​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | قۇملۇق سەپىرى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2023-11-07 11:14:09

جاۋ زىمو

 مەن ھەيۋەتلىك بەش چوڭ تاغقا يامىشىپ باققان، چوڭقۇر دېڭىزدىكى كىت پۈركۈپ چىقارغان سۇ تۈۋرۈكىنى كۆرۈپ باققان، ئوتلاقتا قامچا ئوينىتىپ ئات چاپتۇرۇپ باققان، پەقەتلا قۇملۇقنىڭ گۈزەل ھەم سىرلىق مەنزىرىسىدىن بەھرىلىنىپ باقماپتىكەنمەن.

 ئاخىرى، بىر يازدا ساياھەتكە قىزىقىدىغان دادام بىزنى ئېلىپ ئۇ سىرلىق جايغا كىردى.

 قۇملۇققا ئەمدىلا كىرىشىمىزگە، بۇ بىپايان قۇملۇق كۆزىمىزنى چىرمىۋالدى. قۇملۇق خۇددى ئاسماندەك بىپايان، كۆز يەتكۈسىز ئىدى، كۆك رەڭلىك ئاسمان، سېرىق رەڭلىك قۇم، پەقەت مۇشۇ ئىككى خىللا رەڭ بولۇپ، قۇملۇقنى ئىنتايىن مەنىسىز كۆرسىتىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ كۆزىنى ئۈزگۈسى كەلمەيتتى. قۇم بارخانلىرى ئېگىز- پەس، چوڭ- كىچىك بولۇپ، خۇددى تۇتاش كەتكەن تاقىر تاغ چوققىلىرىغا ئوخشايتتى.

 بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر تەكشى قۇم بارخىنىنى تېپىپ چېدىر تىكتۇق، ئاكام ئىككىمىز تاقەتسىزلىك بىلەن يىراقتىكى ئەڭ ئېگىز قۇم بارخىنىغا قاراپ ماڭدۇق. قۇياش ناھايىتى چوڭ كۆرۈنەتتى، قۇملۇق قۇياش نۇرىدا خۇددى ئالتۇنغا ئوخشاش چاقناپ تۇراتتى. ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئاۋايلاپ دەسسەپ قۇمنىڭ ھارارىتىنى ھېس قىلدۇق، مەن قۇملۇقنىڭ سىرلىقلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدىم، بىزنىڭ ئاياغ ئىزىمىز ئەگرى- بۈگرى ھالدا بىر- بىرىگە تۇتىشىپ، كەينىمىزدە ئۇزۇن ئۆچرەت ھاسىل قىلىپتۇ. بىز شامالغا قارشى يۇقىرى ئاۋازدا كۈلدۇق، ئەسلىدە قۇملۇقنىڭ شامىلىمۇ ئىسسىق ئەمەس ئىكەن. ئاكام ئىككىمىز قۇم تېيىلىش تاختىسىنى ئېلىپ ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ قۇم بارخىنىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە يامىشىپ چىقىپ، قۇم بارخىنىنىڭ ئاستىدا چېدىر تىكىۋاتقان ئاتا-ئانىمىزغا قاراپ: «بىز سىيرىلىپ چۈشۈشكە تەييارلاندۇق» دەپ توۋلىدۇق. مەن ئادەتتە ئېگىزدىن بەك قورقاتتىم، بىراق بۇ بىپايان قۇملۇقتا، قۇمنىڭ يۇمشاقلىقى ماڭا چەكسىز جاسارەت ئاتا قىلدى. ئاكام ئىككىمىز قۇم تېيىلىش تاختىسىدا ئولتۇرۇپ، ئېغىرلىق مەركىزىمىزنى كەينىگە تارتىپ، ئىككى پۇتىمىز بىلەن تېپىۋېدۇق، بەدىنىمىز قۇم بارخىنىنىڭ تۆۋىنىگە قاراپ شۇڭغۇپ كەتتى، بۇ بەك پەيزى بولدى. بىز قايتا- قايتا دۆڭگە ياماشتۇق، سىيرىلىپ چۈشتۇق، تاكى بۇلۇتلار تارقالغۇچە ياماشتۇق، سىيرىلىپ چۈشتۇق...

 قۇملۇقنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدىكەن، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى ناھايىتى ئۇزاق بولىدىكەن، كەچ سائەت 7- 8لەردە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئاستا- ئاستا تۆۋەنلىدى، بىراق قۇملۇقتا يەنىلا سۇس ئالتۇن نۇر چاقناپ تۇراتتى، كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا پۈتكۈل قۇملۇق قاپقاراڭغۇلۇققا چۆمۈپ، ئازراقمۇ يورۇقلۇق قالمىدى، ئاسمان ئاستا- ئاستا يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا ئايلاندى، يۇلتۇزلۇق ئاسمان ھال رەڭ، كۆك، قېنىق سۆسۈن، سۇس سېرىق، كۈمۈش رەڭلەر بىلەن قاپلاندى... ھەر خىل رەڭدىكى، ھەر خىل شەكىلدىكى، چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان يۇلتۇزلار، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم تەبىئەتنىڭ سىرلىقلىقىدىن ھەيران قېلىشىم ئىدى، بەك گۈزەل ئىكەن. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى جىمجىت قۇملۇقتا بىر- بىرىمىزگە يۆلىنىپ، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى چۆچۈتۈۋېتىشتىن ئەنسىرىگەندەك پەس ئاۋازدا پاراڭلاشتۇق. دادامنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈن ئاز ئۇچرايدىغان سامانيولى مەنزىرىسى، ھەتتا ئاقار يۇلتۇزمۇ كۆرۈنىدىكەن. بۇ تەستە كەلگەن پۇرسەت ئۈچۈن، سائەت 12گىچە ئاكام ئىككىمىز ناھايىتى ھاياجانلاندۇق، ئازراقمۇ ئۇيقۇمىز كەلمىدى، چىڭ تۇرۇپ ساقلىدۇق. مەن چېدىرغا يېمەكلىك ئالغىلى بارغىنىمدا، دادامنىڭ: «تېز قاراڭلار! سامانيولى!» دەپ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن دەرھال چېدىردىن ئېتىلىپ چىقتىم، ھەيران قالارلىق كۆرۈنۈش پەيدا بولدى، يۇلتۇزلۇق ئاسماندا ھەر خىل رەڭدىكى يۇلتۇزلاردىن تەركىب تاپقان كىمخاب پەيدا بولدى، ئۇ ئەسلىدىنلا يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇرغان ئاسماندا ئۆزگىچە كۆزگە تاشلىنىپ، خۇددى ئاسماندىن بىر دەريا ئېقىپ چۈشۈۋاتقاندەك كۆرۈندى، رىۋايەتلەردىكى سامانيولى ھادىسىسى ئەسلىدە مۇشۇ ئىكەندە! ھەيران بولۇپ تۇرغىنىمدا، تۇيۇقسىز قۇيرۇقلۇق «ساليۇت» ئاسماننى يېرىپ ئۇچۇپ ئۆتتى، «تېز قاراڭلار، ئاقار يۇلتۇز!»، «پاھ، بەك چىرايلىقكەن!» بىز ھاياجاندىن قۇچاقلىشىۋالدۇق.

 بۇ سىرلىق قۇملۇقتا، سەھەر سائەت بىر- ئىككىلەردىكى كېچىدە، بىزنىڭ يەنىلا ئۇيقۇمىز كەلمىدى، ئاسماننى قاپلىغان يۇلتۇزلار، ئاستا- ئاستا غايىب بولغان سامانيولى ۋە ئاقار يۇلتۇز بىزگە چەكسىز لەززەت بېغىشلىغانىدى. بىز ئۇزاققىچە بىر- بىرىمىزگە يۆلىنىپ، يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ، ئالەمنىڭ بۇ گۈزەللىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.

 بۇ قېتىمقى قۇملۇق سەپىرىدە كۆرگەن، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان سامانيولى مەنزىرىسى ھازىرغىچە كۆزۈمنى يۇمساملا، كاللامدا ئايان بولىدۇ، ئۇ مېنىڭ بالىلىق دەۋرىمگە ئۆزگىچە تۈس قوشتى.

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: سۇجوۋ پەن- تېخنىكا شەھەرچىسى چەت ئەل تىلى مەكتىپى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق