​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز چىراي ئىپادىسى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2023-10-30 18:01:11

ساۋ زېمىڭ

 كىچىك ۋاقتىمدا تەتىلدە مومامنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى باراتتىم، ئۇ چاغدا ئۆزى كىچىكنىڭ جېنى چوڭ دېگەندەك، بىر كۈنمۇ تىنىم تاپمايتتىم، يا دەرەخ شاخلىرىنى تېرىپ كېلىپ ھويلىغا دۆۋىلەپ ئوت ياقاتتىم، يا توخۇ، غازلارنى قوغلاپ ئوينايتتىم، يا بولمىسا كەنتتىكى بالىلار بىلەن ئۇرۇشاتتىم.

 ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ چاغدا ئاسمان ناھايىتى كۆك، ناھايىتى ئېگىز ئىدى، ئاسماننىڭ تېگىدىكى سېرىق توپىلىققا پاتماي، كىشىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ تۇراتتىم، مومام ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ مېنى توۋلايتتى، ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى جاراڭلىق بولۇپ، يەر- جاھاننى بىر ئالاتتى. ھەر قېتىم بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغىنىمدا، كەيپىم ئۇچقان ھالدا قولۇمدىكى «ئالتۇن توقماق»نى قويۇپ، ئۆيگە قاراپ يۈگۈرەتتىم.

 مومام گەمىدىن تېگىگە قىزىل، ئاق رەڭدار كارپ بېلىقىنىڭ رەسىمى بېسىلغان ئاليۇمىن داسنى ئېلىپ چىقىپ، سېرىق توپىلىقنىڭ لاي- توپىلىرىغا مىلىنىپ قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن كىيىملىرىمنى يۇيۇشقا سالدى، ئۇزاق ئۆتمەي سۈپسۈزۈك سۇ دۇغلىشىپ كەتتى. ئۇ داستىكى سۇنى بىراقلا چېچىۋەتتى، قوشنا ھويلىدا سۇ چۈشۈرۈۋاتقاندا، ئىتنىڭ قاۋىشى ۋە مېنىڭ ئېچىنىشلىق چىرقىرىغىنىم ئاڭلاندى، مومام سىرتقا چىقىپلا ئىتنىڭ يالىڭاچ ھالەتتىكى مېنى قوغلاۋاتقانلىقىنى، بىر پاي كەشىمنىڭمۇ چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ئەسلىدە مەن جىم ئولتۇرالماي ئوغرىلىقچە قېچىپ چىقىپ ئىت بىلەن قېرىشقانىدىم، ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كېتىپ، بىر ۋارقىراپلا ئىتنى قورقۇتۇپ قاچۇرۇۋەتتى، كۈلكىدىن ئۆزىنى توختىتالمايۋاتقان مومامغا قاراپ، ئىختىيارسىز ئاچچىقتىن يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى. مەن ئىشىك ئالدىدىلا داق يەردە ئولتۇردۇم، ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. ئۇنىڭغا قارىدىم − ئۇ دۈمچەيمىگەن، چېچىنى قىسقا قىلىپ كېسىۋالغان، ماڭلاي چېچىنى قۇلىقىنىڭ كەينىگە ئەپچىللىك بىلەن قايرىۋالغان بولۇپ، چاچلىرىغا ئاق سانچىلغان، يۈزىگە خېلى كۆپ قورۇق چۈشكەن، لېكىن ئانچە چوڭقۇر ئەمەس ئىدى، پەقەت تېرىسى يىل بويى سېرىق توپىلىقنىڭ قۇم بورىنىنىڭ تەسىرىدىن سەل يىرىكلەشكەنىدى، كۆزلىرىدىن نۇر چىقىپ تۇراتتى، ياشانغان كىشىگە ئوخشىمايتتى. ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «نېمە، قورسىقىڭ ئاچتىمۇ؟» دەپ سورىدى.

 كېيىن نۇرغۇن يىل مومامنىڭ ئۆيىگە قايتمىدىم، بىر يىلى باھار بايرىمىنىڭ ھارپىسى قايتتىم. ئۇ كۈنى قايتقىنىمدا ئاسمان تۇتۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، قېلىن قارا بۇلۇت قاپلىۋالغانىدى. مەن پىكاپتا جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن سېرىق توپىلىق ئېگىزلىككە قاراپ ئولتۇراتتىم، كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى.

 تونۇش ھويلىغا قايتىپ كەلدىم، ئەينى يىلى مېنى قوغلاپ كەتكەن ئىت كۆرۈنمەيتتى. مەن ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئېچىپ ئۆيگە كىرىپ، مومامنى كۆردۈم، ئۇ مېنى كۆرۈپ ھاڭۋىقىپ قالدى، ئاندىن كۈلۈپ كەتتى. 

 ئۇ ناھايىتى مېھرىبانلىشىپ كەتكەن ئىدى، ئەينى يىللاردىكى تېتىكلىكى قالمىغانىدى. يۈزلىرىدىكى بىر- بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن قورۇقلار يىللارنىڭ ئىزلىرىنى بايان قىلىپ تۇراتتى، تەبىئىي پەسكە سېلىنىپ تۇرغان ئاپئاق چاچلىرى كۈزدىكى تۇنجى قىروۋغا ئوخشاش كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى قۇم- توپىلار كۆزۈمنى توسۇۋالغاندەك قىلاتتى، مەن ھېلىقى نۇرنى كۆرمىدىم. 

 سىرتتا ھۇشقىيتىپ شامال چىقىۋاتاتتى، مەن تېگىگە قىزىل، ئاق رەڭدار كارپ بېلىقىنىڭ رەسىمى بېسىلغان ئاليۇمىن داستا  يۈزۈمنى يۇيدۇم، كۈلۈپ تۇرۇپ مېنى تىللاۋاتقان مومامنى كۆرگەندەك بولدۇم.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن يېڭى رايونى 1- ئوتتۇرا مەكتىپى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق