ۋاڭ سەيجېن
كۈنلۈكنى كۆتۈرۈپ يامغۇردا جىمجىت كېتىۋاتىمەن، ئاسمانغا غۇۋا گۇگۇم پەردىسى يېيىلىپ بولدى. مەن ئىختىيارسىز قەدىمىمنى تېزلەتتىم. يول ئېغىزىغا كەلگىنىمدە تۇيۇقسىز قاراڭغۇلۇقتىن «مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ» دەپ توۋلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى، كەينىمگە بۇرۇلسام شياۋيۈ ئىكەن.
مەن: «مەن سىزنى ساقلامدىم؟» دەپ سورىدىم.
«ياق، بوۋامنى ساقلاپ تۇرۇڭ، دېدىم»، دېدى شياۋيۈ. تەئەججۈپلەنگەن ھالدا ئالدىمغا قاراپ، توكسىكىلىت مىنگەن بىر بوۋاينىڭ توختاي دەپمۇ توختىيالمايۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شياۋيۈ بوۋىسىنىڭ توكسىكىلىتىنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنى ئېلىۋالالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەن: «شياۋيۈ، مېنى تونۇمسىز؟» دەپ سورىدىم.
شياۋيۈ: «مۇئەللىم، مەن سىزنى تونۇيمەن، سىز ماڭا ئازراق مېڭىشىپ بېرەمسىز؟» دېدى.
ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ ھەر قانداق ئوقۇغۇچىغا مېڭىشىپ بېرىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى، لېكىن شياۋيۈگە كەلسەك، ئۇنىڭ بىر ئولتۇراق رايوندا بولمىساممۇ، ئۇنىڭ ئۆيىگە خېلى ئۇزۇن مېڭىپ بارىدىغان بولساقمۇ، مەن ئۇنىڭغا مېڭىشىپ بېرىشنى خالايتتىم. ئەمەلىيەتتە، شياۋيۈمۇ بەك ئىش ئۇقىدۇ، ئۇ بىزنىڭ يولىمىزنىڭ بىر ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ماڭا، «ئۇنداقتا سىز ماڭا مېڭىشىپ بەرسىڭىز بولمىغۇدەك» دېدى، مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا: «ھېچقىسى يوق، مەن چېنىقىۋاتىمەن، سىزگە مېڭىشىپ بېرەلەيمەن»، دېدىم.
شياۋيۈ خۇشاللىقتىن سەكرەپ كەتتى، شۇنداقلا ماڭا: «مۇئەللىم، بۈگۈن ما مەكتەپ مۇدىرى ماڭا بىر قاپ شاكىلات بەردى، جەمئىي ئالتە تال ئىكەن»، دېدى.
يولدا كېتىۋېتىپ، شياۋيۈ ماڭا سىڭلىسىنىڭ بەك ئوماق ئىكەنلىكىنى، ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. يۈن (سىنىپتىن چىقسىلا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان سىنىپ باشلىقى بولۇشى مۇمكىن)نىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ يەنە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باققانلىقىنى ئېيتتى. ئىتنىڭ ئىنسانلارنىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئىتتىن قورقىدىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن ماڭا ئىتقا قوپاللىق قىلماسلىقنى تاپىلىدى.
يول بويى كوتۇلداپ، ئېچىلىپ- يېيىلىپ ماڭدى. بەزىدە ماڭا ئەركىلەپ: «ھەجەپمۇ ھاردىم»، دەيتتى.
«ئەمىسە مەن بوخچىڭىزنى كۆتۈرۈشۈپ بېرەي!» دېسەم، شياۋيۈ دەرھال رەت قىلىپ: «ياق، ياق، خاتا چۈشىنىپ قاپسىز، سەت بولدى!» دېدى.
شياۋيۈنىڭ كوتۇلداشلىرىنى ئاڭلاۋېتىپ، خىياللىرىم ئىككى يىل بۇرۇنقى كۈز پەسلىگە قايتىپ كەتتى.
ئۇ باش كۈزنىڭ ئەتىگەنلىكى ئىدى، شياۋيۈ مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنى، چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا، تولۇقسىز بىرىنچى يىللىقنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇشى پۈتۈنلەي ئاياغلاشقان بولۇپ، تولۇقسىز بىرىنچى يىللىق 4- سىنىپنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى كارىدوردا بىر دادا بىر قىزنى دەرسخانىغا كىرىشكە ئۈندەۋاتاتتى، لېكىن ئۇ قىز بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يىغلاپ، دادىسىنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلمايۋاتاتتى، ئۇ قىز دەل شياۋيۈ ئىدى. شياۋيۈنىڭ دادىسىنىڭ ئېيتىشىچە، شياۋيۈ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالا بولۇپ، ئانچە گەپ قىلمايدىكەن، نورمال پىكىر ئالماشتۇرالمايدىكەن. بۇنداق ناتونۇش مۇھىتتا، ھەرقانداق كىشىنىڭ گېپىگە پىسەنت قىلمايدىكەن.
ئەڭ ئاخىرىدا، شياۋيۈ سىنىپ مۇدىرىنىڭ كۆپ قېتىم «بەزلەپ ئالدىشى» بىلەن ئاخىرى دەرسخانىغا كىردى. ئۇنىڭ دادىسى چوڭقۇر تىندى، ئاخىرى بۇ بالا سىنىپ مەسئۇلىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان بولدى، لېكىن بۇ بالىنىڭ چىرايىدا ئازراقمۇ ئىپادە يوق، كۆزلىرىنى يەرگە تىكىپ، ھېچكىمگە قارىمايتتى، ھېچكىمگە گەپ قىلمايتتى.
ئۇزاق ئۆتمەي، شياۋيۈگە يۈن ئىزچىل ھەمراھ بولىدىغان بولدى؛ كېيىن، شياۋيۈ باشقا يەرگە بارماقچى بولغاندا، يۈن بىكار بولماي قالسىلا، بىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ بىللە باردى؛ كېيىن، بۇ 4- سىنىپتىكى شياۋيۈ پۈتۈن مەكتەپنىڭ شياۋيۈسىگە ئايلاندى؛ كېيىن، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق، گەپ قىلمايدىغان، گەپ ئاڭلىمايدىغان بۇ بالىنىڭ غەمكىن چىرايىغا پات- پات تەبەسسۇم يۈگۈرىدىغان، پات- پات بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىدىغان بولدى، مانا بۈگۈن يول بويى توختىماي كوتۇلداپ ماڭدى.
ياڭشەن تەجرىبە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى بۇ ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكلىشى، كۆيۈنۈشى؛ ساۋاقداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى خۇددى قۇياش نۇرىدەك بۇ بالىنىڭ قەلبىنى يورۇتتى، ئۇنىڭ غېرىب، مۇزدەك قەلبى ئاستا- ئاستا ئېرىشكە باشلىدى. ھەر قېتىم ئۇنى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭ باشقا بالىلار بىلەن يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن بايقايتتىم. بۈگۈن ئۇچراشقىنىمىزدا، گەرچە ئۇنىڭ سوئالى، گېپىدىن سەل گۆدەكلىك چىقىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇ راستتىنلا مەن بىلەن نورمال پىكىر ئالماشتۇردى.
بالام، سىزنىڭ ياڭشەن تەجرىبە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە ھەر كۈنى ئالغا بېسىشىڭىزنى، ھەر كۈنى ھوسۇل ئېلىشىڭىزنى، ياڭشەندىن چىققىنىڭىزدا، تۇرمۇشقا كۈلۈمسىرەپ يالغۇز يۈزلىنەلەيدىغان بالا بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مائارىپنىڭ ئەسلىي مەقسىتى نېمە؟ بالىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىشكە ئاساسىمىز باركى، ھەر بىر تال گۈل پورەكلەپ ئېچىلالايدۇ، پەقەت چېچەكلەش مەزگىلى ئوخشاش بولمايدۇ، رەڭگى پەرقلىق بولىدۇ، پۇرىقى باشقا- باشقا بولىدۇ، خالاس.
بىز سىز بىلەن ئۇچراشقان كۈنلەردە، سىزنىڭ گۈلىڭىزنىڭ ئېچىلىشىنى سۈكۈت بىلەن كۈتىمىز.
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: سۇجوۋ شەھىرى ياڭشەن تەجرىبە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.