قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | ​ئاددىي تۇرمۇشنىڭ پۇرىقى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2023-11-06 10:11:38

سۈن جىڭرۇ

 3- ئاي يېتىپ كەلمەي تۇرۇپلا، تەبىئەت باھار تۈسىگە كىردى. بۇ ئۈچ يىلدىكى كىچىك ئىشلارنى ئەسلىسەك، خۇددىي ھازىر بولۇپ ئۆتكەندەكلا كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ، پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، ئاممىنىڭ زور كۈچ بىلەن ماسلىشىشى، ئاددىي قەھرىمانلارنىڭ ئۈن- تىنسىز بەدەل تۆلىشى بىلەن ئاخىرى ئىس- تۈتەكسىز بۇ جەڭدە غەلىبە قىلدۇق!

 دۆلەت چوڭ مېھىر- مۇھەببەتكە، ئائىلە ئىللىقلىققا ئىگە. بۇ مەزگىلدە مېنى تەسىرلەندۈرگىنى دۆلەتتىن باشقا يەنە مېنىڭ كىچىك ئائىلەم.

سۈرەتلەرنى ئاپتور تەمىنلىگەن

 2022- يىلى 9- ئايدا ئوقۇش باشلىنىپ، دۆلەت بايرىمىدىن كېيىن يۇقۇم قايتىلىنىپ، مەكتەپ ئۆيدە ئىشلەشنى ھەمدە توردا دەرس ئۆتۈشكە تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشنى ئۇقتۇردى. ئەينى چاغدا مېنىڭ قورساق كۆتۈرگىنىمگە توققۇز ئاي بولغان بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشىم قولايسىز ئىدى، لېكىن توردا ئوقۇتۇشنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دائىم كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلاتتىم. بۇنداق ئەھۋالدا، ئوغلۇم ـــ شياۋدوۋزى ماڭا چەكسىز تەسىرلىنىش ۋە ئىللىقلىق بېغىشلىدى.

 مەن ھەر قېتىم ئولتۇرۇپ ئىشلەشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقلىرىنى قويۇپ، قىزىقارلىق كارتون فىلىم قويۇۋاتقان تېلېۋىزورنى ئېتىۋېتىدۇ، ئاندىن خىزمەت ئۈستىلىمنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، سەبىي يۈزىنى ماڭا قارىتىپ، نۇرلۇق كىچىك كۆزلىرىنى چاقنىتىپ: «ئاپا، ئاپا، سۇ ئىچەمسىز؟ ئاپا، ئاپا، پۇتىڭىزغا ئۇرۇپ قويايمۇ؟ ئاپا، مەن سىزگە شاكىلات ئېلىپ بېرەي، ئىككىمىز يەيلىمۇ؟» دەيدۇ. توختىماي «ئاپا، ئاپا» دەپ چاقىرىشلار مېنى ھاردۇرۇۋېتىش بىلەن بىللە يەنە ماڭا شېرىنلىك ھېس قىلدۇرىدۇ: بۇ شاكىچىك ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ! بىراق بەزىدە مەن چېچىلىپمۇ قالىمەن، مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا: «جىم بولساڭچۇ، مەن خىزمەت قىلىمەن!» دەپ كايىپ كېتىمەن.

 ھەر قېتىم مۇشۇنداق ۋاقىتتا، ئۇ بېشىنى سېلىپ، ئۈستەلنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرىدۇ، تۇرۇپ- تۇرۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئوغرىلىقچە قاراپ- قاراپ قويىدۇ.

 مەن قەستەن چىرايىمنى تۈرۈپ، ئېغىر- بېسىق بولۇۋالىمەن، خىزمەت ئاخىرلاشقاندا ئۇنىڭغا كۆز ئىشارىسى قىلسام، ئۇنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، «لىككىدە» سەكرەپ يۈگۈرۈپ كېلىپ يوتامنى چىڭ قۇچاقلىۋالىدۇ. ھەر قېتىم مۇشۇ ۋاقىتتا، خىزمەت ھاردۇقۇم بىردىنلا چىقىپ قالىدۇ.

 ھەر كۈنى ئۇخلايدىغان چاغدىمۇ، ئۇ بەك ئەستايىدىل بولۇپ كېتىدۇ. ھەر قېتىم چۈشتە بوۋىسى تاماق ئەتكەندە، ئۇ بوۋىسىغا: «ئاپام گاڭپەن يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈشتە گاڭپەن دۈملەيلى. ئاپام لازا يېمەيدۇ، قورۇما قورۇغاندا لازا سالماڭ، بولمىسا بەك ئاچچىق بولۇپ كېتىدۇ، ئاپام يېيەلمەيدۇ، مەنمۇ يېيەلمەيمەن. ئېسىڭىزدە تۇتۇۋالدىڭىزمۇ، بوۋا؟» دەپ تاپىلايدۇ. بوۋىسى دائىم پىخىلداپ كۈلۈپ تۇرۇپ ماقۇل بولىدۇ، ئەمما بەزىدە «كەتكۈزۈپمۇ قويىدۇ»، بۇ چاغدا شياۋدوۋزى: «بوۋا، سىز يەنە ئۇنتۇپ قاپسىز، بۇنداق ئاچچىق تاماقنى ئاپام ئىككىمىز يېيەلمەيمىز!» دەيدۇ.

 ئاندىن دادىسىغا ئۆرۈلۈپ قاراپ: «دادا، سىز ئاپام ئىككىمىزگە شوخلا- تۇخۇم قورۇمىسى قورۇپ بېرىڭ!» دەيدۇ، دادىسى بۇ چاغدا دەرھال ئانا- بالا ئىككىمىزگە يەنە بىر خىل مايسىز قورۇما قورۇپ بېرىدۇ.

 كەچ بولغاندا، ئۇخلاش بىر قىيىن ئىش بولۇپ قالىدۇ.

 شياۋدوۋزى تېخىچە بىز بىلەن بىللە ئۇخلايتتى، مېنىڭ ئاي- كۈنۈم يېقىنلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا «ھازىر مېنىڭ قورسىقىمدا بوۋاق بار، سىز ئۇخلىغاندا جىم ياتمايسىز، ناۋادا مېنى تېپىۋەتسىڭىز قانداق قىلىمىز؟» دەپ مەسلىھەت سالدىم.

 شياۋدوۋزى قەسەم بېرىپ: «تېپىۋەتمەيمەن، مەن بەك ئېھتىيات قىلىمەن» دېدى. لېكىن، دادىسىنىڭ تەلىپى بىلەن، ئۇ يەنىلا خالىمىغان ھالدا ئۆزىنىڭ كىچىك ھۇجرىسىدا، ئۆزىنىڭ كىچىك كارىۋىتىدا ئۇخلىدى. لېكىن، يېرىم كېچە بولغاندا، ئۇ دائىم قاراڭغۇدىن قورقىمەن دېگەننى باھانە قىلىپ قايتىپ كىرىپ ئۇخلاشنى تەلەپ قىلدى، بۇ چاغدا مەن ئۇنىڭغا: «سىز مېنىڭ يېنىمدا ئۇخلىسىڭىز بولىدۇ، لېكىن مەندىن يىراقراق يېتىڭ، بولامدۇ؟» دەپ تاپىلىدىم. ئۇ ئۇيقۇلۇق ھالدا ماقۇل بولدى، ئاندىن تېز سۈرئەتتە يوتقانغا كىرىۋالدى. مەن تېخى ئۇنىڭ جىم ياتماسلىقىدىن ئەنسىرەۋاتقىنىمدا، ئۇ ئاللىقاچان ئۇيقۇغا غەرق بولغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىلەن خېلى ئارىلىق ساقلىغان ئىدى، مېنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرگىنى شۇكى، ئۇ ئاڭسىز ھالدا ئۇياق- بۇياققا دومىلاپ ئۇخلايدىغان ئادىتىنى يېڭىپ، كىچىك بىر پارچە رايوندا ناھايىتى تىنچ يېتىپ، جىمجىت ئۇخلىدى.

 ئاددىي تۇرمۇشنىڭ پۇرىقى ئادەتتىكى كىشىلەرنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدۇ.

 بوران- چاپقۇن كىشىلىك ھاياتتىكى نورمال ھالەت، بوران- چاپقۇندا قانداق خۇشال- خۇرام ئۆتۈش تۇرمۇشتىكى زۆرۈر دەرسلىك. ئائىلە دۆلەتنىڭ ئائىلىسى، دۆلەت چوڭ ئائىلە، كىچىك ئائىلە ئىناق بولغاندىلا، ئاندىن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشقىلى بولىدۇ.

 ئائىلە كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى دەرسخانا، ئاتا- ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى؛ ئائىلە تەربىيەسى قانداق بولسا، بالا شۇنداق ئادەم بولۇپ چىقىدۇ؛ ئائىلە ئىستىلى جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى!

 يول گەرچە ئۇزۇن بولسىمۇ، توختىماي ئىلگىرىلىگەندىلا مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ، بىزگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدىغان ئۇرۇق- تۇغقانلار ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەتلا بولۇپ قالماي، يەنە پارتىيەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىمۇ بار!

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خېنەن ئۆلكىسى پىڭدىڭشەن شەھىرى جەنخې رايونلۇق تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق