شياۋ جېن
ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ كۈنى شەنبە ئىدى، شۇ ئايدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېچىلىك ئىسمېنىدىن چۈشكەندىن كېيىن، يېنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، مەن ئۆيگە قايتماي، كان دەرۋازىسى ئالدىدا ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، ئەنخۇينىڭ سۇجوۋ شەھىرىگە بېرىپ چۆگىلەپ كەلمەكچى بولدۇم.
ئاپتوبۇستا بوش ئورۇن ئازلا قالغان ئىدى، مەن خالىغانچە بىر ئورۇن تېپىپ ئولتۇردۇم. ئاپتوبۇس ناھايىتى تېزلا قوزغالدى، ئاپتوبۇسنىڭ رىتىملىق سىلكىنىشىگە ئەگىشىپ، بىر كېچە ئىشلىگەن مېنىڭ ئاخىرى ئۇيقۇم كېلىپ، ئېچىشىپ تۇرغان كۆزلىرىم ئىختىيارسىز يۇمۇلۇپ كەتتى.
تۇيۇقسىز، بىر تورمۇزدىن چۆچۈپ ئويغاندىم. كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام، ھېچ ئىش بولماپتۇ. مەن قايتىدىن كۆزۈمنى يەنە بىر قېتىم يۇمماقچى بولغىنىمدا، يېنىمدا كونا پاسوندىكى سېرىق سومكا كۆتۈرۈۋالغان بىر چوڭ ئانىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ چاچلىرى چارلاشقان بولۇپ، يېشى 60لارنىڭ يۇقىرىسىدا بار ئىدى، ئورۇق يۈزىنى قورۇق باسقان بولۇپ، كىيىملىرى كونا بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى پاكىز ئىدى. ئۇ ئورۇندۇقنىڭ يېنىدا بىر قولىدا سومكىسىنى، بىر قولىدا ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىنى تۇتۇپ تۇراتتى. ئاپتوبۇس قوزغالغان ۋە توختىغاندا ئۇنىڭ بەدىنىمۇ ئۇياق- بۇياققا تەۋرىنىپ تۇراتتى. مەن كۆزۈمنى ئۇۋىلاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ: «چوڭ ئانا، سىز ئولتۇرۇڭ»، دېدىم. چوڭ ئانا: «سىز ئولتۇرۇڭ، ئولتۇرۇڭ، مەن ئۆرە تۇراي» دېدى. مەن قانداقمۇ ئولتۇرالايمەن، شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئانامنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم...
چوڭ ئانا ئىككى بېكەت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇردى. مەن ئۇنى ئاپتوبۇستىن چۈشىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ئويلىمىغان يەردىن چوڭ ئانا قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «يىگىت، سىز ئولتۇرۇڭ، مەن ئارام ئېلىۋالدىم، سىز ئولتۇرۇپ بىردەم ئۇخلىۋېلىڭ»، دېدى. ئۇ مېنىڭ بەك ئۇيقۇسىراپ، ئۆرە تۇرۇپمۇ كۆزۈمنى يۇمۇۋالغانلىقىمنى كۆرگەندەك قىلاتتى. مەن ئۇنى زورلاپ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم.
ۋاقىت ئاپتوبۇس ئىشىكىنىڭ ئېچىلغان ۋە يېپىلغان ئاۋازى ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، يەنە بىر نەچچە بېكەت ئۆتكەندىن كېيىن، چوڭ ئانا يەنە ئورنىدىن تۇردى، مەن ئۇنى بۇ قېتىم مەنزىلگە يېتىپ كەلدى، دەپ ئويلاپتىمەن. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ يەنە: «يىگىت، يەنىلا سىز ئولتۇرۇڭ، سىز بەك چارچاپ كېتىپسىز، كاندا ئىشلەمسىز، سىلەرنىڭ كاندىكىلەر جاپا چېكىسىلەر. مەن خېلى ئولتۇردۇم، سىز ئولتۇرۇپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ، تېز ئولتۇرۇڭ»، دېدى. شۇ تاپتا، كۆز چاناقلىرىمدا ياش لىغىرلىدى... «چوڭ ئانا، سىز ئولتۇرۇۋېرىڭا، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، ھارمىدىم»، دېدىم. «ئۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ، سىز بەك ھېرىپ كېتىپسىز، مەن نەچچە بېكەت ئولتۇردۇم، يەنە خىجىل بولماي قانداق ئولتۇرۇۋېرىمەن»، دېدى چوڭ ئانا. چوڭ ئانا سۆزلىگەچ سومكىسىنى ئېچىپ، بىر سىقىم خاسىڭنى قولۇمغا تۇتقۇزدى: «ئازراق خاسىڭ يەڭ، مەن ئوغلۇمنى يوقلاپ شەھەرگە ماڭغان، ئۇ شۇ يەردە ئىشلەيدۇ، كېلەي دەپ قالدىم»، دېدى.
بۇ قېتىمقى ئورۇن بېرىش مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بىر قېتىملىقى بولۇپ قالدى. بىر يېزىلىق چوڭ ئانا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، قايتا- قايتا رەھمەت ئېيتىپ، ئورۇننى ماڭا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولدى. ئۇنىڭ ئاپتوبۇستا قىلغانلىرىدىن مەن ھازىرغىچە تەسىرلىنىمەن، ھەر قېتىم ئويلىسام قەلبىمدە ئىللىق ئېقىم پەيدا بولىدۇ.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەيبېي شەھىرى مياۋشى ناھىيەسى خەنسۈن بازىرى شياۋخۇزى كۆمۈر تاللاش زاۋۇتى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.