ياڭ لىڭلىڭ
2- ئاينىڭ ھاۋاسىدىن مۇزدەك يامغۇرنىڭ سوغۇق ھىدى كېلىپ تۇراتتى، كۆپچىلىك چاپىنىغا چىڭ يۆگىنىپ، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھايات يولىدا چېپىپ يۈرەتتى، كىچىككىنە توختىۋېلىشقىمۇ چولىسى تەگمەيتتى. ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم، ئىللىق پۇراق دىمىغىمغا ئۇرۇلدى، بالىلارنىڭ كۈلكە ئاۋازى، ھاممامنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى، مومامنىڭ كوتۇلداشلىرى، چۆمۈچنىڭ قازانغا تەگكەن ئاۋازى ئارىلىشىپ، گىرەلىشىپ كەتكەنىدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، بىر خىل ئىللىق ئېقىم چاقماق تېزلىكىدە قەلب ئېتىزىمغا سىڭىپ كىرىپ، قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقى ھەش- پەش دېگۈچە غايىب قىلىۋەتتى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم، ئوتقاشتەك قىزىل ھەم شادلىق تۇيغۇسى جىلۋىلىنىپ تۇرغان «ئۇزۇن ئۆمۈر» دېگەن خەت مېھمانخانىنىڭ تۆر تېمىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى، خەتنىڭ ئاستىدا 90 ياشقا كىرەي دەپ قالغان مومام مېھرىبانلىق بىلەن جىم ئولتۇرۇپ، ئۇرۇق- ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزىنى چۆرىدەپ تۇرۇشىدىن بەخت ھۇزۇرىنى سۈرمەكتە ئىدى.
مومام 80 ياشقا كىرگەندىن بۇيان، ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە، ئائىلىمىزدىكى ھەممەيلەن مەيلى قەيەردە، نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولايلى، ھەممىنى قويۇپ، تەرەپ- تەرەپتىن كېلىپ، مومامنىڭ يېنىغا جەم بولۇپ، «ئۆمۈر چولپىنى»غا ھەمراھ بولۇپ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتاتتۇق.
«تازىم قىلايلى، تازىم قىلايلى!» كۆپچىلىك دەرھال ئوتتۇرىدىكى ئورۇننى بوشىتىپ، سېلىنچا سېلىپ قويدى، بىرىنچى قېتىمدا، بالىلار تازىم قىلىپ مومامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى، مومامنىڭ تۆت ئوغلى، بىر قىزى ۋە ئىلگىرى كىچىك مومامغا بېقىشقا بەرگەن كىچىك ئوغلى تەڭلا باش ئۇرۇپ تەزىم قىلىپ، كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا «ئۆمۈر چولپىنى»غا كۆڭلىدىن چىقىرىپ بەخت تىلىدى ھەمدە كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان سوۋغاتلىرىنى سوۋغا قىلدى، بۇ، ئىسمىدا «چىن» خېتى بار ئۇرۇق- ئەۋلادلارنىڭ بىلدۈرگەن «ماددىي ۋاپادارلىق»ى ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىسىم- فامىلىسىدە «چىن» دېگەن خەت بار بولۇپ، بوۋام بىلەن مومام ئەينى چاغدا ئىسىم قويغاندا، بالىلىرىنىڭ ئائىلىنى تىرىشچانلىق- ئىقتىسادچىللىق بىلەن باشقۇرۇپ، ئىقتىسادچىل، ئەخلاق- پەزىلەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانىدى. شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ئۇلار ئىزچىل ياشانغانلارنىڭ تاپشۇرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئەمگەكچانلىقى، ئاددىي- ساددىلىقى، كەڭ قورساقلىقى بىلەن ئەڭ ھەقىقىي بەختنى قوغداپ كەلدى. مومام دائىم ئائىلە ئىناق بولسۇن دېسە، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش، سۆيۈش، چۈشىنىش كېرەك، بىر ئۆيدە بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈش تولىمۇ تەستە ئېرىشىدىغان بەختتۇر، تونۇشۇپ، بىللە ياشاشتەك تەقدىرنى قەدىرلەش كېرەك، دەيتتى. ئۇنىڭ غەمخورلۇقىدا، پەرزەنتلىرى قانائەتچانلىقتىن خۇشاللىق تېپىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئىناق، ئىللىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدى.
ئىككىنچى قېتىمدا، نەۋرىلەر تازىم قىلىپ مومامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى، 12 ئوغۇل نەۋرە، ئۈچ قىز نەۋرە يېشىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە قاراپ تۆت رەتكە بۆلۈنۈپ، تىزلىنىپ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلىدى، بۇ ئىسمىدە «شياۋ» خېتى بار ئەۋلادلارنىڭ «ھۆرمەت ۋاپادارلىقى» ئىدى. بۇ تۆت رەتنىڭ كەينىدە يەنە نەۋرە كېلىن، نەۋرە كۈيۈئوغۇللار بار ئىدى، گەرچە بىزنىڭ ئىسىم- فامىلىمىزدە «شياۋ» دېگەن خەت بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، تەبىئىي ھالدا «شياۋ» دېگەن خەتنى قوشۇپ قويىدۇ، بۇمۇ ۋاپادارلىق، كەمتەرلىك، ياخشى پەزىلەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاتا- بوۋىلىرىمىز دائىم: «بىر ئادەم ئاتا- ئانىسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى، چوڭلارغا ۋاپادار بولۇشنى بىلمىسە، ئادەم بولۇشتىكى ئەڭ ئەقەللىي ۋىجدانىنى يوقاتقان بولىدۇ» دېيىشىدۇ. ئىسمىمىزدە «شياۋ» خېتى بار بىزلەر مەيلى ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشتا بولسۇن ياكى كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش، كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشتا بولسۇن، ئاتا- ئانىمىزنىڭ تەلىمىنى باشتىن- ئاخىر ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ كېلىۋاتىمىز.
ئۈچىنچى قېتىمدا، ئەۋرىلەر تازىم قىلىپ مومامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى، قۇچاقتىكى، يۈگۈرۈپ يۈرگەن، قۇرامىغا يەتكەن ئەۋرىلەر چوڭ- كىچىكلىكى، ئېگىز- پاكارلىقىغا قارىماي، ئۇلۇغ مومىسىنى چۆرىدەپ، مۇشتىنى جۈپتەكلەپ، باش ئۇرۇپ تازىم قىلىپ مومامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى، بۇ ئىسمىدە «ياڭ» خېتى بار ئەۋلادلارنىڭ «مېھىر- مۇھەببەت ۋاپادارلىقى» ئىدى. «ئۇلۇغ مومىمىزنىڭ بەخت-سائادىتىنىڭ دۇڭخەي دېڭىزىدەك مول، ئۆمرىنىڭ جۇڭنەنشەن تېغىدەك ئۇزاق بولۇشىنى تىلەيمىز» دېگەن تەبرىك سۆزى «ئۆمۈر چولپىنى»نى كۈلدۈرۈپ، ھەشقىپىچەكتەك ئېچىلدۇرۇۋەتتى. بۇ ئەۋلادلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسىدىكى «ياڭ» خېتى ئوچۇق- يورۇق، ئاكتىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە ماھىر بولۇشقا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئەۋلادلارغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى مۇجەسسەملىگەنىدى.
ئائىلە كىشىلىك دۇنيادىكى ئەڭ ئىللىق جاي، ئائىلە ئەزالىرى كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل ئۇچرىشىشنىڭ مەھسۇلى. بىر مەيدان تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى، بىر قېتىملىق جەم بولۇش، بىرنەچچە قېتىملىق تەبرىكلەش ئارقىلىق بىر خىل كۈچ مۇجەسسەملىنىدۇ، بىر خىل بەخت يەتكۈزۈلىدۇ، ئۆيدىكى بارلىق كىشىنىڭ قەلبى ئىللىيدۇ...
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: باۋجى شەھەرلىك مەدەنىيەت- سەنئەت مەركىزى)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.