قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| مۇھەببەت ئەزەلدىن توختاپ قالمىغان

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-03-01 15:47:24

شيې لىڭيۆ

 ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىدىكى پاقىلارنىڭ كۇرۇلدىشى، ياز كېچىسىدىكى يېكەن يەلپۈگۈچ، ئوت- چۆپلەر ئارىسىدىكى پارقىراق قوڭغۇز، سىزنىڭ مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ كۆكتاتلىقتا ماڭا كۆكتات تونۇشنى ئۆگەتكىنىڭىز، بۇ مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدا ئەنخۇيدىكى يۇرتۇمدا سىز بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەندىكى  تەسىراتلىرىم.

 كىچىك ۋاقتىمدا، مەن ھەر كۈنى يېزىغا بېرىپ مومام بىلەن ئويناشنىلا ئويلايتتىم. ئۇ چاغدا سىز مېنى كۆرسىڭىزلا مېنى كۆتۈرۈپ، بىر نەچچىنى ئايلاندۇرۇپ، ئاغزىڭىزدا توختىماي: «قوزام قايتىپ كەپتۇ، مېنىڭ كۆڭۈل خوشۇم، سىزنى بەك سېغىندىم» دەپ كېتەتتىڭىز. سىز مېنىڭ يىتۈپ كېتىشىمدىن ئەنسىرەپ، يىرىك چوڭ قولىڭىز بىلەن مۇشتۇمۇمنى چىڭ قاماللاپ تۇتۇپ، ھەر ۋاقىت مېنى يېتىلەپ ھەممە يەردە ئايلاندۇراتتىڭىز، شۇنداق يېقىملىق ھەم ئىللىق ئىدىڭىز. 

 بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئاتا- ئانام سىرتقا چىقىپ تىجارەت قىلماقچى بولغاچقا، مەن ئۇلارغا ئەگىشىپ جياڭسۇنىڭ جيەنخۇ ناھىيە بازىرىغا كېلىپ تۇرمۇش كەچۈردۈم، سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بارىدىغان قېتىم سانىم بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى. لېكىن سىزنىڭ ماڭا بولغان غەمخورلۇقىڭىز بۇرۇنقىدەكلا، دائىم تېلېفون قىلىپ: «قىزىم نەگە كەتتىڭىز؟ نېمىشقا بۇ ھەپتە مومىڭىزنىڭ يېنىغا كەلمىدىڭىز؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟ ئەگەر مىجەزىڭىز بولمىسا ...» دېگەندەك سۇئاللارنى ماڭا ياغدۇرۇۋېتەتتىڭىز. مەن ئالدىراپ- تېنەپ سىزگە جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولاتتىم: «مەن تاپشۇرۇقنى تېخى ئىشلەپ بولالمىدىم، كېيىن ۋاقىت يەتكەندە سىزنىڭ يېنىڭىزغا باراي!» مېنىڭ جاۋابىمنى ئاڭلاپ، تەلەپپۇزىڭىز بىردىنلا يۇمشاپ كېتەتتى: «ھە، مۇنداق دەڭ، ئۇنداقتا، قىزىم، ياخشى ئۆگىنىڭ- ھە، ۋاقتىڭىز بولسا يېنىمغا كېلىپ ئويناپ كېتىڭ، لېكىن سىزمۇ سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، سوغۇق ئۆتۈپ قالمىسۇن...» سىزنىڭ ئۇ تونۇش تاپىلاشلىرىڭىز يەنە باشلىنىشى بىلەنلا، مەن دەرھال سىزگە: «خەير- خوش» دەپلا تېلېفوننى قويۇپ،  گەپنى ئاخىرلاشتۇراتتىم. 

 بۈگۈنكى كۈندە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تېز رىتىملىق ئۆگىنىش تۇرمۇشى مېنىڭ بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشىم ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىمنى تەشنالىقىغا چۆمدۈردى! مومامنىڭ يېنىغا بېرىش ھەتتا ئېسىمگىمۇ كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، لېكىن موما، سىز ھەر ھەپتىدە يېڭى سېتىۋالغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوندا ماڭا سىنلىق تېلېفون قىلىسىز. بەزىدە مەن بىۋاسىتە ئۈزۈۋېتىمەن،  بەزىدە مەن تېلېفوننى ئالىمەن، ئاندىن تەلەپپۇزۇم ياخشى بولمىغان ھالدا سىز بىلەن پاراڭلىشىمەن. چۈنكى ھەقىقەتەن بەك كۆپ بولۇپ كەتكەچكە، مەن ھەتتا ئازراق بىزار بولۇپ قالغانىدىم. 

 مەلۇم بىر كۈنى ئاپام تۇيۇقسىز مېنى ھۇجرامدىن چىقىشقا چاقىردى. «نېمە بولدى؟» دەپ سورىدىم. «قاراڭ، بۇ سىزنىڭ تېز يوللانمىڭىزمۇ، ئۈستىگە سىزگە ئەۋەتىلگەنلىكى يېزىلىپتۇ.» «تېز يوللانما؟ نېمە تېز يوللانما؟ مەن قاچان نەرسە سېتىۋالدىم؟» مەن ناھايىتى زور گۇمان بىلەن چىڭ ئورالغان بىر نەچچە تېز يوللانمىنى ھۇجرامغا ئېلىپ كىردىم. ھۇجرىغا كىرگەندىن كېيىن، مېنىڭ قىزىقىشىم چەككە يېتىپ، دەرھال تېز يوللانمىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ئالدىم: شەكلى غەلىتە بىر ياستۇق، بىر خالتا لىمون پارچىسى، يەنە نۇرغۇن ئۇششاق- چۈششەك نەرسە ئىدى. دەل شۇ چاغدا مومامدىن ماڭا ئاۋازلىق ئۇچۇر كەلدى: «قوزام، تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ؟ مەن بايا يان تېلېفوندا مالنىڭ يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدىم. ئۆزىڭىز بېرىپ ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. سىز يېقىندىن بۇيان كىتاب كۆرۈپ بوينىڭىز ئاغرىغاندەك ھېس قىلىۋېدىڭىزغۇ؟ مەن توردىكى رەسىملەرنى دوراپ سىزگە ياستۇق ياسىدىم، ياقتۇرامسىزكىن بىلمىدىم، يەنە سىز ئىچمەكچى بولغان لىمون چېيى ...» سىز يەنىلا توختىماي سۆزلەۋاتاتتىڭىز، لېكىن مېنىڭ كۆزلىرىم ئاللىقاچان ياشقا تولۇپ خىرەلىشىپ بولدى، ھەش- پەش دېگۈچە مەن مۇھەببەتنىڭ ئىللىقلىقىنى، مېھىر- مۇھەببەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدىم! 

 مەن ئىزچىل ئۆزۈمنى تىنماي يۈگۈرۈۋاتىمەن، سىزنى ئۆز ئورنىڭىزدا تۇرۇپ مېنىڭ سىزنى ئالغىلى بېرىشىمنى ساقلاۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن، كېيىن سىزنىڭ ئىزچىل مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قەدىمىمگە ئەگىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىڭىزنى، ھەر ۋاقىت ماڭا غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى، ماڭا كۈچ- قۇۋۋەت بېغىشلاۋاتقانلىقىڭىزنى  بايقىدىم، پەقەت كۈنلەرنىڭ بىرىدە  كەينىمگە قارىغىنىمدا  تۇنجى بولۇپ سىزنى كۆرەلىشىمنىلا ئويلىدىم. 

 ئەسلىدە، مۇھەببەت ئەزەلدىن توختاپ قالمىغانىكەن. مۇھەببەتنىڭ تاپىلىشى ھەر ۋاقىت قەلبىمنى ئىللىتىپ تۇرۇپتۇ.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى جيەنخۇ ناھىيەسى شيۇفۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق