​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئاشۇ بىر ئېغىز سۆز ھازىرغىچە ئېسىمدە

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2023-09-07 17:23:50

ياڭ يۈەنفاڭ

 دۇنيا ناھايىتى چوڭ ھەم ناھايىتى كىچىك، ئىنچىكە يەرلەرگىمۇ پۈتۈن ئالەم سىغىدۇ، قىسقىغىنە جۈملىلەرمۇ زور ئىللىقلىق بېرەلەيدۇ.

 باھار بايرىمىدىن بۇرۇن، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۆيگە كېتىۋاتقان يول ئۈستىدە قىزىل چىراغدا توختاپ تۇرغان ئارىلىقتا، ئىزغىرىن شامالدا تۇرغان بىر ساقچى تاغىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ كىيىم- كېچەكلىرى ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھەر تەرەپتىن ئۇرۇپ، ياقا، يەڭلەردىن كىرىۋاتقان سوغۇق شامالنىڭ دەستىدىن مۇزلاپ تىترەپ كېتىۋاتقان كىشىلەر كىيىملىرىگە بارغانسېرى چىڭ يۆگىنەتتى، لېكىن ئۇ يەنىلا قەددىنى تىك تۇتۇپ، يول ئېغىزىدا قاتناشقا تەرتىپلىك قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئورا كۆزلىرىنىڭ ئەتراپىنىڭ قارىداپ كەتكەنلىكىدىن ئۇنىڭ بۇ خىزمەتكە كېچە- كۈندۈز مەسئۇل بولغانلىقى ۋە خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. ئۇ نەپەسلەنگەندە ئاغزىدىن توختىماي ئاپئاق ھور چىقىپ تۇراتتى، ئىككى قولى توڭلاپ قىزىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن قول ئىشارىتى قىلغاندا يەنىلا ناھايىتى چەبدەس ئىدى. جاڭخۇا يولى بىلەن شەرق شامىلى يولى كېسىشكەن يول ئېغىزىدا − ئەڭ بېسىق، قاتناش قىستاڭ يول ئېغىزىدا ئۇ ناھايىتى جاي-جايىغا كەلتۈرۈپ قوماندانلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئادەملەر بىلەن ئاپتوموبىللار ئايرىلىپ مېڭىۋاتاتتى، ئازراقمۇ قالايمىقانچىلىق كۆرۈلمىگەن ئىدى. ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغان مېنىڭ قەلبىمدە ئىختىيارسىز بىر خىل ئىللىق ئېقىم پەيدا بولدى.

2023- يىلى باھار بايرىمىنىڭ ئالدىدا، يەنىلا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرغان ساقچى تاغىلار.

ئەڭ بېسىق قاتناش يول ئېغىزىدا جاي- جايىغا كەلتۈرۈپ قوماندانلىق قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى.

 نۆلدىن تۆۋەن يەتتە سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلاشقان بۇ ھاۋادا ساقچى تاغىلار خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، بۇ كىچىك شەھەردىكى ھەر بىر يولۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىماقتا ئىدى. مەن ئۇنىڭ تىك قەددىگە ۋە ئەستايىدىل قىياپىتىگە قاراپ، 2014- يىلى 6- ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ۋاقتىمدا، باشقا جايغا ئەۋەتىۋېتىلگەن نوپۇسنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولغان ئىشنى ئەسلەپ قالدىم. مەنمۇ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي، يول ئېغىزىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ساقچى تاغىدىن ئۇدۇللا سورىدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ مېنىڭ تەنتەكلىكىمدىن ئاغرىنمايلا قالماستىن، ئەكسىچە سەۋرچانلىق بىلەن ماڭا جاۋاب بېرىپ، مېنى نۆۋەتچىلىك قاراۋۇلخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ، قەغەز- قەلەم ئېلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ كونكرېت ئورنىنى ئېيتىپ بەرگەچ، قەغەزگە يەنە ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك نەرسىلىرىمنى يېزىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ماڭا قايسى ۋاقىتتا ئادەم سەل ئازىيىپ تېخىمۇ قولايلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. مەن ئالدىراپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىم، گېپىم تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئۇ يېزىپ بولغان قەغەزنى ماڭا بەردى. ئۇ مېنىڭ قوشۇمامنىڭ تۈرۈلگىنىنى كۆرۈپ، مېنى پاراڭغا تۇتتى، مېنىڭ خىزمەت ئىزدەش ھەلەكچىلىكىدە پايپېتەك بولۇپ يۈرگەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ نۆۋەتچىلىك قاراۋۇلخانىسى يېنىدىكى قەغەز خالتىدىن بىر بوتۇلكا سۇنى ئېلىپ ماڭا سۇندى، مەن ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ مۈرەمگە شاپىلاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ھېچقىسى يوق، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خىزمەت ئىزدەيدىغان ئىشقا ئالدىرىغىلى بولمايدۇ، ئاستا- ئاستا پۈتىدۇ، سىلەر داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشتىكى سەرخىللار، خاتىرجەم بولۇڭ! ياخشى خىزمەت تېپىشىڭىزغا تىلەكداشمەن، غەيرەت قىلىڭ!» دېدى. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ ماڭا قاراپ باشمالتىقىنى چىقاردى، خۇددى دادىسىنىڭ قىزىغا بولغان ئەڭ ئاددىي مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە تىلىكىدەك. ئۇ كۈنى ئەسلىدىنلا ئىچىم تىتىلداپ تۇرغان ۋە نېمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرغان مېنى ئۇ بىلىپ- بىلمەيلا ساقايتىپ قويدى. ھەتتا، كېيىن ھەر قېتىم يول ئېغىزىدا قاتناشقا قوماندانلىق قىلىۋاتقان ساقچى تاغىلارنى كۆرگىنىمدە، بىر خىل كۈچلۈك تونۇشلۇق ۋە يېقىنلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدىغان بولدى.

 ھازىر خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا كۆپ يىل بولدى، ھەر قېتىم ئۆيگە قايتىش يولىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسىنى كۆرگىنىمدە، ئۇنى ئەسلەپ قالىمەن. ئاشۇ چۈشتىن كېيىن مەن ئېرىشكەن گۈزەللىك ۋە ئىللىقلىقمۇ خۇددى ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىي سۆزلىرى بىلەن بىللە بۇ يىلقى قەھرىتان قىشقا يېتىپ كەلگەندەك بولىدۇ، خۇددى مەيىن شامال يۈز چاقىرىملىق ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتكەندەك، قۇشلار دەرەخ شاخلىرىدا سەكرەپ يۈرگەندەك، باھار چەكسىز يېقىنلاپ كەلگەندەك، ئەڭ ئىللىق قۇياش نۇرى بۇ يەرگە چېچىلغاندەك، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئۇزۇن كەتكەن يولۇم تېخىمۇ يورۇپ كەتكەندەك ...

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خۇبېي ئۆلكىسى چيەنجياڭ شەھەرلىك تيەنجيابىڭ تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق