قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئانىنىڭ كۈتۈشى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-01-26 16:24:22

دۇڭ چۇنيىڭ

 شەھەرگە قايتىپ ئۆگىنىش قىلغان ئاشۇ مەزگىلدە، ھەر كۈنى تۇرالغۇمغا قايتقىنىمدا، ئاستىنقى قەۋەتتىكى ھەدىمىزنىڭ يول بويىدا ساقلاۋاتقانلىقىنى ھەمدە تەشۋىشلەنگەن ھالدا ئۇياق- بۇياققا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرەتتىم.

 دەسلەپتە مەن پەقەت ئەدەپ يۈزىسىدىن سالاملىشىپ قويدۇم، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆڭلۈمدە قىزىقىش تۇغۇلۇپ، ئېغىز ئېچىپ سەۋەبىنى سورىدىم، شۇندىلا ئۇ ھەدىمىزنىڭ قىزىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇنىڭ قىزى ئەمدىلا خىزمەتكە چۈشكەن، ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئەمدىلا ئۆگەنگەن بولغاچقا، ئۇ ھەر كۈنى قىزى قايتىپ كەلگىچە ساقلاپ، قىزىنىڭ ئاپتوموبىلنى بىخەتەر توختاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن قىزى بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىپ كېتىدىكەن.

 كېيىن، مەن دائىم لىفىتتا بۇ ئانا- بالىنى ئۇچرىتىپ تۇردۇم، ئۇلار ناھايىتى مۇلايىم بولۇپ، پەس ئاۋازدا سۆزلىشەتتى. ھەدىمىز قىزىغا يېقىن تۇراتتى، چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، كىشىگە بىر خىل ئىللىق تۇيۇلاتتى.

 ھەدىمىز چوقۇم ناھايىتى مۇلايىم ئانا بولسا كېرەك، ئۇنىڭ چىرايىدا ئەزەلدىن تىتىلدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايتتى، دائىم خۇشخۇيلا يۈرەتتى.

 بىر چاغلاردا، مەنمۇ ئانامنى ساقلىتىپ باققان ئىدىم. مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە يولدا ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىپ ئۆيگە قايتمىغان چېغىمدا، مەكتەپ تەشكىللىگەن دالا تامىقى يېيىشكە قاتنىشىپ كەچ قالغىنىمدا، ھەپتە ئاخىرىدا دوستلىرىم بىلەن ئېتىزغا بېرىپ ساراڭلارچە يۈگۈرۈشۈپ ئوينىغان چېغىمدا... ئىشقىلىپ مەن سىرتقا چىقىپ ئۆيدە يوق بولۇپلا قالسام، ئانام مېنىڭ ئۆيگە قايتىشىمنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتى.

 ئۇ چاغدا يان تېلېفون يوق ئىدى، ئانام يا مېنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمىمنى چاقىرىپ ھەممە يەرگە دوقۇراتتى، يا كالا قوتىنىنىڭ ئۆگزىسىدە يىراقلارغا قاراپ ئولتۇراتتى، مەن بولسام ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىپ، قاراڭغۇ چۈشمىگىچە ئۆيگە قايتمايتتىم.

 ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى، 2002 - يىلى كەچ كۈزنىڭ بىر كۈنى، ئانام ئادەتتىكىگە ئوخشاش بۇتخانا سەيلىسىگە باردى، مەن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىزگە قوشنا ئانا- بالا ئىككىيلەن بىلەن تاغقا ئوتۇن تەرگىلى چىقىپ كەتتىم.

 ئۇ كۈنى، قوشنا ھامما بىزنى ناھايىتى يىراق بىر تاغقا باشلاپ باردى، ئۇ: «يىراق جايدا ئوتۇن تېرىش ئاسان»، دېدى. ئەتىگەن سائەت توققۇزدا، بىز ئۆيدىن يولغا چىقىپ، تۆت سائەت يامىشىپ ئاندىن مەنزىلگە يېتىپ كەلدۇق، ئۇ بۈك- باراقسان قارىغايلىق ئىدى. دەرۋەقە يەردە نۇرغۇن ئىنچىكە قۇرۇق شاخلار بار ئىدى، بىردەمدىلا مەن بىر سېۋەت تېرىۋالدىم.

 چوڭلار بالىلارنىڭكىدىن كۆپرەك ئوتۇن يۈدۈشى كېرەك ئىدى، ھامما يەردىكى ئوتۇنلارنىڭ بەك ئۇششاق ئىكەنلىكىدىن ئاغرىنىپ، نەزەرىنى تۈپتۈز بىر تۈپ قارىغايغا قاراتتى، قارىغاينىڭ ئۈستۈنكى يېرىمى قۇرۇپ كەتكەنىدى. ئۇ سېمىز بولغاچقا يامىشىپ چىقالمايتتى، شۇڭا، مېنى ياردەم قىلغۇزماقچى بولدى.

 دەرەخكە يامىشىشقا مەن ئۇستا ئىدىم، مەن ئازراقمۇ ئويلانمايلا ماقۇل بولدۇم. لېكىن ئوتۇن چاپىدىغان قىڭراق ئېغىر بولغاچقا، سۈرئىتىم ئاستا بولدى، ئۇ ئىككى چوڭ سېۋەتنى توشقۇزۇپ ئورنىدىن تۇرغاندا، قۇياش غەربكە قىيسايغانىدى.

 تاغقا چىقىش ئاسان، چۈشۈش تەس بولغاچقا، بىز ئۆيگە كەلگەندە كەچ بولۇپ كەتتى.

 كەنتكە كىرىپلا ئانامنىڭ كالا قوتىنىنىڭ ئۆگزىسىدە تەشۋىشلەنگەن ھالدا بىز كېلىدىغان تەرەپكە قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم، كەچكى شەپەق ئانامنىڭ بەدىنىگە چۈشۈپ تۇراتتى، ئانامنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئىللىق نۇر ئورىۋالغانىدى.

 بەلكىم بەك دىققەت قىلىپ تۇرغاچقىمىكىن، ئۇ مېنىڭ ئاياغ تىۋىشىمنى ئاڭلىمىدى، مەن «ئاپا» دەپ چاقىرغاندىن كېيىن، ئۇ ئاندىن ئۆرۈلۈپ، ئۆگزىدىن ئىرغىپ چۈشۈپ، تېز- تېز چامداپ ماڭا قاراپ كەلدى.

 ئۇ مېنىڭ ئۆشنەمدىن ئوتۇنلارنى ئالغاچ مېنى ئەيىبلەپ: «يەنە كەلمىگەن بولساڭ، مەن سېنى ئىزدەپ تاغقا چىقاتتىم!» دېدى. مەن ئۇنى ماختارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە ئالدىراش ھالدا ئۆزۈمنىڭ «قەھرىمانلىقىم» ۋە كەچ قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ بەردىم. ئەمما ئۇ: «كېلەر قېتىم ئۇنداق ئېگىز دەرەخكە ياماشمايسەن، چۈشۈپ كەتسەڭ قانداق قىلىمىز؟ ئۇنداق يىراق يەرگىمۇ بارمايسەن»، دېدى.

 مەن دولامنى كۆتىرىپ قويدۇم، داۋلىدا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىمنى بىلىپ، غۇلىچىمنى كېرىپ ئانامنىڭ بېلىنى قۇچاقلاپ، ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئەركىلىگەچ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆيگە كىردىم.

 ئانام مېنى گۈرۈچ ئىشكاپىنىڭ يېنىغا باشلاپ كېلىپ، بۇتخانا سەيلىسىدىن ئالغاچ كەلگەن يەل- يېمىشنى ئېلىپ بەردى، مېنىڭ كۆزلىرىم پالىلداپ، خالتىنى ئېچىپ تەلۋىلەرچە يەپ كەتتىم.

 تاتلىق پىرەنىك ئېغىزىمغا كىرگەندە، بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقىمنىڭ ھەممىسى قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى.

 ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىك كەمچىل يىللاردا، ئانام ھەر قېتىم بۇتخانا سەيلىسىگە بارغاندا، تەقسىم قىلىنغان يەل- يېمىشنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئالغاچ كېلەتتى. مايدا پىشۇرۇلغان راك ياپراقچىسى، تاتلىق مېۋە كەمپۈت، ئادەتتە سېتىۋېلىشقا كۆزىمىز قىيمايدىغان ئالما ۋە شاڭجياۋ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ نەپسىمنى قاندۇراتتى.

 بۈگۈنكى كۈندە، مەنمۇ نۇرغۇن مېۋە- چېۋە سېتىۋالالايمەن، ئەپسۇس ئانام مەن بىلەن بىر دۇنيادا ئەمەس. ئانام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، مېنىڭ ئۆيگە قايتىشىمنى ئانامدەك تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرىدىغان ئادىمىم قالمىدى، مېنىڭ ھاياتىمدا پەقەت «قايتىش يولى»لا قالدى.

 كېيىن، مەن يېزا- بازارغا قايتتىم، بەزىدە شەھەرگە قايتتىم، ئۇچرىشىپ قالغاندا قوشنا ھەدىمىز يەنىلا خۇشخۇي ھالدا ماڭا مۇلايىملىق بىلەن گەپ قىلدى، مەنمۇ ئوخشاشلا مۇلايىملىق بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم.

 مەن بۇ ھەدىمىزنى بەك ياقتۇرىمەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ تەسىرلىك مۇلايىملىقنى ماڭايەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بۈگۈنكى كۈندە، مەنمۇ ئانا بولدۇم، قىزىم كەچ قايتقاندا، مەنمۇ تەشۋىشلەنگەن ھالدا ئۇنىڭ يولىغا قارايمەن، خۇددى ئاستىنقى قەۋەتتىكى ھەدىمىزگە، شۇنداقلا، ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئانامغا ئوخشاش.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: يۈننەن ئۆلكىسى لۇشۈي شەھىرى لوبېنجو بەيزۇ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق