لى خۇاگو
بىر قېتىم بىر كونا كىتابنى ۋاراقلاۋاتقىنىمدا، كىتاب قېتىدىن تاساددىپىي سارغىيىپ كەتكەن بىر پوچتا ماركىسى چىقىپ قالدى.
ئۇ بىر نەچچە يىل ئىلگىرى تارقىتىلىش مىقدارى خېلى كۆپ بولغان ھەم ئادەتتىكى پوچتا ماركىسى بولۇپ، ئۈستىگە ئۆينىڭ سۈرىتى ۋە «شاڭخەيدىكى خۇسۇسىي ئۆيلەر»، «جۇڭگو خەلق پوچتىسى»، «20 پۇڭ» قاتارلىق خەتلەر بېسىلغان ئىدى. ئۇ تونۇش كۆرۈنۈش ماڭا بۇرۇنقى ئەسلىمىلىرىمنى ئەسلەتتى.
1993- يىلى، مەن ئەمدىلا تولۇقسىز 1- يىللىققا، ئاچام تولۇقسىز 2- يىللىققا چىققان ئىدۇق، نەتىجىدە بىر قېتىملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاچام بىر يۇرتدىشىمىز بىلەن يوشۇرۇنچە جەنۇبقا ئىشلىگىلى كېتىپ قاپتۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئالتە بەتلىك سالام خەت يېزىپ ئەۋەتىپتۇ.
مەن مەكتەپتە، ئېنىق ئورۇن ئادرېسىم بار، خەت تاپشۇرۇۋېلىشقا قولاي ئىدى، ئاچام خېتىنى مېنىڭ ئادرېسىمغا ئەۋەتىپتۇ. ئۇ خېتىدە، ئۆزىنىڭ ئۇ يەردە ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، زاۋۇتتا ئايمۇ ئاي مائاش تارقىتىدىغانلىقىنى، ۋاقتى كەلگەندە يىغقان بىر نەچچە ئايلىق مائاشىنى بىراقلا ئەۋەتىدىغانلىقىنى، مېنىڭ ۋە ئاتا- ئانامنىڭ ئەنسىرىمەسلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭمۇ ئوقۇغۇسى بار ئىدى، نەتىجىسىمۇ يامان ئەمەس ئىدى، ئاپتاپقا دۈمبىسىنى قاقلاپ، ئېتىزدا مۈكچىيىپ جاپا تارتىۋاتقان ئاتا- ئانامنىڭ نەچچە بالىنىڭ ئوقۇش پۇلىنىڭ غېمىنى يېيىشىگە ئىچى ئاغرىپ، قەتئىيلىك بىلەن جەنۇبقا كەتكەنىدى، ئۇ مېنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمنى ئۈمىد قىلغانىدى. خەتنى ئوقۇۋېتىپ، كۆز چاناقلىرىم ئىختىيارسىز نەملەشتى. ئەسلىدە ئاچامنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنىشى مېنى مۇرادىمغا يەتكۈزۈش، ئاتا- ئانامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئىكەن.
خەتنى ئوقۇپ ئاخىرىغا كەلگەندە، يەنە بىر قۇر قوشۇمچە سۆزنى كۆردۈم: «كونۋېرتنىڭ ئىچىدە بىر دانە يېڭى پوچتا ماركىسى بار، سەن جاۋاب خەت ئەۋەتكەندە ئىشلەتكىن». مەن كونۋېرتنىڭ ئىچىگە باشقىدىن قاراپ، ئىچىدە دەرۋەقە بىر يېپيېڭى پوچتا ماركىسى تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. گەرچە ئۇ پوچتا ماركىسى ئاران ئىككى موغا ئەرزىسىمۇ، لېكىن ئۇ مېنىڭ ئەينى چاغدىكى بىر ۋاقلىق تاماق پۇلۇم ئىدى. مەن ئۇ پوچتا ماركىسىنى قولۇمدا چىڭ سىقىمداپ تۇرۇپ، چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.
ئاچام ھەر قېتىم خەت يازغاندا كونۋېرتنىڭ ئىچىگە بىر يېڭى پوچتا ماركىسىنى سېلىپ ئەۋەتەتتى، مەن ئۇ يېڭى پوچتا ماركىسىنى كونۋېرتنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكىگە راۋۇرۇس قىلىپ چاپلاپ قوياتتىم، ئۇ قېرىنداشلىق مېھرى تولغان يول خېتىگە ئايلىنىپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، ئۆيدىكى يېڭى ئىشلار توغرىسىدىكى تەسۋىرلىرىم، ئۆگىنىش، تۇرمۇش توغرىسىدىكى تەسىراتىم، ياشلىق باھارىمغا بولغان تەلپۈنۈشلىرىمنى ئاچامنىڭ يېنىغا ئېلىپ باراتتى.
كېيىن مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇدۇم، ئاچامدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا جاۋاب خەت يازالمىدىم. ئاچام تېلېفون قىلىپ سەۋەبىنى سورىدى، ئەسلىدە مەن شۇ كۈنلەردە ئىمتىھان بېرىش بىلەن بولۇپ، خەت يېزىشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم. ئۇ ماڭا: «بۇنىڭدىن كېيىن خەت يازما، ئۆگىنىشىڭگە تەسىر يېتىپ قالمىسۇن، مۇھىم ئىش بولسا تېلېفون قىلساڭلا بولىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئاچام ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئەۋەتكەن پوچتا ماركىسىنى كىتابقا قىستۇرۇپ قويدۇم، ئىزچىل ئىشلەتمىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن داشۆدە ئوقۇدۇم، باشقا جايدا خىزمەتكە قاتناشتىم، ئاچام يەنىلا جەنۇبتا ئىشلەۋەردى، ئوتتۇرىمىزدىكى ئالاقە يەنە كۆپەيدى، يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرىدىنQQ غا ئۆتتۇق، ئۇنىڭدىن ۋېيشىنغا كۆچتۇق، ئالاقىلىشىش بارغانسېرى قولايلاشتى. ئاچام شۇ چاغدىلا ماڭا، ئەمەلىيەتتە جەنۇبقا يېڭى كېلىپ ئىشلىگەندە، زاۋۇتنىڭ تاماق، ياتاق شارائىتىنىڭ ناھايىتى ناچار ئىكەنلىكىنى، مېنى ۋە ئاتا- ئانامنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دەپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى بىزگە ئېيتمىغانلىقىنى ئېيتتى... ھازىر ئۇ چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق پىشقان تېخنىك ئىشچىغا ئايلىنىپتۇ، زاۋۇتنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلىنىپتۇ، تەمىناتىمۇ كاپالەتكە ئىگە بوپتۇ.
ئالاقىلىشىش تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، پوچتا ماركىسى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلىدىغان بولدى، بەلكىم كۆپ يىللاردىن كېيىن پەقەت مۇزېيدىلا كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ پوچتا ماركىسىنىڭ كەينىدىكى ھېكايىنى ئەسلىشىمىز، ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشلىرىمىزنى ياد ئېتىشىمىز مەڭگۈ يوقالمايدۇ.
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خۇبېي ئۆلكىسى ئېنشى شەھەرلىك 3-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.