​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| قەھرىتان قىشتىكى ئىللىقلىق

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2023-08-31 16:01:49

 جياڭ چېڭيى

 12- ئايدىكى ئىزغىرىن شامالنىڭ سوغۇقىغا چىللىگۈلنىڭ خۇش ھىدى ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى، سىم- سىم يامغۇر تۇپراققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، بۇنداق گۈزەللىكنى ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز. ئاسمان شۇنچىكى كۆك، خۇددى دۇخاۋىدەكلا سىلىق. بۇلۇتلار شۇ قەدەر ئەركىن، ئازادە، پەقەت ئاشۇ ئىللىق پەيتلەرلا قەلبنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلانغانىدى.

 ھەپتە ئاخىرىدا دەرستىن قايتىپ كەلدىم. غۇيۇلداپ چىقىۋاتقان شامال خۇددى سوغۇق شەمشەردەك ئۇدۇلدىن ئۇرۇلۇپ، يۈزۈمنى ئېچىشتۇرۇپ تۇراتتى. شەپكەمنى چۆكۈرۈپ كىيدىم، ئۇ قاينام- تاشقىنلىقنى كۆرگۈم يوق، قۇلاقنى يارغۇدەك گۈدۈك ئاۋازىنى ئاڭلىغۇم يوق ئىدى. ۋېلىسىپىتلىك بىردەم ئۇدۇل ماڭغاندىن كېيىن، ئوخشاشلا ئاۋات بىر كىچىك كوچىغا كىردىم، دوقمۇشتا، ھاۋادا لەيلەپ تۇرغان شارلار كۆزۈمگە قىيا چېلىقتى، ئۇلار ناھايىتى ئوماق ئىدى. مەن شەپكەمنى ئېلىپ ئۇ ئوماق ئويۇنچۇققا تەپسىلىي قارىماقچى بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن مۇنداق بىر ئىللىق مەنزىرىنى كۆرۈپ قالدىم. شار سېتىۋاتقىنى 50 - 60 ياشلاردىكى بىر بوۋاي بولۇپ، ئۇنىڭ يۈزى يۇمىلاق ئىدى، قارامتۇل تېرىسى ۋە قورۇق باسقان يۈزى ئۇنى ئادەتتىن تاشقىرى ئاددىي- ساددا ۋە مۇلايىم كۆرسىتەتتى. بىر قىزچاق ئاپىسىنىڭ توكسىكلىتىدا ئولتۇرۇپ: «مۇنداق قىلىڭ، ئاۋۋال چىگىپ قويۇڭ، بولمىسا ئۇچۇپ كېتىدۇ»، دېدى. ھېلىقى بوۋاي شارنىڭ يىپىنى قىزنىڭ مۈرىسىدىن ئايلاندۇرۇپ، يەنە كېپىنەك شەكىللىك قىلىپ چىگىپ قويدى. «ئۆيگە بارغاندىن كېيىن ئېلىۋېتىڭ جۇمۇ» دېدى ئۇ قىزغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، قورۇقلارمۇ يېقىملىق قىياپەتكە كىردى. قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرى ئۇنىڭ يۈزىنى يورۇتۇپ تۇراتتى، مەن بىر پەس ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا، ئەگەر ھەممىسى كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ھال سوراش بولغان بولسا، ئۇنداقتا، نەقەدەر گۈزەل بولغان بولاتتى- ھە؟ شار بارغانسېرى يىراقلاپ كەتتى، لېكىن ئۇنىڭ سەمىمىي ھەرىكىتىنى مەن ئۇزۇنغىچە ئۇنتۇيالمىدىم.

 ئولتۇراق رايوندىن چىقىشىمغىلا، ھاۋادا تارقىلىپ تۇرغان خۇڭشۇنىڭ پۇرىقى دىمىقىمغا ئۇرۇلدى، مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي سېتىۋېلىپ قورسىقىمنى تويغۇزماقچى بولدۇم. خۇڭشۇ تېخى پىشمىغان ئىدى، مەن مەقسەتسىزلا جايىمدا ساقلاپ تۇرسام، تۇيۇقسىز «گۈپ» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، مەن ئەجەپلىنىپ كەينىمگە قارىدىم، ئەسلىدە بىر باغلام سولياۋ سېلىنچا ئۈچ چاقلىق ۋېلسىىپىتتىن چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن، سۈزۈك سولياۋ سېلىنچا يەردە ياتاتتى، خۇددى يەر يۈزى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەندەك تۇراتتى، ئۇنىڭ ئىگىسى دەرھال توختاپ، بۇرۇلۇپ يەردىن ئېلىۋالماقچى بولدى. بۇ چاغدا ئارقا تەرەپتىن بىر دالا ئاپتوموبىلى كېلىپ قالدى، مەن ئىختىيارسىز جىددىيلىشىپ كەتتىم، ئەگەر ئاپتوموبىل مېڭىۋەرسە، چوقۇم ئۇ پاكىز سولياۋ سېلىنچىنى بېسىپ ئۆتىدۇ، كىر يۇقۇپ قالسا، يۇيۇپ چىقىرىش تەس بولۇشى، يەنە شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى، ئۇنداقتا سولياۋ سېلىنچىنىڭ ئىگىسى زىيان تارتمامدۇ؟ مەن دەل شۇلارنى ئويلاۋاتقىنىمدا، ئۇ دالا ئاپتوموبىلى سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، سولياۋ سېلىنچا ئالدىدا توختىدى، ھەم ئالدىرىمىدى، سولياۋ سېلىنچىنىڭ ئىگىسى ھەممىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن قوزغالدى. «رەھمەت!» سولياۋ سېلىنچىنىڭ ئىگىسى دالا ئاپتوموبىلىغا قاراپ قولىنى پۇلاڭلاتتى. «قىزچاق، خۇڭشۇيىڭىز.» ئىللىقلىق ۋە تەسىرلىنىش ئىچىدە خۇڭشۇنىڭ پىشقانلىقىنى بايقىدىم.

 «قىزىق، ئېھتىيات قىلىڭ، خالتىنى چىڭ چەگمەي تۇرۇڭ.» تىجارەتچىنىڭ سۆزى خۇڭشۇ كۆتۈرۈۋالغان ماڭا تېخىمۇ ئىللىقلىق بېغىشلىدى. «ماقۇل.» مەن خۇڭشۇ بىلەن قولۇمنى ئىسسىتتىم، كاللامدا يەنە ئاشۇ ئىللىق دەقىقىلەر پەيدا بولدى، شامال سوغۇق بولسىمۇ، قەلبىم ئىللىپ قالغان ئىدى.

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: دۇجياڭيەن شەھەرلىك لى بىڭ باشلانغۇچ مەكتىپى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق