گۇڭ بېيبېي
شۇنداق بىر دەملەر بولىدۇ، خۇددى قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرىدەك، مۇزلاپ كەتكەن يۈرەككە بىر سېكۇنتتا تەسىر قىلىپ، ئېرىتىۋېتىدىغان؛ شۇنداق بىر دەملەر بولىدۇ، خۇددى بۇرۇنقى باھار ئاپتىپىغا ئوخشاش، قۇرۇپ كەتكەن گۈللەرنى قايتىدىن ئۈمىدكە ئېرىشتۈرۈپ، مۆجىزە يارىتىدىغان...
تۇڭگۇەن ناھىيەسى تۇڭيۈ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۇڭ بېيبېي
3- ئايدىكى باھار خۇشاللىق ۋە مۆجىزىگە، گۈزەللىك ۋە ئۈمىدكە تولغان بولۇپ، كۆزگە چېلىققانلىكى جايلاردا گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى. ئىللىق باھار شامىلىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مۇھەببىتىمىز تاغ- دەريالاردىن، ئېتىز- ئېرىقلاردىن، مىڭلىغان- تۈمەنلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە، ئۇلارنىڭ تولۇپ تاشقان ئۈمىدكە تولغان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق قەلبىگە كىردى.
شياۋخۇي (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) سىنىپىمىزدىكى ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قالغان ئوقۇغۇچى ئىدى، دەسلەپتە ئۇ ماڭا «مەينەت، ھورۇن، كەم سۆز»دەك تەسىر بەرگەنىدى. چاچلىرى ھەر كۈنى پاخپىيىپ، كىيىملىرى دائىم مەينەت تۇراتتى. ئۇنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ مەشىق دەپتىرى ۋە تاپشۇرۇق دەپتىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ باقمىغانىدىم. شۇنىڭ بىلەن، مەن سىنىپ مۇدىرى ياڭ مۇئەللىمدىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردۈم. ياڭ مۇئەللىمنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىدىن شياۋخۇينىڭ ئانىسى يوقلۇقىنى، كىچىكىدىن مومىسى(دادىسىنىڭ ئاپىسى) بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنى بىلدىم. يېقىنقى مەزگىلدە مومىسىنىڭ مېڭىسىگە تۇيۇقسىز قان چۈشۈپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق بولۇپ قالغانىكەن. ياڭ مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزۈمنى سوتلانمىغان گۇناھكارغا ئوخشاپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.
شياۋخۇينىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ، بېشىغا شۇنچە كۆپ ئىش كەپتۇ. ئوقۇتقۇچى بولغان مەن ئېنىق چۈشەنمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپتىمەن، ئادەتتە شياۋخۇيغا ئانچە كۆڭۈل بۆلەلمەپتىمەن. مەن شياۋخۇينىڭ يۇرتىنىڭ شاڭلودا ئىكەنلىكىنى بايقىغىنىمدا، كۆڭلۈمدە تېخىمۇ يېقىنلىق ھېس قىلدىم. توردا دەرس ئۆتۈۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ دەرسخانىغا كىرىپ- چىقىپ، سىجىل دەرس ئاڭلاشتا قىينىلىپ قالدى، مەن ئۇنىڭغا ۋېيشىندا سۆز قالدۇرۇپ: «شياۋخۇي، مەنمۇ شاڭلولۇق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆگىنىشتە ياكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز، ماڭا دەڭ، مەن سىزنىڭ ھەر كۈنى ئالغا بېسىۋاتقان ھالىتىڭىزنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، شياۋخۇي ھەقىقەتەن باشقىچە بولۇپ قالدى، ھېچ بولمىغاندا ئۇ ھەر كۈنى چىڭ تۇرۇپ دەرسكە قاتناشتى، ھەر كۈنى تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا تاپشۇردى، ئەسكەرتىشكە ئاساسەن خاتالىقىنى تۈزەتتى. پوچىركىسىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ پوزىتسىيەسى توغرىلانغاندەك تۇراتتى. مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا، شياۋ خۇي ماتېماتىكىدا 70 نومۇر ئالدى، بۇ نومۇر مەيلى شياۋخۇيغا نىسبەتەن بولسۇن ياكى ماڭا نىسبەتەن بولسۇن، ناھايىتى ھەيران قالارلىق ھەم خوشاللىنارلىق نومۇر ئىدى، نەتىجە ھەقىقەتەن مۆلچەردىكىدىن كۆپ ياخشى بولغانىدى.
ئوقۇغۇچىلارغا يەنە «خاتا ھۆكۈم» قىلماسلىق ئۈچۈن، مەن سىنىپ مەسئۇلىدىن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكىنى ئېلىپ، ئائىلە زىيارىتى پائالىيىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىمەكچى بولدۇم. بۇ قېتىم شياۋخۇيمۇ مېنىڭ ئائىلە زىيارىتى تىزىملىكىمدە بار ئىدى. شياۋخۇيدىن ئاڭلىشىمچە، ئۇ بۇ يەرگە ئىشلىگىلى كەلگەن بوۋىسى، مومىسى بىلەن بىللە كەلگەنىكەن، ئۆيدە يەنە بىر ئاكىسى بار ئىكەن، تولۇقسىز 3- يىللىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىشلىگىلى كېتىپتۇ. شياۋخۇي مېنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان ھۇجرىغا باشلاپ كىردى، ھۇجرىغا ئاپتاپ چۈشمەيتتى، ئازراققىنە قۇياش نۇرىنىمۇ ھىم يېپىلغان پەردە توسۇۋالغانىدى. مېھمانخانىدا شىرە يوق ئىدى، رەخت بىلەن ئورالغان سافا قويۇپ قويۇلۇپتۇ، ئىلگىرى مۇشۇ ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغانلار قالدۇرۇپ كەتكەن ئىكەن. مەن ئۇنىڭ مومىسى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، شياۋخۇي سافادا يانچە ئولتۇرۇپ، دەپتەرنى تىزىغا قويۇپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى مەشىقنى ئىشلىدى. شياۋخۇينىڭ مومىسى ماڭا: «بۇ بالام ئۆگىنىشتە ياخشى ئەمەس، كاللىسى ئىشلىمەيدۇ. كىچىكىدىنلا ھېچقايسىمىزنىڭ كارىمىز بولمىغان، شياۋخۇي بىر ياش ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئاپىسى كېتىپ قالغان»، دېدى. بۇ گەپلەر بولۇنۇۋاتقاندا، شياۋخۇينىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئۇنىڭ كۆنۈپ قالغانلىقى ئېنىق ئىدى.
ئائىلە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قايتىدىغان چېغىمدا، شياۋ خۇي ئارقىمدىن قوغلىشىپ چىقىپ ماڭا: «مۇئەللىم، مەن ياخشى ئوقۇيمەن»، دېدى. «مەن سىزگە ئىشىنىمەن، تىرىشسىڭىزلا، چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىسىز!» دېدىم.
شۇ قېتىمقى ئائىلە زىيارىتىدىن كېيىن، مەن دەرسخانىدا شياۋخۇينىڭ يۈرەكلىك بولۇپ قالغانلىقىنى، ناھايىتى ئاكتىپ پىكىر بايان قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدىم. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنمۇ، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېلىپ ماڭا گەپ قىلاتتى، بۇ ئۆزگىرىشلەر مېنى بەك خۇشال قىلدى.
مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، شياۋخۇي باھاردىكى گۈلگە ئوخشايتتى، بىراق قىشتىكى تەشتەكتە ئېچىلغانىدى، پەقەت ئازراققىنە قۇياش نۇرى ئۇنى ئىللىتسىلا، قىشتا ئېچىلغان تەقدىردىمۇ، توڭلاپ قالغان قەلبى ئېرىپ كېتەتتى. مەكتەپتە ئۇنىڭغا ئوخشاش بالا ناھايىتى كۆپ، ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماي، تۇرمۇشتىمۇ ئۇلارغا كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىشىمىز كېرەك ئىكەن.
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى تۇڭگۇەن ناھىيەسى تۇڭيۈ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.