​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| دادام ئېلىپ بەرگەن يۆبىڭ

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2023-09-15 12:50:24

 زۇبىن

 ھەر قېتىم جۇڭچيۇ كەلسە، قەلبىمدە يۆبىڭ سەۋەبىدىن ئۆكۈنۈش پەيدا بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە يۆبىڭ ئادەتتىكى نەرسە بولۇپ قالدى، ھەر قانچە ئالىي دەرىجىلىك نەپىس يۆبىڭمۇ كىشىنى ئۇنداق قىزىقتۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى، لېكىن 30 نەچچە يىل ئىلگىرى، يۆبىڭ مېنىڭ قەلبىمدە شۇقەدەر قىممەتلىك ئىدى.

 ئۇ چاغدا ئائىلىمىز ناھايىتى نامرات بولۇپ، ئاتا- ئانام يەر تېرىپ نومۇر ئېلىپ پۈتۈن ئائىلىمىزنى باقاتتى. ھېيت- بايراملاردا، ئۆيگە ياخشى يېمەكلىكلەرنى ناھايىتى ئاز سېتىۋالاتتۇق، ئادەتتىكى چاغلاردا قورسىقىمىز تويسىلا بولاتتى. جۇڭچيۇ بايرىمىدا يۆبىڭ يېيىش بۇنىڭ سىرتىدا ئىدى. يېزىدا مۇنداق بىر ئادەت بار ئىدى، جۇڭچيۇ بايرىمىدا، ياتلىق بولۇپ چىقىپ كەتكەن قىز چوقۇم ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ ئاتا- ئانىسىنى يوقلايتتى. ئائىلىسى ھەر قانچە نامرات بولسىمۇ، بايرامدا قىز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قۇرۇق قول قايتسا بولمايتتى، ھېچ بولمىغاندا بىر بولاق يۆبىڭ سېتىۋېلىشى كېرەك ئىدى، بولمىسا چوڭلارنىڭ ئالدىدا سەت تۇراتتى، يەنە قولۇم- قوشنىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالاتتى. ھەر يىلى جۇڭچيۇ بايرىمىدا ئاپام دائىم ئەينى چاغدىكى ئەڭ ئەرزان بەش خىل مېغىزلىق يۆبىڭ (10 دانىسىنى ئىككى يۈەندىن كۆپرەك پۇلغا بېرەتتى) سېتىۋېلىپ مومامنى يوقلاپ باراتتى، چۈشتىن كېيىن قايتىدىغان ۋاقتىدا، مومام دائىم ئاپامغا «يېرىمىنى ئېلىپ كېتىپ، بالىلىرىڭغا يېگۈزگىن»، دەيتتى. گەرچە ئانام يېرىم بولاق يۆبىڭنى قايتۇرۇپ كېتىشتىن خىجىل بولسىمۇ، لېكىن مومام دائىم «بۇ مېنىڭ نەۋرىلىرىمگە بەرگىنىم»، دەپ تۇرۇۋالاتتى. ئاپام گەرچە قايتا- قايتا رەت قىلسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا بىر نەچچىنى ياندۇرۇپ كېلەتتى.

 بىر يىلى جۇڭچيۇ بايرىمىدا، ئاپام بالدۇرلا يۆبىڭ سېتىۋېلىپ، مومامنى يوقلاپ بارماقچى بولدى، مەن «بىللە بارىمەن» دەپ غەلۋە قىلدىم، ئاپام قايتىپ كەلگىچە ماڭا چوقۇم ئىككى دانە يۆبىڭنى ئارتۇق ئالغاچ كېلىشكە ماقۇل بولغاندىن كېيىن، ئاندىن قېلىپ قالدىم. چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپلا، ئاپامنى «بالدۇرراق كەلسىكەن»، دەپ قاراشقا باشلىدىم، لېكىن ئاپام ئۆيگە كەلگەندە، ئۇنىڭ سومكىسىدىن بىر دانىمۇ يۆبىڭنى تاپالمىدىم، مەن دەرھاللا ئاچچىقلاپ، ئاپامنىڭ مېنى ئالدىغانلىقىدىن، مومامنىڭ 10 دانە يۆبىڭنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ قالغانلىقىدىن قاقشىدىم. ئەمەلىيەتتە، ئۇ كۈنى مومام ئۆيدە يوق ئىكەن، ئاپام يۆبىڭنى قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويۇپتۇ، ئەلۋەتتە، ئۇ يېرىم بولاق يۆبىڭنى ئېلىپ ئۆيگە قايتالمايدۇ- دە؟ يۆبىڭ يېيەلمىگەچكە، ئەينى چاغدا غەرەز ئۇقمايدىغان مەن قېيداپ، ئاتا- ئانامغا پىسەنت قىلماي، كەچلىك تاماقتىن نەچچە قوشۇق يەپلا ئۆزۈم كارىۋاتقا چىقىپ يېتىۋالدىم.

 ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرسام، ئويلىمىغان يەردىن تاماق ئۈستىلىدە بىر بولاق يۆبىڭ تۇرۇپتۇ، ئورالما قەغەزدىن چىقىۋاتقان يۆبىڭنىڭ مەززىلىك پۇرىقىنى پۇراپ، قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىمنى دېمەيلا قوياي. دادام كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا: «تۈنۈگۈن يۆبىڭ يېيەلمىگەن ئىدىڭ، بۈگۈن تولۇقلىدۇق، بۇنى بايىلا بازاردىن سېتىۋالغان، ھازىر كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلمىساڭمۇ بولىدۇ»، دېدى. ئەمەلىيەتتە، مەن دادامنىڭ يۆبىڭ سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ئەسلىدە ئاشقازان دورىسى سېتىۋالماقچى بولغان پۇلنى خەجلىۋەتكەنلىكىنى نەدىن بىلەي. ئۇ چاغلاردا، دادامنىڭ دائىم ئاشقازان كېسىلى قوزغىلىپ قالاتتى، دوختۇر رېتسىپ يېزىپ ئۇنى دورا دۇكىنىدىن سېتىۋېلىشقا بۇيرىغان ئىكەن، لېكىن دادام دورا سېتىۋالىدىغان پۇلغا ئالدى بىلەن ماڭا يۆبىڭ ئېلىپ بېرىپتۇ.

 ئاپام كېيىن ماڭا بۇ ئىشنى ئېيتىپ بەردى، مەن ئۆزۈمنىڭ بەغەرەزلىك قىلغانلىقىمدىن قاتتىق ئازابلاندىم. دادامنىڭ دورا سېتىۋېلىشقا قىسىنىپ بۇ يۆبىڭنى ئېلىپ بەرگەنلىكىنى ئويلىسام ھەم چوڭقۇر ئۆكۈنىمەن، ھەم كۈندىن- كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ تۇرمۇشنى بەك قەدىرلەيمەن.

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى يۈلىن شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق