ليۇ مىڭجۈن
يېقىندا «سىنىپ مۇدىرلىرى دوستى» ژۇرنىلىدا بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ جاپالىق ئوقۇپ، ئاخىرى ئوقۇتقۇچى بولۇپ يېتىشىپ چىققان كەچۈرمىشى بايان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىنى ئوقۇدۇم. ئوقۇۋېتىپ، كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز تاراملاپ ئاقتى.
مېنىڭ يېشىمنى ئاققۇزغىنى ماقالىدىكى دادىنىڭ جاپالىق شارائىتتا «دۆت» ئوغلىنى قوللىغانلىقى ئىدى. بۇ ماڭا 30 يىل بۇرۇنقى كۆرۈنۈشنى ئەسلەتتى: ئۇ جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلى بولۇپ، دەل ھەپتە ئاخىرى ئىدى، 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 1- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەن ھېرىپ جۇلىقىم چىققان ھالدا كەنتكە قايتىپ كەلدىم. گۇگۇم چۈشكەن، كەنتنىڭ شەرقىي ئېغىزىدىكى بىر نەچچە ئائىلىنىڭ مورىسىدىن ئىس كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى. كەنتتىكى چوڭ كوچىغا قايرىلاي دەپ تۇرغىنىمدا، يىراقتا، شىمال تەرەپتىكى يولدا تۇرغان ئىككى تونۇش سىيمانى كۆردۈم، شۇنىڭ بىلەن ئىككى پۇتۇم بىلەن يەرنى تىرەپ ۋېلىسىپىتنى توختاتتىم. ئېشەك ھارۋىسى ئاستا- ئاستا ئالدىمغا كەلدى، ئېشەك ھارۋىسىنىڭ سول تەرىپىدە دادام ئولتۇراتتى، قولىدا بىر قامچا تۇتۇۋالغانىدى. ھارۋىغا ئېگىز قىلىپ بېسىلغان خاسىڭ پىلىكىنىڭ ئۈستىدە ئاپام ئولتۇرغان بولۇپ، ئىككى قولى بىلەن خاسىڭ پىلىكىنى باستۇرۇپ باغلانغان ئارغامچىنى چىڭ تۇتۇۋالغانىدى. يېقىنلاپ كەلگەندە، دادامنىڭ ھارغىن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ: «ئاخىرى خاسىڭنى كولاپ بولدۇق، بۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر ھارۋا، ئاپاڭ ئىككىمىز خېلى ۋاق ئاۋارە بولدۇق» دېدى. بۇنى ئاڭلاپ، بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ئىختىيارسىز ئېچىشىپ، بېشىمنى يانغا بۇرۇۋالدىم. ئۇلار ئىككىلىسى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار، مەندەك مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئەڭ كىچىك ئوغلى ئۈچۈن يەنىلا تىرىشىپ ئەمگەك قىلىۋاتاتتى. ھەي!
دادام ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ داۋاملىق ئالدىغا ماڭدى، مەن ئاستا ئەگەشتىم. بۇرۇلۇپ چوڭ كوچىغا چىقىپ ئون نەچچە مېتىر ماڭمايلا، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي: «بۇ قېتىملىق چارەكلىك ئىمتىھان نەتىجەم سىنىپ بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى چىقىپتۇ، ئوقۇغۇم يوق!» دېدىم. ئانام گەپ قىلمىدى، دادام ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ مېڭىۋەردى، بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن، ئاۋازىنى يۇقىرى قىلماي، ئاستاغىنا: «مەكتەپكە بارمىساڭ نېمە قىلسەن؟ بولمىسا ئاستا- ئاستا يېتىشىۋالارسەن!» دېدى.
«ئاستا- ئاستا يېتىشىۋالارسەن»، تۇرمۇشتىن ۋاز كەچمەي، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يورۇقلۇقنى كۈتۈۋېلىشقا ئىشىنىش كېرەك. دادام مانا مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى نۇرغۇن شانلىق نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. دادام ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىگە تېرەك كۆچىتى تىككەندە، باشقىلار ئۇنى ئەخمەق دەپ مەسخىرە قىلدى، ئەمما ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىگە نەچچە مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىپ بەردى. دادام ئۆينىڭ ئۇلىنى چوڭ قىلىپ كولىغاندا، باشقىلار ئۇنى چوڭقۇر ئۇل كولاپ ئۆي سېلىش بەك دۆتلۈك دەپ مەسخىرە قىلدى، ئۇ ھەر كۈنى دېھقانچىلىقتىن بوشىغان ۋاقىتلىرىدا 100 ھارۋا توپا ئىتتىرىپ كېلىپ، كىشىنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرىدىغان ھالدا ئۈچ يۈرۈش چوڭ ئۆي سالدى. دادامنىڭ ئوغلى كۆپ بولغاچقا، باشقىلار ھەممىسى بويتاق قالىدۇ، دەپ مازاق قىلدى، ئۇ جاپالىق قان- تەرى بەدىلىگە ئوغۇللىرىغا ئارقا- ئارقىدىن يېڭى ئۆي سېلىپ بېرىپ، ئارقا- ئارقىدىن ئۆيلەپ قويدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىپ، بىر يىلدىن كېيىن قايتا ئوقۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئويلاپ قالدىم، شۇنداق، ھاياتىم ئەمدىلا باشلانغان تۇرسا، نېمىشقا ئاسانلا ۋاز كەچكۈدەكمەن؟
«ئاستا- ئاستا يېتىشىۋالارسەن» مېنىڭ ئەقلىيە سۆزۈمگە ئايلاندى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمگە «دۆت قۇش بالدۇر ئۇچۇپ، ھارماي ئۇچسا ئورمانغا بارالايدۇ، باشقىلار قىلالىغاننى مەنمۇ چوقۇم قىلالايمەن، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئاشۇ پاتقاقتىن قۇتۇلۇپ، ئادەمدەك ياشىيالايمەن»، دېدىم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قالغان كۈنلىرىدە ئەسلىمە بولغۇدەك كاتتا ئىشلارنىمۇ قىلمىدىم، پەقەت ئاي- يۇلتۇزلارنىڭ، يول چىراغلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېچە- كۈندۈز توختىماي تىرىشىپ، ئاخىرى شىڭتەي سىفەن ئالىي تېخنىكومىغا كىرىپ، دادامغا ئاتا- بوۋىلىرىمنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغانلىقىمنى ھېس قىلدۇردۇم.
ھازىرغىچە نۇرغۇن يىل ئۆتتى، مەيلى قانچىلىك چوڭ قىيىنچىلىققا يولۇقۇشۇمدىن قەتئىينەزەر، دادامنىڭ ئاشۇ سۆزىنى، دادامنىڭ مېنى رىغبەتلەندۈرگىنىنى ئەسلىسەم، ئالغا ئىلگىرىلەشتە چەكسىز كۈچكە ئىگە بولىمەن.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خېبېي ئۆلكىسى شىڭتەي شەھىرى لىنشى ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ
پايدىلانغان مەنبە:«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.