قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| يېقىن قوشنىدارچىلىق ھەقىقەتەن ئىللىق

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2023-09-27 11:40:27

ماۋ يۈچېن


 كەچلىك تاماق يەۋاتقاندا، ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى، ئىشىكنى تېخى ئاچماي تۇرۇپلا، ئۇدۇل قوشنىمىز ياۋ مومىنىڭ خۇشخۇيلۇق بىلەن «ئادەم بارمۇ؟» دەپ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئىشىكنى ئېچىپ، تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان چىراي ۋە تەڭلىنىپ تۇرغان بىرنەچچە خالتا ھەر خىل سورتلۇق كۆكتاتنى كۆردۈم. «بۇلارنى بۈگۈن يېزىدىن يېڭىلا ئۈزدۈم، تېخى يېڭى، ئاپىڭىز بىلەن مومىڭىز سىزگە قورۇپ بەرسۇن!» دېدى ياۋ موما كۈلۈپ تۇرۇپ. «رەھمەت موما!» مەن ئۇنىڭ قولىدىكى خالتىنى ئېلىپ، مومامنى رەھمەت ئېيتىشقا چاقىردىم.

 ھەممەيلەن پولات چىۋىقلىق سېمونتتىن ياسالغان شەھەر تۇرمۇشىنى پولات چىۋىقلىق سېمونتقا ئوخشاش سوغۇق، قوپال دېيىشىدۇ. بىر ئىشىك، بىر تام، بىر بىنا خۇددى بىر ھاڭغا ئوخشاش، قوشنا ئۆيلەرنىڭ خۇشاللىقىنى ئايرىپ تۇرىدۇ. ناھايىتى يېقىن ئولتۇرۇشسىمۇ، ئەمما تولىمۇ يىراقتىكى ئادەملەردەك ئۆزئارا مۇئامىلە قىلىشمايدۇ، بۇ، شەھەر تۇرمۇشىنىڭ بىر خىل كارتىنىسى بولۇپ قالدى.

 ئەمما، مەن تۇرۇۋاتقان بۇ بىنادا بۇنداق شەھەر بەلگىسى بۇزۇپ تاشلانغان، قوشنىلار ئارا بېرىش- كېلىش قىلىدىغان، ھال- ئەھۋال سورىشىدىغان، بارىنى تەڭ كۆرىدىغان ئىللىقلىق ماڭا ئەمەلىيەتتە شەھەردىمۇ ئوخشاشلا ئېجىل- ئىناق ئۆتكىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

 9- قەۋەتتىكى كىچىك ئاچاش مەكتەپتىن قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ تېخى قايتىپ كەلمىگەنىدى، 8- قەۋەتتىكى ھەدە بۇنى ئاڭلاپ يان تېلېفونىنى ئۇنىڭغا بېرىپ تۇردى، كىچىك ئاچاش ئاتا- ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە قىزغىنلىق بىلەن ئۇنى ئۆيىگە ئەكىرىپ چۈشلۈك تاماق يېگۈزدى؛ مەن ئاپام بىلەن بىللە لىفىتقا چىقتىم، قولىمىز بىكار ئەمەس ئىدى، 11- قەۋەتتىكى موما بىزنىڭ قەۋەتنىڭ نومۇرىنى بېسىپ بېرىپلا قالماي، يەنە بىزگە بىر قىسىم نەرسىنى كۆتۈرۈشۈپ بەردى...

 يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا، باشقىلارغا ياردەم بېرىش، باشقىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنىڭ خۇشاللىق بىلەن قىلمايدىغان نېمىسى بار؟ مەن ئىشىنىمەن، ھەربىرىمىز پەقەت ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن تەبەسسۇم قىلساق، ھال سوراپ ئىشىك چەكسەك، سەمىمىي كۆڭۈل بۆلسەك، كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت خۇددى قىشتىكى ئاشۇ ئىللىق قۇياش نۇرىغا، ياز كۈنلىرىدىكى سالقىن شامالغا ئوخشاش كىشىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى جيەنخۇ ناھىيەسى خۇياڭ يولى باشلانغۇچ مەكتىپى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق