قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئىسىمغا يوشۇرۇنغان مۇھەببەت

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2023-10-24 13:52:46

ۋاڭ بولىن

 مېنىڭ ئىسمىم ۋاڭ بولىن، زېرەك، كېلىشكەن ئوغۇل بالا، مېنىڭچە مېنىڭ ئىسمىم ئەڭ جەلپكار، چۈنكى مېنىڭ ئىسمىمغا ئۆيدىكىلەرنىڭ ماڭا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى يوشۇرۇنغان. 

 ئاپامنىڭ فامىلىسى شاڭگۇەن، بۇ قوش فامىلىنى ئاڭلىسىڭىز، مەرتىۋىلىك ئاقسۆڭەكلەر ياكى جاھانكەزدى پالۋانلار يادىڭىزغا كېلەمدۇ قانداق. ئېسىمنى بىلگەندىن كېيىن، مەن ئاپامدىن نېمىشقا ئۇنىڭ فامىلىسىنى ماڭا فامىلە قىلىپ قويمىغانلىقىدىن ئاغرىندىم، ئاپام: «بالىنىڭ دادىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىشى ئاتا- بوۋىمىزدىن قالغان مەدەنىيەت ئۆرپ- ئادىتى. داداڭ ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرۈكى، ئائىلىنىڭ بېشى، ئۇنىڭ بالىلىرىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى ۋە ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتى بار. بىز ھەممىمىز ئۇنىڭغا تايىنىمىز، شۇڭا سەن ۋە سىڭلىڭ داداڭنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىسىلەر»، دېدى.

 مەن ئاپام بىلەن مومامدىن سورىدىم، يەنە لۇغەتتىن ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاندىن ئىسمىمنىڭ خېلى ئويلىشىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدىم. مېنىڭ ئىسمىمدىكى «بو» دېگەن خەت بىپايان، كەڭ قورساقلىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن، كىشى ئىسىملىرىدا قەيسەرلىك، پىشقان، ئېغىر- بېسىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. «لىن» دېگەن خەت يېقىملىق، بەخت- سائادەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن، كىشى ئىسىملىرىدا دوستلۇق دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇلايىم، مېھىر- شەپقەتلىك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن، بەخت- سائادەت دېگەن سۆزگە تەۋە، «لىن» دېگەن خەتنى ئىسىم قىلىپ قويغاندا، ئوغۇل بالىغا بىر خىل لاتاپەتلىك خاراكتېر ئاتا قىلغىلى بولىدىكەن. مومام مېنىڭ ئىسمىمنى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر «سىخەي»نى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ، بىرنەچچە ئاخشام كۆرۈپ ئاندىن قارار قىلغانلىقىنى، ئائىلىدىكىلەرنىڭ مېنىڭ قەيسەر، سەۋرچان، پىشقان، ئېغىر- بېسىق ھەم بىلىملىك ئوغۇل بالا بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاددىي ئىككى خەنزۇچە خەتكە پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدى ۋە تىلىكى، شۇنداقلا ئائىلىدىكىلەرنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ماڭا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى. 

 مېنىڭ يەنە بىر سىڭلىم بار، ئۇنىڭ ئىسمى ۋاڭ لولىن. ئۇنىڭغا ئىسىم قويغاندا، ئۇنچە كۆپ كۈچ كەتمىدى. ئۇنىڭ ئىسمىدىكى «لو» دېگەن خەت نازاكەتلىك، كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، ساغلام بولۇش، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىكەن. «لو» بىلەن «لىن» بىر- بىرىگە باغلانغاندا، ناھايىتى لېرىك مەنىگە ئىگە بولىدىكەن ھەم ناھايىتى سىپايە قىزنىڭ ئىسمى بولىدىكەن. 

 مەن ئىككىمىزنىڭ ئىسمىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، بىز ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ئېلىپ، ياخشى ئۆگىنىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، چوڭ بولغاندا ۋەتەنگە ياراملىق ئادەم بولىمىز، شۇنداق قىلغاندىلا ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ بىزگە بولغان مۇھەببىتى ۋە ئۈمىدىنى ئاقلايمىز.

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى دالى ناھىيەلىك يۈنچى باشلانغۇچ مەكتىپى 4- يىللىق 4- سىنىپ)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق