ئالدىراش كېتىۋاتاتتى، رەڭگارەڭ كۈنلۈكلەر خۇددى يەتتە خىل رەڭلىك نوتا بەلگىسىگە ئوخشاش يامغۇر سىزىقىدىن تۈزۈلگەن بەش سىزىقلىق نوتىدا يۆتكىلىۋاتاتتى ۋە سەكرەۋاتاتتى، مەن كۈنلۈكنى كۆتۈرگىنىمچە ئۇنىڭغا سىڭىپ كەتتىم. ئۇدۇلدىن سوغۇق شامال تېگىپ، ئىختىيارسىز بوينۇمنى قىسىۋالدىم، لېكىن قولۇمدىكى سۆسۈن رەڭلىك كۈنلۈكنى ئويلىساملا، قەلبىم ئىللىقلىققا تولۇپ، خىياللىرىم كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتكەن يىلى يازغا كېتىپ قالدى.

 ئۇ بۇلتۇر يازنىڭ بىر ئاخشىمى ئىدى، ھاۋا ئادەتتىن تاشقىرى دىمىق ئىدى، سىڭلىم ئىككىمىز بىزگە يېقىنلا ئولتۇرىدىغان ھاممامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئويناپ كەلمەكچى بولدۇق. يېرىم يولدا كېتىۋاتساق، تۇيۇقسىز گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، يامغۇر تامچىسى پۇرچاق تۆكۈلگەندەك شارىلداپ چۈشۈشكە باشلىدى، سىڭلىم ئىككىمىز كۈنلۈك ئالمىغاچقا، ئامالسىز كوچا بويىدىكى بىر دۇكاننىڭ لەمپىسى ئاستىغا كىرىۋېلىپ يامغۇردىن دالدىلاندۇق. قارا يامغۇر شەھەرنى بىر پارچە ئاق رەڭلىك تۇمان بىلەن قاپلاپ قويدى.

 بىردەمدىن كېيىن يامغۇر سەل پەسەيدى، سىڭلىم ئىككىمىز يامغۇرغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەشنى قارار قىلدۇق. ئازراق مېڭىپلا، ئالدى تەرەپتە بىر ئادەمنىڭ سۆسۈن رەڭلىك كۈنلۈك تۇتۇپ يامغۇردا ئاستا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈق، مەن كەينىدىن بىردەم كۆزىتىپ، تۇيۇقسىز كۈنلۈكىنىڭ «ئاستىغا كىرىۋېلىش» ئويىغا كېلىپ قالدىم، لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ رەت قىلىدىغان- قىلمايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمگە يېتىشىپ بېرىپ، ئېڭىشىپ، ئوغرىلىقچە كۈنلۈك ئاستىغا كىرىۋالدىم، دەل شۇ چاغدا كۈنلۈك ئىگىسىمۇ مەن تەرەپكە قارىدى. ھە، ئەسلىدە بىر موماي ئىكەن، كۆزلىرىمىز ئۇچراشقان شۇ دەقىقىدە، مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم. ئەمما موماي ئاۋۋال ئېغىز ئاچتى: «قىزچاق، نېمە بولدى؟ سىزنىڭ كۈنلۈكىڭىز يوقمۇ، تېز كېلىڭ، ئىككىمىز بىر كۈنلۈكنى تەڭ ئىشلىتەيلى.» موماينىڭ چىرايىدىن مېھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى، خۇشخۇي بولۇپ، بىردىنلا مېنىڭ ئەندىشەمنى تۈگەتتى. «ھە، ھە، بولىدۇ، بىراق سىڭلىمنىڭمۇ كۈنلۈكى يوق ئىدى»، دېدىم مەن دۇدۇقلاپ. «ھېچقىسى يوق، بىللە كېلىڭلار، ئۈچىمىز قىستىلىشىپ، بىر كۈنلۈكنى تەڭ ئىشلەتسەك چاتاق يوق.» موماي شۇنداق دېگىنىچە، سىڭلىم ئىككىمىزنى كۈنلۈك ئاستىغا تارتىپ ئەكىردى.

 كۈنلۈك ئاستىدا بىردىنلا ئىككى ئادەم كۆپىيىپ، قىستاڭچىلىق بولۇپ قالدى، لېكىن موماي قىلچە كۆڭلىگە ئالمىدى. ئۇ بىزنى يامغۇردا قالمىسۇن دەپ، سىڭلىم ئىككىمىزنى ئالايىتەن ئوتتۇرىغا تارتتى، ئۈچەيلەن مانا مۇشۇنداق بىر كۈنلۈكنى كۆتۈرۈپ، يامغۇردا ئاستا- ئاستا ئالدىغا قاراپ ماڭدۇق. يول بويى موماي بىز بىلەن مۇڭداشقاندەك پاراڭلاشتى، مۇلايىم تەلەپپۇزى بىردىنلا ئارىلىقىمىزنى يېقىنلاشتۇردى، تەخمىنەن ئۈچ مىنۇتتەك ماڭغاندىن كېيىن، ئالدىمىزدا بىر بىنا كۆرۈندى. «بولدى، مەن ئۆيگە كېلەي دەپ قالدىم، لېكىن سىلەر تېخى ئۆيۈڭلارغا كەلمىدىڭلار، بۇ كۈنلۈكنى ئاچا- سىڭىل ئىككىڭلارغا سوۋغا قىلاي.» پەلەمپەي ئالدىدا موماي كۈنلۈكنى بىزگە سوۋغا قىلماقچى بولدى. «بىراق، موما، سىز قانچىنچى قەۋەتتە تۇرىسىز، مەن كۈنلۈكنى سىزگە قانداق قايتۇرۇپ بېرىمەن؟» «قايتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىزنى تەقدىر ئۇچراشتۇرۇپتۇ، تېز قايتىپ كېتىڭلار.» دېدى موماي كۈلۈپ تۇرۇپ ۋە كۈنلۈكنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى. ئاندىن بىناغا چىقىپ كەتتى.

 موماينىڭ ئالىقىنىنىڭ ھارارىتى قالغان كۈنلۈكنى قولۇمغا ئالغىنىمدا، بىر خىل ئىللىق ئېقىم كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پۈتۈن بەدىنىمنى قاپلىدى، سىڭلىم ئىككىمىز ئۆز جايىمىزدا ھاڭۋىقىپ تۇرغىنىمىزچە، مومايغا قايتا- قايتىلاپ رەھمەت ئېيتتۇق. كەينىمىزگە بۇرۇلۇپ، سىڭلىم ئىككىمىز داۋاملىق ھاممامنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدۇق، يامغۇر يەنىلا يېغىۋاتاتتى، لېكىن يامغۇرلۇق يول روشەنلىشىپ كەتتى، موماينىڭ بۇ كۈنلۈكى بولغاچقا، سىڭلىم ئىككىمىز يامغۇردا ھۆل بولۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق، قەدىمىمىزمۇ يېنىكلەپ كەتتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئىشنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە بىر يىل بولاي دېدى. ھازىر، ھەر قېتىم يامغۇر ياغقان كۈنى، مەن ئىختىيارسىز ئاشۇ موماينى ئەسلەپ قالىمەن. نېمىدېگەن ئاق كۆڭۈل موماي، گەرچە بىز ئەزەلدىن تونۇشمىساقمۇ، لېكىن سىزنىڭ بىر ھەرىكىتىڭىز ماڭا ئاشۇ قارا يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك ياغقان ياز كۈنىدە باھاردەك ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى.

 بىر مەيدان قارا يامغۇر بىر قېتىملىق گۈزەل ئۇچرىشىشقا سەۋەب بولدى؛ بىر كۈنلۈك مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

 گەرچە مەن ئاخىرىدا كۈنلۈكنى ئاشۇ مومايغا قايتۇرۇپ بېرەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇ قەلبىمدە مۇھەببەتكە تولغان سۆسۈن رەڭلىك گۈلگە ئايلىنىپ، قەلبىمنى تېخىمۇ توق، تولۇق قىلدى.

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خۇبېي ئۆلكىسى شىيەن شەھىرى شەرق شامىلى 7- ئوتتۇرا مەكتەپ 8- يىللىق 11- سىنىپ)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق