ۋۇ جىنجى
ھەر بىر ئادەمنىڭ بالىلىق تەمى بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ كالا سۈتىگە ئوخشاش خۇش پۇراق بولىدۇ، يەنە بەزىلىرى دولاناغا ئوخشاش چۈچۈمەل تاتلىق بولىدۇ، مېنىڭ بالىلىقىم بولسا بۇ ئىككىسىنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشى − «ئۇلۇغ موما تەملىك» AD كالتسىي سۈتى.
كونا ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ سول يېقىدىكى ئۆيدە مېنىڭ ئۇلۇغ مومام تۇراتتى. ئېسىمنى بىلسەم، ئۇلۇغ مومام شۇ يەردە تۇراتتىكەن. ئۇ ھەمىشە چوڭ گۈللۈك پاختىلىق چاپان كىيىۋالاتتى، چارلاشقان چاچلىرى سەل بۈدۈر ئىدى، دۈمچىيىپ قالغان بولغاچقا، بويى پاكار كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ سەرەمجانلىرى ناھايىتى ئاددىي ئىدى: بىر كىچىك كارىۋات، بىر كىچىك ئۈستەل، بىر سۇ قاينىتىدىغان چەينەك بار ئىدى، بۇلۇڭدا يەنە بۇزۇلۇپ قالغان بىر كىيىم تىكىش ماشىنىسى بار بولۇپ، ئۇ مېنىڭ بالىلىق چېغىمدا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقۇم ئىدى.
مەن ئالتە ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇلۇغ مومامنىڭ ئۆيىگە دائىم كىرەتتىم. ھەر قېتىم كونا ئۆينىڭ ياغاچ دەرۋازىسىدىن كىرگىنىمدە، ئىختىيارسىز ھالدا ئالدى بىلەن سول تەرەپكە قارايتتىم، ئۇلۇغ مومامنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ھەرقاچان ئوچۇق تۇراتتى. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، مەن كىچىك كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بىر نەرسىلەرنى قىلغىنىمچە: «ئۇلۇغ موما، مەن كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى ئوينايمەن»، دەيتتىم. بۇ چاغدا ئۇلۇغ مومام كۈلۈپ تۇرۇپ ئورۇندۇقنى ئېلىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇراتتى- دە، ئىككى چاقنى تەڭشەپ، ئاندىن قاداق بېسىپ كەتكەن قولى بىلەن كىچىك قولۇمنى تۇتۇپ، ماڭا بىر- بىرلەپ ئۆگىتەتتى. مەن ئۇلۇغ مومامنى دوراپ بىر پارچە كىچىك رەخت پارچىسىنى ئايلاندۇرۇپ تىكىپ، يىپنى رەختكە چىرماپ قوياتتىم، ئاندىن «ھىم» دەپ دىمىقىمنى قېقىپ، ئۇلۇغ مومامنىڭ كارىۋىتىدا ئولتۇرۇۋېلىپ: «بەك تەسكەن! ئۇلۇغ موما، مەن ئوينىمايمەن!» دەيتتىم. بۇ چاغدا، ئۇ دەرھال ياندىكى ئىسسىق ساقلاش چۆگۈنىدىن ئىككى بوتۇلكا ئىلمان سۈت ئېلىپ، مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ: «قايسى بوتۇلكىدىكىنى ئىچىسەن؟» دەپ سورايتتى. مەن ھەر قېتىم ئويلاپ تۇرمايلا ئۇنىڭ قولىدىن AD كالتسىي سۈتىنى ئېلىپ، كۈچەپ سۈمۈرەتتىم، بىر يەرلىرى ئاچچىق - چۈچۈك، بىر يەرلىرى تاتلىق، ئىلمان سۈت قەلبىمنى ئىللىقلىققا چۆمدۈرەتتى. بۇنداق تونۇش تەم ئۇلۇغ مومامنىڭ تەبەسسۇمىغا ئوخشاش، كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، بالىلىقىمدىكى مەخسۇس تەمگە ئايلاندى.
ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر قېتىم ئۇلۇغ مومام مېنىڭ كالا سۈتىگە ئامراقلىقىمنى بىلىپ، ئۆزى يالغۇز كۆكتات بازىرىغا سېتىۋالغىلى بېرىپتۇ. لېكىن ئۇ خەت تونۇمىغاچقا، باشقىلاردىن: «بۇ كالا سۈتىمۇ؟» دەپ سوراپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا، بىر يەشىك ساپ سۈت سېتىۋاپتۇ. بىر يەشىك سۈت خېلى ئېغىر بولغاچقا، ياشىنىپ قالغان ئۇلۇغ مومام سۈتنى كۆتۈرۈپ، نەچچە قەدەمدە بىر توختاشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئوتتەك قۇياش قىزدۇرۇپ تۇرغان ئاپتاپتا، ئۇ بىر يەشىك سۈتنى تاغ ئېتىكىدىن تاغ قاپتىلىغا ئېلىپ چىققۇچە، ھېرىپ تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىپتۇ. مېنىڭ قايتىپ كەلگىنىمنى كۆرۈپ، ئۇ دەرھال بىر بوتۇلكىنى ئېلىپ ماڭا سۇندى. مەن ئورالمىسىغا قاراپ ئۇنىڭ ساپ سۈت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، قولۇمنى شىلتىپ: «ئۇلۇغ موما، مەن بۇنداق سۈتنى ياقتۇرمايمەن، ياخشى كۆرىدىغىنىم AD كالتسىي سۈتى. بۇنى ئۆزىڭىز ئىچىڭ!» دېدىم. ئۇ چاغدا ئۇلۇغ مومام خۇددى خاتا ئىش قىلىپ قويغان بالىغا ئوخشاش، مېنىڭ قولۇمدىن يېتىلەپ، سەنتۈرۈلۈپ ماڭغىنىچە بازارغا قايتىپ كېلىپ، يەنە بىر يەشىك سېتىۋالدى. موما- ئەۋرە ئىككىمىز مىڭ تەسلىكتە سۈتنى ئۆيگە ئېلىپ كەلدۇق. مەن ئۇلۇغ مومامغا: «مەن بايا سېتىۋالغان بۇندىقىنى ئىچىشنى ياخشى كۆرىمەن، ئالدىدا سېتىۋالغان يەنە بىر يەشىكنى ئۆزىڭىز ئىچىڭ» دېدىم. لېكىن ئۇ دائىم ئېسىدە تۇتالمايتتى، ھەر قېتىم ماڭا ئىككى بوتۇلكا سۇنۇپ، ماڭا بىرسىنى تاللاتقۇزاتتى.
كېيىن، مەن يەسلىگە كىردىم، ئۇنى دائىم يوقلاپ تۇرالمايدىغان بولدۇم، ئىككى- ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم باراتتىم. ئۆزگەرمەيدىغىنى شۇكى، ھەر قېتىم ئىشىكتىن كىرگىنىمدە، ئۇلۇغ مومام ئىككى بوتۇلكا سۈتنى ئېلىپ ئىشىك ئالدىدا مېنى ساقلاپ تۇرۇپ: «قايسى بوتۇلكىدىكىنى ئىچىسەن؟» دەپ سورايتتى. بۇرۇنقىدەكلا تونۇش ئاۋاز، ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈمسىرىگىنىچە، قولىدا ئىككى بوتۇلكا ئىلمان سۈت تۇتۇپ تۇراتتى. ئىللىق، چۈچۈمەل، تاتلىق! توغرا، يەنىلا ئاشۇ تونۇش تەم، مەن مېھرىمنى ئۈزەلمەيدىغان بالىلىق چاغلىرىمدىكى تەم.
نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، قەھرىتان قىشنىڭ بىر كۈنى، مەن يەنە ئاتا- ئانام بىلەن بىللە كونا ئۆيگە قايتىپ باردىم. تونۇش ياغاچ دەرۋازىنى ئېچىپ، ئىختىيارسىز سول تەرەپكە بىر قارىدىم. پەقەت بۇ قېتىم چىڭ يېپىقلىق كىچىك ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئۇلۇغ مومامنىڭ تونۇش تەبەسسۇمى ۋە ئۇنىڭ «قايسى بوتۇلكىدىكىنى ئىچىسەن؟» دېگەن گېپى ئەسلا يوق ئىدى. ئۇلۇغ مومام بىلەن ئۇنىڭ ئىلمان سۈتى مېنىڭ خاتىرەمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلىنىپ، مېھرىمنى زادىلا ئۈزەلمەيدىغان بالىلىق تەمگە ئايلاندى.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۇي شەھىرى جىنيۈن ناھىيەلىك بىچۇەن باشلانغۇچ مەكتىپى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.