ۋېي چىڭفېڭ
كىشىلەر دائىم كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە تەسىر قىلغان ئاشۇ خىل تۇيغۇ ئەڭ ھەقىقىي تۇيغۇ، بۇ دۇنيادىكى مىليونلىغان ھېسسىيات شۇ دەقىقىدە پەيدا بولىدۇ، شۇ دەقىقە ئەڭ قالتىس بولىدۇ، دېيىشىدۇ. ۋاقىتنىڭ چاڭ- توزانلىرىنى قېقىپ تاشلاپ، ئەسلىمىلەرنىڭ نازۇك چېچەكلىرىنى تېرىپ ئالغىنىمىزدا، ۋاقىت ئاشۇ دەقىقىلەردە توختاپ قالىدۇ، ئاشۇ كۆرۈنۈشلەرنى بىر- بىرلەپ كۆڭۈل ئەينىكىمىزدىن ئۆتكۈزسەك، قەلبىمىزنى ئىللىتىپ، خۇشلۇققا تولدۇرىدۇ.
1999- يىلى، ئۆزۈم يالغۇز باشقا يۇرتقا كېلىپ سىفەن مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقىنىمنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئاغرىپ قالدىم، بۇرنۇم ئاغرىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنەلمەي قالدىم، بۇرنۇم بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ قالدى، ئاغزىممۇ قۇرۇپ كەتتى، گېلىم ئوت كەتكەندەك ئېچىشىپ، يۈرىكىم قىزىپ كەتتى. مەكتەپ شىپاخانىسىغا باردىم، مەكتەپ دوختۇرى ئازراق دورا يېزىپ بەردى، لېكىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئازراقمۇ ئۈنۈمى بولمىدى، ئەڭ چاتاق بولغىنى ئاۋازىم پۈتۈپ قالدى، ئامال يوق رۇخسەت سوراپ ئۆيگە قايتتىم.
ئۆيگە بارغاندىن كېيىن، ئانام بىلەن كۆرۈشكەندە ئاغزىمدىن گەپ چىقىرالماي قالدىم، مەن نەچچە قېتىم ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن ئانام ئاندىن چۈشەندى. ئاناممۇ قانداق قىلارىنى بىلەلمەي قالدى، قوشنىلار بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە: «بالىغا نېمە بوپتۇ؟» دەپ ئەھۋال سوراپ قوياتتى. «ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، ئىسسىق يەلنى ھەيدەيدىغان نەرسىلەرنى قاينىتىپ بالىغا ئىچكۈزۈپ بېقىڭ» دەيتتى. مەنمۇ تىتىلداپ كېتىۋاتاتتىم، دەرسكە قاتنىشالماي، كېسىلىم ساقايماي، بەك قىينىلىپ كېتىۋاتاتتىم. ئانام تېخىمۇ تىتىلداپ، ئۇچرىغانلا ئادەمدىن ياخشى ئامال بار- يوقلۇقىنى سوراپ، كىمنىڭ ئۆيىدە ياخشى رېتسېپ بولسا، شۇ بويىچە دورا تەييارلاپ ماڭا يېگۈزۈپ باقتى، لېكىن يەنىلا ئۈنۈمى بولمىدى.
ئامالسىزلىقتا ئۆتكۈزۈۋاتقان شۇنداق بىر كۈنى چۈشتە، مەن ئىشىك ئالدىدا ئولتۇراتتىم، كۆپچىلىك دائىم ئەس- ھوشى ئانچە جايىدا ئەمەس دەيدىغان «قېرى ئاكا» بىر چىنىنى كۆتۈرۈپ بىزنىڭ ئۆي تەرەپكە كەلدى، ئۇ ئانامغا كەنتتىكىلەردىن مېنىڭ ئۈنۈم پۈتۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال چۆپ دورا يۇلۇپ، چۆپ دورىنى ئېزىپ تەييارلاپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. مەن چۆپ دورىنى قولۇمغا ئېلىپ، بېشىمنى سېلىپ ئۇنىڭ ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىنىڭ لاي بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئاياغ كىيمىگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم، رەھمەت ئېيتماقچى بولۇپ، ئاغزىمنى ئۆمەللىگەن بولساممۇ، گەپنى ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم. ئۇ ساددىلارچە كۈلۈپ قويۇپ بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.
مەن چىنىنى ئېلىپ، چىنىدىكى ياپيېشىل نەرسىگە قارىدىم، بۇرنۇمغا قويۇق ئوت- چۆپ پۇرىقى پۇرىدى، قۇسقۇم كەلدى، تۇرۇپلا ئىچكۈم كەلمەي قالدى. نېمە نەرسە بۇ؟ پايدا قىلارمۇ؟ ئانامنىڭ زورلىشى بىلەن، مەن ئاۋايلاپ بىر يۇتۇم ئىچتىم، «ۋاييەي، بەك بەتتام ئىكەن»، دەرھال قويۇپ قويدۇم. ئانام ئامالسىز ئىلمان قايناقسۇ ئېلىپ كەلدى، مەن ئانامنىڭ دېگىنى بويىچە چۆپ دورىنى بىر ئوتلاپ، ئىلمان قايناقسۇدىن بىر يۇتۇم ئىچتىم، شۇنداق قىلىپ بۇرنۇمنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ، دورىنى غۇرت- غۇرت قىلىپ ئىچىۋەتتىم.
چۆپ دورىدىن بىر چىنە ئىچتىم، بۇ كۈنى باشقا ئىش بولمىدى، ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرسام گەپ قىلالايدىغان بوپتىمەن، مەن ھاياجانلانغان ھالدا ئاپامدىن: «ئۇ قانداق چۆپ دورا؟» دەپ سورىدىم. ئاپام كەنتتىكىلەرنىڭ ئاسانلىقچە باشقىلارغا چۆپ دورىنىڭ نامىنى ئېيتىپ بەرمەيدىغانلىقىنى، چۆپ دورا تەييارلاشقا يېزىلاردا ئەرلەرلا ۋارىسلىق قىلىپ، ئاياللار ۋارىسلىق قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، گەرچە بۇنداق ياخشى رېتسېپنى چۈشىنەلمىگەنلىكىمدىن ئەپسۇسلانغان بولساممۇ، لېكىن مەن كەنتتىكى بۇ ئالاھىدە «قېرى ئاكا»دىن ناھايىتى مىننەتدار بولدۇم! يەنە ئاتامنىڭ ئاغزىدىن بۇ «شەپقەتچىم»نىڭ بەزى ئىشلىرىنى بىلدىم: 1934- يىلى ئەتراپىدا، قىزىل 3- جۈنتۇەن قوماندانلىق ئىشتابى فۇجيەن شاشيەن ناھىيەسىنىڭ فۇكوۋ دېگەن يېرىدىكى خېشەن تېغىدا تەسىس قىلىنىپتۇ، قىزىل 3- جۈنتۇەن خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتىپ، يېقىن ئەتراپتىكى مېيليې رايونىدىكى بىشى يېزىسىدا دېھقانلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشقا ياردەم بېرىپتۇ، بىزنىڭ بىشى كەنتىمىزدىكى يۈەنيىڭ راھىبەلەر ئىبادەتخانىسىنى تايانچ نۇقتا قىلىپ، ئاممىنى قىزىل ئارمىيەنىڭ پۇل ۋە ئاشلىق توپلىشىغا ياردەم بېرىشكە، قىزىل ئارمىيەنىڭ يارىدارلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن نۇرغۇن چۆپ دورا يىغىشقا سەپەرۋەر قىلىپتۇ. بىزنىڭ بىشىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن قىزىل ئارمىيەگە يول باشلاپ، قىزىل ئارمىيەگە تاماق ئېتىپ بېرىپتۇ، يارىدارلارنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىپتۇ. «قېرى ئاكا» دائىم قىزىل ئارمىيەگە ئاشلىق، چۆپ دورا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. 1949- يىلىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ سەل غەلىتە بولۇپ قاپتۇ، بەزىدە ئۇ تۇيۇقسىز يۇقىرى ئاۋازدا ئادەم تىللىسا، بىردەم پەس ئاۋازدا ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەپ، كۆپچىلىك چۈشەنمەيدىغان ئىشلارنى سۆزلەشكە باشلايدىكەن. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كەنتتە ھېچكىم ئۇنىڭغا يېقىنلاشمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇنى ھۇرۇنكەن دەۋاتامسىز؟ كەنتتە كىمنىڭ ئۆيىدە شال مايسىسى تىكىشكە، چۈجگۈن قوناق ئورۇشقا ئادەم يېتىشمىسە، ئۇنى چاقىرسا، ئۇ ماقۇل بولۇپ، ناھايىتى قىزغىن ياردەم بېرىدىكەن. كېيىن ئۇنى بىلىدىغانلار بارغانسېرى ئازلاپ كېتىپتۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلمىگەچكە، كەنتتىكى چوڭ- كىچىك ھەممەيلەن ئۇنى «قېرى ئاكا» دەپ چاقىرىدىغان بوپتۇ. بۇ ھېكايە، قىزىل ئارمىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئاشۇ ئىشلار «قېرى ئاكا»نى مېنىڭ قەلبىمگە قەھرىمان ئوبرازى بىلەن مۆھۈرلەپ قويدى.
بىر چىنە چۆپ دورا، ئىشتاننىڭ پۇچقىقىغا يېپىشىپ كەتكەن لاي، دەل مۇشۇ پەيتتە، مەن باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەندىم، قىلچە ئىككىلەنمەي ياردەم قولىنى سۇنغان ئاشۇ دەقىقىدە، باشقىلارنىڭ قەلبىگە چوقۇم بىر خىل ئىللىقلىق يۈگۈرۈپ، سىزگە، ماڭا، ئۇنىڭغا ئىللىقلىق بېغىشلايدىكەن.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھىرى سەنيۈەن رايونلۇق چۇڭخې تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.