قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئېقىن سۇدەك ئۆتكەن يىللاردىكى ئىللىقلىق

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2023-11-20 11:27:55

كۇاڭ فاڭ

  ئىلگىرى كىتابتىن بىر جۈملە سۆزنى كۆرگەنىدىم، ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: «ياخشى ئادەمنىڭ ئۆمرى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ يەنىلا باشقىلارنىڭ خاتىرىسىدە ياشايدۇ». مەن بۇ سۆزنى ئىنتايىن قوللايمەن، چۈنكى مەن ئۆتكەن يىللاردا بىر نەچچە ياخشى ئادەمنى ئۇچراتقان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، سەمىمىيىتى ۋە راستچىللىقى ئارقىلىق مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن، گەرچە بۇ كىچىك ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئاشۇ ئاق كۆڭۈللۈك ۋە تەسىرلىنىش ئىزچىل ئېسىمدە ساقلاندى...

رەسىمنى ئادىلجان ئالىم سىزغان.

  (1) بىر يەكشەنبە كەچتە، مەن مەكتەپ ئاشخانىسىغا قايتقىنىمدا سائەت يەتتە يېرىم بولغان بولۇپ، ئاشخانىنىڭ تاماق ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن، ئاشخانىنىڭ چىرىغىنىڭ يېنىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن قورسىقىم ئېچىپ غولدۇرلاپ كەتكەن مەن سىناپ بېقىش نىيىتىدە ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىردىم. ئەسلىدە ئاشخانا لوبىنى بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى ئىككىيلەن مەشغۇلات ئۆيىنى تازىلاۋاتقان ئىكەن، كېلىش مەقسىتىمنى سورىغاندىن كېيىن، ئەر- خوتۇن ئىككىسى دەرھال قولىدىكى ئىشنى قويۇپ، بىرى گاز ئوچاقتا سۇ قاينىتىپ، بىرى كۆكتات يۇيۇپ، گۆش قەلەمچىسى ۋە قۇرۇق ئۈگرىنى ئېلىپ، 10 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر قاچا ئىسسىق ھورى چىقىپ تۇرغان مەززىلىك گۆش قەلەمچىسى ئۈگرىسىنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلدى.

  ئىشخانىغا قايتىش يولىدا، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئالدىمدا مەن ئۈچۈن ئالدىراش ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشى دائىم كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى. بۇ ئاشخانىنى ئۇ ئىككەيلەن ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، شۇ چاغدا تاماق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى، ئەگەر ئۇلار باھانە كۆرسىتىپ يەيدىغان نەرسە يوق دېسىمۇ، مەن ھېچنېمە دېيەلمەيتتىم، لېكىن ئۇلار قىزغىنلىق بىلەن ماڭا مۇلازىمەت قىلدى، بۇ مېنىڭ كەيپىياتىمنى ئاشۇ قىش كېچىسىدە چەكسىز ئىللىتتى. 

  (2) كۈز پەسلىدىكى چۈشتىن كېيىن، چۈشلۈك ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ئۇيقۇدىن تېخى ئېچىلىپ بولالمىغان كۆزلىرىم بىلەن دېرىزە سىرتىدىكى ھاۋانىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. مەن كۈنلۈكنى سومكامغا سېلىپ، ئولتۇراق بىنانىڭ ئاستىغا چۈشكىنىمدە سىرتتا سۇس يامغۇر يېغىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. كۈنلۈكنى ئالاي دەپ تۇرغىنىمدا، سىرتقا چىقىپ قايتىپ كەلگەن بىر جۈپ ياشانغان ئەر- خوتۇن ئۇدۇلۇمدىن مېڭىپ كەلدى، مەن يانچە تۇرۇپ يول بەردىم. بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا: «سىز كۈنلۈك ئالماپسىزمۇ؟ يېغىشقا باشلىدى جۇمۇ»، دېدى. چاچلىرى ئاقارغان موماي كۈلۈپ تۇرۇپ كۈنلۈكنى ماڭا سۇنۇپ: «ئىشلىتىڭ، ھېچقىسى يوق!» دېدى. مەن مىننەتدار بولغان ھالدا: «رەھمەت سىلەرگە، مەن كۈنلۈك ئېلىۋالغان»، دېدىم. 

 

رەسىمنى ئادىلجان ئالىم سىزغان.

  ئۇلار مەن بىلەن ئەزەلدىن تونۇشمايدۇ، پەقەت بىر بىنادا تۇرىمىز. گەرچە ئاستى، ئۈستى قەۋەت بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشى ئەزەلدىن بېرىش- كېلىش قىلماسلىق ئىنتايىن نورمال ئىش دەپ قارايدۇ. ئەمما مۇشۇنداق چاچلىرى ئاقارغان ياشانغان ئەر- خوتۇن ئىسىم- فامىلىسىنىمۇ بىلمەيدىغان بىر قوشنىسىغا ياردەم بېرىشنى خالىدى. ئۇلارنىڭ ئاۋايلاپ كېتىۋاتقان سىيماسىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ساغلام تۇرۇشىنى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلدىم.

  (3) كەچتە ئېرىم بىلەن بىللە سۇنىڭ مال سېتىۋېلىش مەركىزىنى ئايلىنىپ كەلگىلى باردىم. ئاپتوموبىلنى توختىتىپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايال كېلىپ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ئۈچۈن ئالتە يۈەن ئالدى. دەسلەپتە ئۇنىڭغا 10 يۈەن بەردىم، كېيىن سومكامدا پارچە پۇل بارلىقىنى بايقاپ، پارچە پۇلنىڭ 6 يۈەنىنى ئۇنىڭغا بەردىم، ئاندىن ئېرىم بىلەن بىللە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى كۆرگىلى كىرىپ كەتتىم. بىر سائەتتىن ئارتۇق ئايلانغاندىن كېيىن، بىز سۇنىڭ مال سېتىۋېلىش مەركىزىدىن چىقىپ ئاپتوموبىلغا چىقىۋاتقىنىمىزدا، ھېلىقى خىزمەتچى كېلىپ قالدى، مەن ۋاقىت ئېشىپ كېتىپ، پۇل قوشۇپ بېرىشىم كېرەك بولغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ خىجىل بولغان ھالدا بايا مەندىن پارچە پۇل ئالغاندىن كېيىن، مەن ئالدىدا بەرگەن 10 يۈەننى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ ئىزچىل بىزنى ساقلاپ، ئالايىتەن ماڭا قايتۇرۇپ بەردى. ئاندىن چىرايلىق قاتلانغان ئون يۈەن پۇلنى ماڭا سۇنۇپ، كۆڭلۈمنى بىر ھازاغىچە تەسىرلەندۈردى. 

 گەرچە ئاران 10 يۈەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئايال كىشىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدىغان سەمىمىيلىكىنى نامايان قىلىپ، قەلبىمنى ئىللىتتى، ئېرىم توختىماستىن «ھەقىقەتەن ياخشى ئادەم ئىكەن» دەپ ماختاپ كەتتى.

  ئەتىگەندە رادىيودىن بىر خەۋەرنى ئاڭلىدىم، ئاساسىي مەزمۇنى ھازىر شەھەردىكى ئادەمگەرچىلىك بارغانسېرى سۇسلىشىپ، بۇنداق سۇسلىشىشقا كۆنۈپ قالغاندەك بولۇپ قاپتىمىز، شۇڭا ھەممە ئىشنىڭ ئاستا- ئاستا بولۇشى ھەقلىقتەك بولۇپ قاپتۇ.

  لېكىن مەن دۇنيادا يەنىلا ياخشى ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشىنىمەن، مەن ھەر كۈنى بىر ياخشى ئادەمنى ئۇچرىتىپ، ماڭا ئازراق ئىللىقلىق بېغىشلىشىنى، خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا خۇشاللىق بىلەن كىرىشىپ كېتىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن.

  (4) يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىشقا ئاپىرىپ قويغاچقا، ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاندا ئادەتتىكىدىن بىر ئاز بالدۇر چىقىپ، بىنانىڭ ئاستىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئاپتوبۇس ساقلىدىم. ئۇ كۈنى ئاپتوبۇس بېكىتىدە پەقەت مەن بىلەن مەندىن نەچچە ياش كىچىك، ئورۇقراق بىر يىگىت ئاپتوبۇس ساقلاۋاتاتتى. بىردەمدىن كېيىن ئاپتوبۇس كەلدى، بىز بىللە ئاپتوبۇسقا چىقتۇق. مەن ئىشلەتمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئايلىق بېلەت كارتامنى سۈركىگەندە چاتاق چىقتى، مەن نەچچە قېتىم سىناپ باقساممۇ، كارتا سۈرۈلمىدى، شوپۇر ماڭا پۇل تاشلاشنى شەرەت قىلدى، لېكىن مەن پورتمالىمنى ئاختۇرۇپ بىر يۈەنلىك پۇل تاپالمىدىم، ئەڭ كىچىكى قىممىتى 10 يۈەنلىك پۇل ئىدى. شوپۇر ماڭا: «باشقىلاردىن سوراپ پارچە پۇل پارچىلىتىڭ» دېدى. مەن ئىلتىجا نەزەرىم بىلەن ئاپتوبۇس ئىچىگە قارىدىم، ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغان بىر نەچچەيلەن ياكى دېرىزە سىرتىغا قاراپ تۇراتتى ياكى ئاپتوبۇس بىلەن تەڭ تەۋرىنىپ كۆزىنى يۇمۇپ ئۇخلاۋاتاتتى. ھالىم خاراب تۇرغىنىمدا، بۇلۇڭدا ئولتۇرغان مەن بىلەن تەڭ ئاپتوبۇسقا چىققان ھېلىقى يىگىت ئورنىدىن تۇردى، مەن دەرھال قولۇمدىكى ئون يۈەن پۇلنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم، لېكىن ئۇ قولىنى پۇلاڭلىتىپ: «بولدىلا، مەنمۇ پارچىلالمايمەن، سىزگە بېرەي» دېگىنىچە بىر يۈەن  پۇل سۇندى. ئۇ چاغدىكى مېنىڭ كەيپىياتىمنى «تەسىرلەنگەنلىكتىن يىغلىۋېتىش» دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلەشكە بولاتتى، توختىماي رەھمەت ئېيتىپ، دەرھال ھېلىقى بىر يۈەن پۇلنى پۇل سېلىش ساندۇقىغا تاشلىدىم.

رەسىمنى ئادىلجان ئالىم سىزغان.

  ئولتۇرۇپ ئاستا- ئاستا ئويلاپ، دۇنيادا يەنىلا ياخشى ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققاندا، باشقىلار ياردەمگە مۇھتاج بولسا، مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن، دېگەن نىيەتكە كەلدىم.

  ئادەمنىڭ قەلبى ئەسلىدىنلا شۇنداق، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىشنىڭ ئۆزى بەخت!

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: ۋۇخەن ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى دۈنياڭ دوختۇرخانىسى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

 رەسسام: ئادىلجان ئالىم

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق