قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| كىچىككىنە گىلاستىكى قويۇق ئاتا مېھرى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-02-23 17:16:43

مۇ زۇڭمېي 

 نەچچە كۈن ئىلگىرى، دادام تېلېفون قىلىپ گىلاس پىشقانلىقىنى ئېيتىپ، مېنى بېرىپ ئۈزۈۋېلىشقا چاقىردى. مەن دادامغا يېقىندا بىر تاللا بازىرىغا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنغانلىقىمنى، تاللا بازىرى تىجارەت باشلاش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، دەم ئالالمايدىغانلىقىمىزنى ئېيتسام، دادام تېلېفوننى جىملا قويۇۋەتتى. نەتىجىدە ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، دادام  گىلاسنى  ئالايىتەن ئۆيۈمگە ئېلىپ كەپتۇ. 

 سېۋەتتىكى قىزىل ھېقىققا ئوخشايدىغان گىلاسلار ئادەمنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى. مەن دەرھال بىر نەچچە تالنى ئېلىپ، ئاغزىمغا سالغاچ: «دادا، سىز كېلىپ قاپسىزغۇ؟» دېدىم. دادام: «سىز يېقىندا دەم ئېلىش يوق، بارالمايمەن دېدىڭىزغۇ؟ شۇنىڭ بىلەن مەن گىلاسنىڭ پەسلىگە بىر نەچچە كۈنلا قالغانلىقىنى، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يوق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئازراق ئۈزۈپ سىلەرگە ئەكىلىپ بېرەي، دەپ ئويلىدىم»، دېدى. مەن نارازى بولۇپ: «شۇنداقتىمۇ سىز بۇنداق ئەتىگەن كەلمىسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ؟» دېدىم. دادام: «مەن شياۋيۈنى سائەت ئالتىدە مەكتەپكە بارىدۇ، دەپ ئويلىدىم، سىز يەنە يېقىندىن بۇيان بالدۇر ئىشقا بارىمەن دېدىڭىز، مەن كېچىكىپ قالسام ئىشىكتىن كىرەلمەسلىكتىن ئەنسىرىدىم»، دېدى.

 بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن، دادام يېقىندىن بۇيان قىچا ئورۇش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئالدىراپ كېتىپ قالدى. دادام كەتكەندىن كېيىن، مەنمۇ ئىشقا باردىم. 

 كەچتە، مەن ھارغىن بەدىنىمنى سۆرەپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئۈستەلدىكى ئوغلۇم يەپ يېرىملىتىپ قويغان گىلاسنى كۆرۈپ، ئالمان -تالمان بىر نەچچە تالنى ئېلىپ ئاغزىمغا سالدىم. ئۇزۇندىن بېرى تېتىپ باقمىغان تەم كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە ئاغزىمدا تارقىلىپ، ۋۇجۇدۇمدىكى ھارغىنلىق بىردىنلا يوقالدى. يېگەچ، كۈندۈزى ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، دادامغا تېلېفون قىلىپ سائەت نەچچىدە ئۆيگە يېتىپ بارغانلىقىنى سوراشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى ئېسىمگە ئالدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال دادامغا تېلېفون قىلدىم، لېكىن ئالىدىغان ئادەم يوق، يەنە ئانامنىڭ نومۇرىغا تېلېفون قىلدىم. 

 ئانام ماڭا دادامنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. مەن: «دادام نېمىشقا بۇنچە بالدۇر ئۇخلايدۇ؟ كۈندۈزى قىچا ئورۇپ ھېرىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟» دېدىم. ئانام: «شۇنداق! قىچىنى ئېڭىشىپ ئورىدىغان بولغاچقا ئەسلىدىنلا بەك ھېرىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىڭىز سىزگە گىلاس ئۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن كېچە سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا ئورنىدىن تۇردى»، دېدى. «كېچە سائەت ئىككىدە؟» مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ، ئالدىراپ-تېنەپ: «گىلاس ئۈزسىمۇ بۇنداق بالدۇر تۇرۇۋالمىسا بولاتتىغۇ؟» دەپ سورىدىم.

 ئانام ماڭا دادامنىڭ مېنىڭ قايتىپ كېتەلمەيدىغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، كېچىچە كارىۋاتتا ئۇياق- بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىغانلىقىنى، ئۆزىنىمۇ ئۇخلاتمىغانلىقىنى ئېيتتى. كېيىن، ئانام: «قىزىمىز قايتىپ كېلەلمىسە، سىز ئاپىرىپ بەرمەمسىز!»دېگەندىن كېيىن، ئاتام بىردىنلا ئېسىنى تېپىپ، ئاندىن خاتىرجەم ئۇخلاپتۇ.

 ئانام يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ، دادامنىڭ يېنىدا يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا چىقىپ ئىزدەپتۇ. ئانام دادامنىڭ ھويلىدىكى گىلاس دەرىخى ئاستىدا تۇرغانلىقىنى، بىر قولىدا قول چىراغنى تۇتۇۋېلىپ، يەنە بىر قولىدا ئالدىراش گىلاس ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئانام دادامنى «يېرىم كېچىدە ئۇخلىماي قارىسىغا ئىش قىلىپ»، دەپ ئەيىپلىسە، دادام: «گىلاسنى بالدۇر ئاپىرىشىم كېرەك، كېچىكىپ قالسام، قىزىمىز ئىشقا كېتىپ قالسا ئۆيگە كىرەلمەيمەن»، دەپتۇ. دادام ئانامنىڭ ئورنىدىن تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانامغا قول چىراغ ياققۇزۇپ، ئۆزى شوتىنى ئېلىپ كېلىپ دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ ئۈزۈپتۇ.

 مەن ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە، تۇتۇۋالغىلى ئۇزۇن بولغان كۆز يېشىم خۇددى كەلكۈندەك يامراپ ئېتىلىپ چىقتى. كۆزلىرىم ياشتىن خىرەلەشتى، مەن خۇددى ياشىنىپ قالغان دادامنىڭ سوغۇق كېچىدە ياغاچ شوتىغا چىقىپ گىلاس ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم... 

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: گۇيجۇۋ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى بوجوۋ رايونلۇق فېڭشياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتى 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق