قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| سىلەرنى ئۇچراتقىنىم بەك ياخشى بولدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-02-21 16:55:30

گېڭ سەيشيا

 ھايات بىر مەيدان ئەڭ گۈزەل ئۇچرىشىش. بىز ئىللىقلىقنى، ئاق كۆڭۈللۈكنى، كۈلۈمسىرەشنى، بارلىق گۈزەللىكنى ئۇچرىتىمىز ...

 ئۇ 2018- يىلىنىڭ باش ياز مەزگىلى ئىدى، مەن ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم. دوختۇرخانىغا يېڭى كىرىپ، كېسەل كارىۋىتىدا تۈگۈلۈپ ياتقىنىمدا، كاللامنى پۈتۈنلەي ئازاب ۋە ئۇۋالچىلىق چىرمىۋېلىپ، ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويۇپ، بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ يىغلاپ كەتتىم. ئاكام ماڭا قانداق تەسەللى بەرسىمۇ پايدىسى بولمىدى.

 «سىڭلىم، يىغلىماڭ»، دەپ بىرەيلەن مۈرەمگە شاپىلاقلىدى، مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم، بىر ھەدەش يېنىمدا ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ كۈلۈمسىرەپ ماڭا قاراپ: «يىغلىسا كېسەل ساقىيامدۇ؟ ئاكىڭىز سىزگە شۇنداق كۆڭۈل بۆلىدىكەن، يېنىڭىزدا چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىسىڭىز ئاندىن داۋالاشقا پايدىلىق بولىدۇ. مەن سىزدىن بالدۇر كەلدىم، كۆپرەك چۈشىنىمەن، كېسەل داۋالاش ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس. ھېچ ئىش يوق!» دېدى. كېيىنكى كۈنلەردە بۇ ھەدەش دائىم يېنىمغا كېلىپ، ماڭا تەسەللىي بېرىپ، ئىلھام بېرىپ، ماڭا ئىشەنچ ۋە ئىللىقلىق بېغىشلىدى.

 داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە، بىر قېتىم مەن تەكشۈرتمەكچى بولدۇم، بىر ھەدەش مېنىڭ تىتىلداۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، ماڭا قول ئىشارىسى قىلىپ: «قىزىم، قورقماڭ، ھەر قانداق ئىشقا كۈلۈپ قويۇڭ، كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. مەن ھازىر ناھايىتى ياخشى، كۈندە بەدەن چېنىقتۇرىمەن. بالىلار ماڭا ھەمراھ بولۇپ قايتا تەكشۈرتكىلى كېلىۋىدى، مەن ئۇلارنى كەتكۈزۈۋەتتىم. سىز مەندىن ئۆگەنسىڭىز بولغۇدەك جۇمۇ!» دېدى.

 ئاكام مېنى شاپىلاقلاپ تۇرۇپ: «ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ سىز ھازىر قانداق قىلىشنى چۈشەنگەنسىز؟ سىزنىڭ روھىي ھالىتىڭىز ھەدەشنىڭكىگە يەتمەيدىكەن»، دېدى.

 «قىزىم، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ياخشى روھىي ھالەتتە بولۇڭ، ئاكىڭىزنى ئەنسىرەتمەڭ»، ھەدەشمۇ مېنى شاپىلاقلاپ تۇرۇپ، شۇنداق دەپ گەپ قىستۇرۇپ قويدى.

 دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، مەن دائىم كېسەلخانىدىكى بىر ھەدەش بىلەن پاراڭلىشىپ تۇردۇم. ئۇ ماڭا نەسىھەت قىلىپ، بارلىق ئەندىشەمنى تاشلاپ، ئاكتىپ داۋالىنىپ، روھىي ھالىتىمنى تەڭشەپ، خىزمەتنى تەرتىپلىك ئىشلىشىمنى، تۇرمۇشنى قانۇنىيەتلىك ئۆتكۈزۈشۈمنى ئېيتتى.

 دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، بىر قېتىم كېچە سائەت 11دىن ئاشقاندا، ئۇ ماڭا تېلېفون قىلىپ: «مەن يەنىلا سىزدىن خاتىرجەم بولالماي، سىزگە تېلېفون قىلغۇم كەلدى. سىز ئۆيدە ياخشى ئارام ئېلىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن كىچىك كېسەلنى يوغىنىتىۋېلىپ داۋالانسىڭىز بولمايدۇ، بىز بۇنىڭ جاپاسىنى تارتىپ باققان. سىز چوقۇم كەيپىياتىڭىزنى كونترول قىلىشىڭىز كېرەك، ئەمدى قالايمىقان ئاچچىقلانسىڭىز بولمايدۇ، بۇنداق قىلسىڭىز سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز. بالىغا سەۋرچان بولۇشىڭىز كېرەك، تېرىكسىڭىز بولمايدۇ»، دېدى.

 ئەلۋەتتە، ئۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن كىشى ماڭا كۆڭۈل بۆلدى. مەن دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، ئاكام، يەڭگەم كېچە- كۈندۈز ھەمراھ بولدى، رەھبەرلەر ۋە خىزمەتداشلىرىم كۆڭۈل بۆلۈپ ھال سورىدى، دوستلىرىم ياردەم قىلدى، بۇلار ھەر ۋاقىت مېنىڭ قەلبىمنى ئىللىتىپ تۇردى. كۆپچىلىكنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن، مېنى رىغبەتلەندۈرگەن سۆزلىرى كېيىنكى كۈنلەردە ماڭا باشتىن- ئاخىر روھىي تەسەللى بولۇپ، تۇرمۇش ئىشەنچىمنى ئاشۇردى.

 مەن شۇنداق دېمەكچى، سىلەرگە رەھمەت، سىلەرنى ئۇچراتقىنىم بەك ياخشى بولدى!

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن شەھەرلىك خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق