جۇ لۇڭجيې
تاكى بۈگۈنگىچە، مەن دائىم ئالدىنقى يىلى لوياڭ ۋاڭچېڭ باغچىسى ئالدىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغىنىمنى ئەسلەپ قالىمەن.
2021- يىلى 10- ئايدا، مېنىڭ بىر پارچە قىسقا يازمام «لوياڭ كەچلىك گېزىتى»دە ئېلان قىلىندى، بۇ، مېنىڭ پارتىيە گېزىتىدە ئېلان قىلغان «تۇنجى ئەسىرىم» ئىدى، ئۇ مېنىڭ ئوقۇشۇم ۋە يېزىقچىلىقىمغا زور ئىلھام بەردى. 10- ئاينىڭ 30- كۈنى، 2021- يىللىق «لوياڭ كەچلىك گېزىتى» ئوقۇرمەنلەر بايرىمى ۋاڭچېڭ باغچىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، مەن ھاياجانلىق ئىلكىدە ئۆگىنىشكە باردىم.
بەلكىم بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولۇشۇم مۇمكىن، ئۇ قېتىمقى «كىشىلەر ئولىشىۋالغان» ئوقۇرمەنلەر بايرىمىدا، مەن نەق پۇل ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، يان تېلېفونۇمغا ۋاقتىدا سۆزلىشىش ھەققى تۆلەشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
قايتىدىغان چاغدا، يان تېلېفونۇمغا قارىدىم، چاتاق، پۇل تۆلىمىگەنلىكتىن قەرز بولۇپ يان تېلېفون توختاپ قاپتۇ، ئېقىم مىقدارى ئۈزۈلۈپ قاپتۇ، كودنى سكاننېرلىغىلى بولمىدى. نېمىدېگەن توغرا كېلىش! بايا ۋاڭچېڭ باغچىسىدا، مەن تېخى دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن چىقارغانىدىم. ئون مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، بىر نەچچە قېتىم تېلېفون قىلىپ، 20 يۈەن نېسىگە سۆزلىشىش ھەققىنىمۇ ئىشلىتىپ بولغاندىمەنمۇ؟
ھەي، توردا پۇل تۆلەش دەۋرىدە، يان تېلېفون بولمىسا «بىر قەدەم مېڭىشمۇ تەس» ئىكەنغۇ، شۇ مىنۇتتىن باشلاپ «ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالىدىغانلىقى»نى ئويلاپ، مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.
نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ھەق تۆلەپ «يان تېلېفوننى ئېچىش» ئىدى.
مەن ئەتراپقا نەزەر سالدىم، يېقىن ئەتراپتا كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالى يوق ئىكەن. ئەتراپتىكى ماگىزىنلارنىڭ ئەينەك ئىشىكىگە «ساغلاملىق كودىنى كۆرسىتىڭ» دېگەن ئەسكەرتىش چاپلانغان بولۇپ، بىرەر ماگىزىنغا كىرىپ سىمسىز توردىن پايدىلىنىۋېلىش نىيىتىمدىن ياندۇردى. خالىغان بىر ئادەمنى تېپىپ، ئۇنىڭ يان تېلېفونىدا مېنىڭ تېېلفونۇمغا ھەق تۆلىتىپ، مېنىڭ يان تېلېفونۇم ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاندىن تېلېفون ھەققىنى ئۇ ئادەمگە قايتۇرۇپ بېرەي.
مەن مۇشۇنداق ئويلاپ، ۋوگزال سۇپىسىدىكى كىشىلەرگە ئاستىرىتتىن سەپسالدىم. بەزىلىرى قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ تاقىۋاپتۇ، بەزىلىرى ئۇياق- بۇياققا قاراۋېتىپتۇ، بەزىلىرى پىچىرلاپ مۇڭدىشىۋېتىپتۇ، بەزىلىرى بېكەت تاختىسىنى كۆرۈۋېتىپتۇ، بەزىلىرى بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىۋېلىپ ئۇياق- بۇياققا قاراۋېتىپتۇ، بەزىلىرى ئالدىراش يانچۇقىدىن پارچە پۇل ئىزدەۋېتىپتۇ.
پەقەت بىرلا ياشانغان كىشى بېكەت ئورۇندۇقىدا بىخىرامان ئولتۇرۇپتۇ، ئانچە ئالدىراش ئەمەستەك قىلاتتى.
كىمگە گەپ قىلسام بولار؟
ئەگەر باشقىلار مېنى ئالدامچى دەپ قالسا ياكى يۈزۈمگىلا رەت قىلسا، ئۇنداقتا بەك سەتچىلىك بولاتتى! مەن ئىككىلىنىپ تۇرغاندا، ئاپتوبۇسلار بېكەتتە توختاپ، مېڭىپ، ئادەملەر چىقىپ، چۈشۈپ تۇردى، لېكىن مەن باشتىن- ئاخىر پىسخىكا ئۆتكىلىدىن بۆسۈپ ئۆتەلمەيۋاتاتتىم.
ماسكىمۇ ئىچىمنى سىقىۋەتتى، پېشانەمدىن ئۇششاق تەر تەپچىرەشكە باشلىدى.
تۇيۇقسىز، يېقىملىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: «يىگىت، بىرەر يېرىڭىز بىئارام بولۇۋاتامدۇ؟»
مەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە بېشىمنى بۇرىدىم، ھېلىقى بوۋاي ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.
«مەن ... » ئاغزىمنى ئۆمەللەپ توختاپ قالدىم، كۆڭلۈمدە چوڭ ياشلىق كىشىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئوينىشى ناتايىن دەپ ئويلىدىم.
«پۇلىڭىز يىتىپ كەتتىمۇ ياكى يان تېلېفونىڭىز يىتىپ كەتتىمۇ؟»
«ھېچقايسىسى ئەمەس ...» مەن ئۇنىڭ شۇنچە قىزغىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئەھۋالنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈردۈم.
«سىز نېمىشقا بالدۇرراق دېمەيسىز؟ مانا، مېنىڭ يان تېلېفونۇمدا پۇل قاچىلاڭ، ئېلىڭ! مەن ئېنىق كۆرەلمەيمەن.»
«بۇ ... بۇ ... بۇ بەك قولايسىز بولارمۇ، سىزنىڭ ئېكران قۇلۇپى شىفىرىڭىز بىلەن پۇل تۆلەش شىفىرىڭىزنى مەن بىلىپ قالمايمەنمۇ؟»
«ھا، ھا، ھا، مەن قورقمىسام، سىز نېمىدىن قورقىسىز!» ئۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن قاقاقلاپ كۈلگەچ يان تېلېفونىنى ماڭا سۇندى، ئۇنىڭ سەمىمىي پوزىتسىيەسى خۇددى باھارنىڭ ئىللىق ئېقىمىغا ئوخشاش كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە پۈتۈن بەدىنىمگە تارالدى.
كىشىلەر ئارىسىدا ئەزەلدىن مېھىر- شەپقەت بار. بەزىدە، تاسادىپىي تونۇشۇپ قالغاندا ئەھۋال سوراش، ئوچۇق چىراي، كىچىككىنە ياردەم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشىمىزنى راھەت ھېس قىلدۇرىدۇ، كەيپىياتىمىزنى بىردىنلا ئوڭشىۋېتىدۇ.
قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان كىشىدىن كەلگەن ياردەمنىڭ بىزگە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم!
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى رۇياڭ ناھىيەلىك تەجرىبە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.