قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئىللىق «يۆلەنچۈك»

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-02-27 11:04:54

فۇ گۇاڭجۈەن

 «بۈگۈن نېمە يېگۈڭىز بار؟» تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئادەتتىكى بىر جۈملە سۆز، ئەمما ئۇ قەلبىمدىكى بىر چىنە ئىللىق «شورپا»غا ئوخشايدۇ. ئۇ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن بىر باغرى يۇمشاق ھەربىي، شۇنداقلا مېنىڭ ئىللىق «يۆلەنچۈكۈم».

 2017- يىلى باش قىشتا، يەسلىمىز جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يەسلىلەرنى باھالاش بويىچە قايتا تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى، بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتا ئاساسەن دېگۈدەك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدۇق، دائىم يېرىم كېچە سائەت 12گىچە ئىشلەپ، ئاندىن ئۆيگە قايتتىم، ئىككى بالىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىدىن ئۇ ئۆزى يالغۇز خەۋەر ئالدى. يان تېلېفوندىن يەنە تونۇش قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلاندى، «نېمە يېگۈڭىز بار؟ مەن بالىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ، يەسلىنىڭ ئالدىغا بېرىپ سىزنىڭ قايتىشىڭىزنى ساقلايمەن». «قولۇمدىكى مۇھىم خىزمەتنى يەنە بىر ئازدىن كېيىن تۈگىتەلەيمەن، بىر كۈن ئىشلەپ بەك چارچاپ كەتتىڭىز، بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ! مېنى ئالغىلى كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ». يېرىم كېچىدىكى يول چىرىغى ئاستىدا ھېلىقى تونۇش كۆلەڭگىنى كۆرۈپ، بىردىنلا قەلبىمگە بىر خىل ئىللىق ئېقىم تارىدى، باش قىشتىكى سوغۇقمۇ كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە غايىب بولدى. بۇ جىمجىت كۈتۈۋاتقان مۇھەببەت ھەقىقەتەن بەك ئىللىق ئىدى!

 2018- يىلى يازدا، دادام بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، كارىۋاتتا مىدىرلىيالماي يېتىپ قېلىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ كۈنى، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، قاتتىق بوران چىققاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا چېلەكلەپ قۇيغاندەك يامغۇر يېغىپ كەتتى. مەن كېسەلخانىدا دېرىزە سىرتىغا جىمجىت قارىغىنىمچە، خىيالغا كېتىپ قاپتىمەن. بۇ چاغدا كېسەلخانىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، ئۇ يېنىمغا كېلىپ: «مەن سىز ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىلارنى قورۇپ ئېلىپ كەلدىم، سىز ئازراق يەۋېلىڭ! يامغۇر توختىغاندىن كېيىن، بالدۇرراق قايتىپ ئارام ئېلىڭ!» دېدى.

 كېچىدە، دادام ئۇنىڭ چارچاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، دۈمبىسىدىكى كەسكەن ئورۇن ئاغرىپ كەتسىمۇ، ئۆرۈلۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى، يەنە ئاغرىقتىن ئىنجىقلاپ ئۇنى ئويغىتىۋېتىشىدىن ئەنسىرىدى. بىراق ئۇ بىر كېچىدە يۈز قېتىمچە ئويغىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قېيىنئاتىسىغا چاي قۇيۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆرۈلۈشىگە ياردەم بەردى. ئۇ كۈندۈزى بىر كۈنمۇ خىزمەتكە دەخلى قىلماي، كەچتە دەل ۋاقتىدا كېسەلخانىغا بېرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، توپتوغرا يېرىم ئاي ئىچىدە ئۇ ئۆي، ئىدارە، دوختۇرخانا ئارىسىدا چېپىپ يۈرۈپ، بىر ئېغىزمۇ ئاغرىنمىدى. كۆزلىرى قىزىرىپ كەتتى، ئۆزىمۇ ئورۇقلاپ كەتتى.

 گەرچە ھەربىي سەپتىن چېكىنگىنىگە كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەربىيلەرنىڭ خىسلىتىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالغان- تىزگىنلىگەن ئۈچ يىلدا، نۇرغۇن ئىللىق دەقىقە مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش داۋامىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، ئۇ مەكتەپ ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ ياردەمچى باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەرگە قارىتا قاراتمىلىق مانېۋىر قىلىپلا قالماي، يەنە باشلامچىلىق بىلەن كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا چىڭ تۇرۇپ، ماسكا، پەلەي، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئالدىن تەييارلاپ، مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى بىرمۇ بىر ئۆلچەپ، ئىككى كودنى تەكشۈرۈپ ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىپ، ئادەم ۋە ئاپتوموبىللارنى تىزىملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. مۇشۇنداق ئالاھىدە پەيتتە، ئۇ بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، زادى ئىشتىن قېلىپ باقمىدى، دائىم كۈنبويى ئالدىراش يۈرۈپ، ئىككى پۇتى خۇددى تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىرلىشىپ كەتتى ...

 قول تۇتۇشۇپ ئۆتكۈزگەن ئون نەچچە باھار، ياز، كۈز، قىشتا، ئۆزگەرگىنى يىللار بولدى، ئۆزگەرمىگىنى يەنىلا «بۈگۈن نېمە يېگۈڭىز بار؟» دېگەن سۆز بولدى. مەن ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق «يۆلەنچۈكۈم» بولغانلىقىدىن ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى جيەنخۇ ناھىيەلىك تەجرىبە يەسلىسى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق