دۇ كېكې
يىللارنى قىرو قاپلىدى، شىمال شامىلى سالقىن چىقىشقا باشلىدى. سىم- سىم يېغىۋاتقان يامغۇر تامچىلىرى دېرىزە راملىرىغا يېنىك ئۇرۇلدى. يامغۇر تاش پەلەمپەيگە چۈشتى، تىك- تاك، تىك- تاك، خۇددى قاپىيەگە ئوخشاش، سىلىق- سىپايە ھالدا بىر- بىرلەپ شېئىر مىسرالىرىغا ئايلىنىپ، گۈزەل مەنزىرىگە ئايلانغاندەك بىلىندى. يىراققا دىققەت بىلەن نەزەر سالغاندا، چىراغ نۇرى قاتارلىشىپ بىر قۇر بولۇپ، لەرزان خىياللاردەك، شۇ كېچىدىكى ئەڭ ئىللىق قىياپەتنى ھاسىل قىلدى.
ئاشۇ يىلىنىڭ ئاشۇ كۈنى، ئىسمېنىدىن چۈشكىنىمدە كەچ سائەت 9دىن ئاشقانىدى، خىزمەتدىشىم مېنى ئاپىرىپ قويۇشتا چىڭ تۇردى، ئۇنىڭ ئىڭەلەپ يىغلاپ تۇرغان ئېمىتىدىغان بالىسى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، سىلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلدىم. نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، تولۇق جابدۇنۇپ، ئامراق توكسىكلىتىمنى مىنىپ، ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.
باش باھار كېچىسى، شامالنىڭ يەنىلا ئازراق سوغۇقى بار ئىدى، غۇۋا يول چىرىغى ئاستىدا، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دەرەخلەرنىڭ سايىسى ئۇزىراپ، شۇنچىلىك ئاجىز كۆرۈنەتتى. بۇ كوچا ئەسلىدىنلا ئاۋات ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھاۋا سەل سوغۇق بولغاچقا، ئادەم ساناقلىقلا ئىدى. ئاندا- ساندا ئىتنىڭ قاۋاشلىرى ئاڭلىنىپ قالسا، ئادەمنى سۈر بېسىپ كېتەتتى، مەن بىخەتەرلىك قالپىقىنى چۆكۈرۈپ كىيىپ، توكسىكلىتنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدىم.
مەن ئالدىرايمەن ماڭغىلى، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى، دېگەندەك، مەن قانچە ئالدىرىغانسېرى توكسىكلىتىم شۇنچە سىلىق ماڭمايۋاتاتتى، كۆرۈش قۇۋۋىتىم ئەسلىدىنلا ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، قورقۇپ تۇرغاچقا تەكشى بولمىغان يول شۇنچە ئوڭغۇل- دوڭغۇل بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئىچىمدە غۇدۇراشقا باشلىدىم، تۇيۇقسىز، كەينىمدىن ئاپتوموبىلنىڭ نۇرى كېلىپ، سايەمنى ئۇزارتىۋەتتى، ئالدىمدىكى يولمۇ يورۇپ كەتتى. ئەينى چاغدا ئۆزۈممۇ كۆپ ئويلانماي، يەنىلا ھالىم خاراب ھالدا ئالغا ئىلگىرىلىدىم، ئويلىمىغان يەردىن، بۇ نۇر مەندىن زادى ئايرىلمىدى، مەن تېزلىسەم، ئۇمۇ تېزلىدى، مەن توختىسام، ئۇمۇ توختىدى. «ھەي، ئەمدى قانداق قىلارمەن؟» ئىلگىرى تېلېۋىزوردا كۆرگەن ھەر خىل ۋەھىمىلىك كۆرۈنۈشلەر كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ، قورققىنىمدىن سوغۇق تەرلەپ كەتتىم، ئون مىنۇتلۇق يول تۇرۇقلۇق، ئۆيگە بارالمايۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. ئاخىرى، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تەپكىنى تېپىپ، بار كۈچۈمنى چىقىرىپ، توكنى قۇلاققىچە بۇراپ، ئاران تەستە مەھەللىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدىم، مەن چوڭقۇر تىندىم، يەنە ئالايىتەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئۇ ئاپتوموبىلغا قارىدىم. ئويلىمىغان يەردىن، ئاپتوموبىل ئىشىكىنىڭ ئەينىكى چۈشۈرۈلدى، شۇ دەقىقىدە، مەن گاڭگىراپ قالدىم، ئۇ بىر ناتونۇش قىزچاق ئىدى. ئۇ پىخىلداپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ھەدە، سىزنى قورقۇتۇۋەتمىگەن بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۆيگە كېلىۋالدىڭىز، خەير- خوش» دېدى. يىراقلاپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ كۆلەڭگىسىگە قاراپ، مەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي جايىمدا تۇرۇپ قالدىم، ئىچىمدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان شېئىر- نەزمىلەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈز بەرگەن تەسىرلىنىشكە باش ئەگدى، پەقەت يارىماس ياشلىرىملا كۆز چاناقلىرىمدا لىغىرلاپ تۇراتتى.
بۇ دۇنيادا ھامان بىرئاز ئىللىقلىقلار، سىز بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالىدۇ. گەرچە كېيىن مەن ئۇ قىزنى قايتا كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇ ماڭا بەرگەن تەسىرلىنىش ۋە ئىللىقلىق ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى.
يىللار ئوغرىغا ئوخشايدۇ، ھەمىشە ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى تۇيدۇرماي ئېلىپ كېتىدۇ؛ لېكىن ھامان بىر خىل چىن قەلبتىن ئۇرغۇپ چىققان ياخشى نىيەت ۋاقىتنى كېسىپ ئۆتۈپ، داۋاملىشىدۇ. بۇ سوغۇق باھاردا، ناتونۇش كىشىنىڭ ياخشى نىيىتىنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن ئىللىقلىق ھېس قىلدىم. بۇ كىشىلەر ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەتكۈزۈلۈۋاتقان ياخشى نىيەت ئۆزئارا ھەقىقىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇ بىر خىل ئويلىمىغاندا يۈز بەرگەن، ئۈمىد ئۈستىدىكى خۇشاللىق. «سىز بىلەن مېنىڭ تەقدىرىم بىر ئەمەس»، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ بېكىتىلگەن يولىدا ياشايدۇ. ئويلىمىغان يەردە، تۇيۇقسىز ناتونۇش كىشىلەردىن كەلگەن ياخشى نىيەتنى قوبۇل قىلىش، خۇددى تۇرمۇشتا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان سوۋغاتقا ئوخشايدۇ.
بۇ ئۆمرىڭىزدە نۇرغۇن كىشىگە يولۇقىسىز، نۇرغۇن ئىشنى باشتىن كەچۈرىسىز، بەزى كىشىلەر سىزگە بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار سىزگە ياردەم قولىنى سۇنىدۇ ھەم جاۋاب تەلەپ قىلمايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ ياخشىلىقىدىن بولىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭمۇ مۇشۇنداق ئادەم بولۇشۇمنى، بۇ ياخشىلىقنى ئىزچىل يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقىت ئېقىن سۇدەك سۈزۈك ۋە سوغۇق، ئەمما ئادەمنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا ئىنتىلىدۇ، ۋاقىتنىڭ توختاۋسىزلىقىدىن ساراسىمىگە چۈشمەيدۇ. مەن قۇياش نۇرى ۋە شېئىر ھەرقاچان بار بولۇشىنى، شاماللارنىڭ ناخشا مىسرالىرىغا ئايلىنىشىنى، سىز بىلەن مېنىڭ قەلبىمنىڭ ئەسلىدىكىدەكلا غۇبارسىز، تىنچ ھالدا ئىللىقلىققا تەلپۈنۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىز ناتونۇش يولدا ئۇچرىشىپ قالدۇق، سىزنىڭ ئىللىقلىقىڭىزغا رەھمەت.
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى فۇپىڭ ناھىيەلىك شەھەر باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
ئاۋازدا: ئالمىرە غېنى
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.