قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئىللىق «ئاچپاقا» بولىمەن

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2023-11-30 17:53:49

 فېڭ جىن

 مەن «ئاچپاقا» دېگەن بۇ سۆزنى چىن كۆڭلۈمدىن ياخشى كۆرىمەن، «ئاچپاقا» دەپ ئاتىلىشنى ناھايىتى ئىللىق، بەختلىك ئىش دەپ قارايمەن. چوڭلار دائىم: «يېيىش بەخت» دەيتتى، مەن دەل باشقىلارنىڭ نەزەرىدىكى بەختلىك ئادەم.

 مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا يېيىشكە ئامراق بولغاچقا، ئاتا- ئانام مېنى «ئاچكۆز مۈشۈك» دەپ چاقىراتتى. كىچىك ۋاقتىمدا، مەن دادامغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ زاۋۇتىغا ئوينىغىلى باراتتىم، دائىم زاۋۇتنىڭ ئالدىدا سېتىلىدىغان دۇفۇ بوتقىسىنى يىگۈم كېلىپ كېتەتتى. ئۇ چاغلاردا ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، ھەر قېتىمدىلا يېيەلىشىم ناتايىن ئىدى، لېكىن دادام بەزىدە ماڭا بىر نەچچە موچەن تۇتقۇزۇپ، بېرىپ يېيىشكە بۇيرۇيتتى، بۇ چاغدا مەن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، قىيغىتقىنىمچە يايما ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ھەتتا قوڭۇمنى قويۇپ ئولتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا، «ئاچا، ماڭا بىر چىنە دۇفۇ بوتقىسى بېرىڭ» دەيتتىم. پۇلنى يايما ئىگىسىگە سۇنۇپ، ئۇنىڭ دورا- دەرمەك شىرنىسىنى قاردەك ئاپئاق دۇفۇ بوتقىسىنىڭ ئۈستىگە ئەپچىللىك بىلەن قۇيۇۋاتقانلىقىغا قاراپ، شۆلگەيلىرىم ئېقىپ كېتەي دەپ قالاتتى، ئولتۇرۇشۇم بىلەنلا بىر قوشۇق دۇفۇ بوتقىسى ئاغزىمغا كىرىپ بولاتتى، دۇفۇنىڭ ئاشۇ مەززىلىك پۇرىقىنى ھازىرغىچە ئەسلىيەلەيمەن.

 مېنىڭ «ئاچپاقا» بولالىشىمدا، ئاپامنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ، ئاپام تاماق ئېتىشكە ئامراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماق ئېتىشكە بەك ئۇستا ئىدى، مانتا، كۆكتات تۈرمىلى، تاۋا كاكچىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئۆي تاماقلىرىدىن گۈل كەلتۈرۈۋېتەتتى، ئاددىي بىر باغلام كەسمە چۆپمۇ ئۇنىڭ قولىدا ئادەمنىڭ شۆلگىيىنى ئېقىتىۋەتكۈدەك بولۇپ كېتەتتى. ئۆيگە مېھمان كەلسە، توڭلاتقۇدا ھېچقانچە كۆكتات يوق بولسىمۇ، لېكىن ئاپامنىڭ قولىدا بىردەمدىلا رەڭگى، پۇرىقى، تەمى  شۇنچىلىك ئېسىل بىر ئۈستەل تاماق تەييار بولاتتى. ئاپام تاماقنى ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن ئېتەتتى، بولۇپمۇ نەۋرىلىك بولغاندىن كېيىن، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىغا ئاساسەن، بىر ۋاقلىققا ئاپام بەزىدە بىر نەچچە خىل تاماق ئېتەتتى. مەن ئەمدىلا ئۆيدىن ئايرىلىپ خىزمەتكە چۈشكەن چېغىمدا، ئاشپەزلىك ھۈنىرىم ياخشى بولمىغاچقا، ھەر قېتىم تاماق ئەتكەندە ئاپامغا تېلېفون ياكى سىنلىق تېلىفون قىلاتتىم، ئاپامنىڭ «يىراقتىن قوماندانلىق قىلىشى» ئارقىلىقمۇ يەنىلا ئاپام ئەتكەندەك تەمدە ئېتەلمەيتتىم، مەن ئاپامدىن نېمىشقا بۇنداق بولىدىغانلىقىنى سورىدىم. ئاپام: «تاماق ئېتىشكىمۇ كۆڭۈل قويۇش كېرەك، ئەگەر سىز پەقەت ئۇنى ۋەزىپىنى ئورۇنداش دەپ قاراپ، قولىڭىزنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ قويسىڭىز، ئۇنداقتا ئەتكەن تامىقىڭىز چوقۇم يېيىشلىك بولمايدۇ»، دېدى.

 ئۆي- ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، مېنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرىم ئۆسۈپ قالدى، ھېچ ئىش بولمىسىمۇ تۈزۈكرەك بىر نەچچە خىل قورۇما چىقىرالايدىغان بولدۇم، لېكىن ھەر قېتىم بالامنى ئېلىپ ئۆيگە قايتقىنىمدا، ئاتا- ئانام يەنىلا مېنى تاماق ئەتكىلى قويمايدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە تاڭ يورۇماستىنلا، دادام ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ پەس ئاۋازدا: «ئانا- بالا ئىككىڭلارنىڭ ئەتىگەندە نېمە يېگۈڭلار بار، ئاپاڭلار ئېتىپ بەرسۇنمۇ، ياكى مەن سېتىۋېلىپ كىرەيمۇ» دەپ سورايدۇ. ئورنۇمدىن تۇرغىنىمدا، تاماق ئۈستىلىدە دائىم مەن ياخشى كۆرىدىغان ناشتىلىق ھازىر بولىدۇ. ئۆيدىن ئايرىلىشقا ئاز قالغان ئاشۇ چۈش ۋاقتى، ئاتا- ئانامنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقتى بولىدۇ، ئاپام ماڭا پوشكال سېلىپ بېرىش بىلەن، دادام قىيما تەييارلاش، جۇۋاۋا تۈگۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆيدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىت كەلدى، چوڭ- كىچىك خالتىلارنىڭ ھەممىسى ئاتا- ئانام تەييارلىغان يېمەكلىكلەر ئىدى. «بۇ جۈسەي قىيمىلىق جۇۋاۋا، سىز يېيىشنى ياخشى كۆرمەيسىز، لېكىن بالىڭىز ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ليەنسەي گۆش قىيمىلىقى، سىز ياخشى كۆرىسىز، قايتىپ بارغاندىن كېيىن دەرھال توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇڭ، خالتىدا مېۋە، ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىك بار، ئاكىڭىز ئەكەپتۇ»، دەپ ئاپام توختىماي تاپىلىدى. «ئاپا، ماڭا بۇنداق كۆپ بەرمەڭ، ھازىر سىرتتا ھەممە نەرسىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ» دېدىم. ئاپام: «ھەممىسىنى سىز ياقتۇرۇپ يەيسىز، ئېلىۋالسىڭىز قولايلىق»، دېدى. ئاتا- ئانامنىڭ نەزەرىدە، مەن مەڭگۈ ھېلىقى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان قىزچاق ئىدىم.

 مېنىڭ قەلبىمدە، ئاتا- ئانام ئەمگەكچان، ئاددىي- ساددا، ھەر بىر ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇلار تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدۇ ھەم تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلىدۇ، ئۇلار تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، پەرزەنتلىرىگە بولغان كۆيۈنۈشىنى ئۈچ ۋاق تاماققا سىڭدۈردى. تۇرمۇش جاپالىق، غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن چاغلاردىمۇ، ئۇلار ئوخشاشلا ئۇنى چېچەكلەتتى. بۇ ھازىرقى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، ھەر قانچە چوڭ ئىش بولسىمۇ، ياخشى تاماق يەپ، تويغۇدەك تاماق يەپ ئۇخلىۋالسام، ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىدۇ.

 ۋاڭ زېڭچى ئەپەندى ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «جاھاندىكى يېمەك- ئىچمەك بىلەن باغلىنىشلىق ئىشلار، پەقەت بۇ دۇنيادىكى تۇرمۇش ھىدى گۈپۈلدەپ تۇرغان بىر قاچا تاماقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ھەر قانچە ئالىيجاناب غايە، ھەر قانچە جۇشقۇن تۇرمۇش بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ ئاددىي بولغان، بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماققا مۇجەسسەملىنىدۇ.» سىرتتا تۇرمۇش كەچۈرۈش، خىزمەت قىلىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، يۇرتنى سېغىنىش ھېسسىياتى پەيدا بولىدۇ، بۇ بەلكىم سىرتتا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى بىر خىل يۆلەنچۈك بولۇشى مۇمكىن، دائىم ئاتا- ئانىسىنىڭ ئاشخانىدا ئالدىراش يۈرگەن ھالىتىنى، ئۆيدىكى ئۈچ ۋاق تامىقىنى، ئۇلارنىڭ يېنىدا «ئاچپاقا» بولغان كۈنلىرىنى سېغىنىدۇ.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى لىنۋېي رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق