يۈ خۇي
ئىللىق قۇياش پارلاپ تۇرغان سەھەردە، مەن ئادەتتىكىگە ئوخشاش مەكتەپكە كىردىم. ۋاراڭ- چۇرۇڭ ئىچىدە، بىر پىكاپ ئۇچقاندەك ئۆتۈپ، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەتتى. بىر چەتتە غۇژمەكلىشىۋالغان بالىلار ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغانىدى، مېنىڭمۇ يۈرىكىم ئېغىپ كەتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گېپىدىن ئۇقسام، ئەسلىدە 3- يىللىقنىڭ سىنىپ مۇدىرى شۈ شەن مۇئەللىم ئالدىراپ دەرسخانىغا كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئوڭ پۇتىنى قايرىۋېلىپ، قىمىر قىلالماي قاپتۇ. ئاغرىققا چىدىماي نالە قىلىشى بالىلارنى چۆچۈتۈۋېتىپتۇ، شۈ مۇئەللىم مانا مۇشۇنداق قىلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. بەختكە يارىشا سۆڭىكى سۇنماپتۇ، پەقەت يۇمشاق توقۇلمىلىرى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىپتۇ. دوختۇر: «يەرگە چۈشمەي يېتىپ بىر مەزگىل ياخشى ئارام ئېلىڭ» دەپ تاپىلاپتۇ.
ئۆيگە قايتقان شۇ كۈنى، شۈ مۇئەللىمنىڭ ياداڭغۇ چىرايىدىن يەنىلا ئاغرىقتىن ئازابلىنىۋاتقانلىقى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. زارىقىپ تۇرغان بىر توپ بالا مۇئەللىمنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، توپ- توپ بولۇپ مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە (مەكتەپنىڭ ئىچىدە) قىستىلىشىپ كىردى، بەزى بالىلار مۇئەللىمنى كۆرۈپلا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى، بەزى بالىلار بوغۇق ئاۋازدا مۇئەللىمنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى ... شۈ مۇئەللىم كۈلۈپ تۇرۇپ بالىلارغا ھېچ ئىش بولمىغانلىقىنى ئېيتتى، ئاندىن مېھىر بىلەن ھەر بىر بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئۇلارنى قوشۇپ قۇچاقلىدى، ئۇزاققىچە قويۇۋەتمىدى. قىسقىغىنا سۈكۈتتىن كېيىن، شۈ مۇئەللىم بالىلارغا ئاۋۋال دەرسخانىغا قايتىش توغرىلىق ئىشارەت قىلدى. كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بالىلارنىڭ چىقىپ كەتكۈسى يوق ئىدى، لېكىن مۇئەللىمنىڭ دەم ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئۇلار يەنىلا ياۋاشلىق بىلەن مۇئەللىمنىڭ گېپىگە كىردى. دەرسخانىغا قايتىپ كىرگەن بالىلارمۇ باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك، ئىلگىرىكىدەك كەپسىزلىك قىلماي، ئوقۇتقۇچى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، جىمجىت ئۆگىنىش قىلىشقا باشلىدى.
ئارقىدىن، شۈ مۇئەللىم ئۆيىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، ئېرىگە ھاپاش بولۇپ دەرسخانىغا بېرىپ دەرس ئۆتۈشنى قارار قىلدى. ئېرى ئايالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەتتى، ئايالىنىڭ بالىلاردىن خاتىرجەم بولالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئەمما ئۇ دوختۇر تاپىلىغان «يەرگە چۈشمەي ئارام ئېلىش»نىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا، شۈ مۇئەللىمنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن ئېرى يەنىلا قوشۇلدى. چۈشتىن كېيىن دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىشى بىلەن، مەكتەپ ھويلىسىدا بىر جاپاكەش سىيما پەيدا بولدى، شۈ مۇئەللىم ئېرىگە ھاپاش بولۇپ ئوقۇتۇش بىناسىغا كىردى. مۇئەللىمنى كۆرگەن ئاشۇ دەقىقىدە، بالىلار ھەممىسى خۇشاللىقىدىن چۇرقىرىشىپ كەتتى، مۇئەللىمنى ئورىۋېلىپ توختىماي سۆزلەپ كەتتى. مۇئەللىم ساۋاقداشلارنىڭ يۆلىشى بىلەن مۇنبەر ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى باشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە، ئېرىنىڭ ئايالىنى يۈدۈپ دەرسكە ئېلىپ ماڭغان سىيماسى مەكتەپ ئىچىدىكى بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى.
ئۇ كۆرۈنۈش مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى ھەم ئىلھاملاندۇردى. بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزەرىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى ھەممىدىن مۇھىم، دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنغاندا، ھەر قانچە چوڭ قىيىنچىلىقمۇ ئۇلارنىڭ دەرس مۇنبىرىگە چىقىش ئىرادىسىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ئۈچ چى كېلىدىغان مۇنبەر ئۇلارنىڭ ئىستىھكامى، ئىككى پۇتى بىلەن مۇنبەردە دەسسەپ تۇرغاندىلا، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ كۆڭلى ئاندىن ئەمىن تاپىدۇ، ئاندىن خاتىرجەم بولىدۇ.
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: ۋۇخەن شەھىرى خۇاڭپو رايونى ليۇجى كوچىسى جيەنگو باشلانغۇچ مەكتىپى)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.