چېن رۇنيەن
قويۇق كۆكتات ئۇمىچىنىڭ پۇرىقى بالىلىق قەلبنى ئىللىتتى، ئەسلىمىلەر مۇھەببەتنىڭ ھىدى بىلەن تولدى.
بۇرۇنقى ئاۋات جېجياڭ جياشىڭ جياشەن ناھىيەسى شىتاڭ كونا كوچىسى مەن بالىلىق چاغلىرىمدا تۇرغان جاي ئىدى. ئۇ يىللاردا كوچا بويىدىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى كۆك خىش، قىزىل كاھىش قۇرۇلمىلىق بولۇپ، ئاددىي- ساددا ھەم ھەيۋەتلىك ئىدى. قوشنىمىز سۈي موماينىڭ ئۆيى دەريا بويىغا سېلىنغان بولۇپ، دەريا بويىدىكى بىر نەچچە رەت ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان گىنكو دەرىخى سۈي موماينىڭ ئۆيىگە «چۆچەك پادىشاھلىقى»دەك بىر كەيپىياتلارنى بېغىشلىغانىدى.
كەچقۇرۇن، ئالتۇن رەڭلىك گىنكو دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرى قۇياش نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى، بىر نەچچە جۈپ بۇدرۇققىنە پۇت يەردىكى غازاڭلارنى دەسسەپ، بالىلار قوشاقلىرىنى ئېيتىشىپ، ئويۇن ئويناپ، كۈلۈشۈپ، تەنتەنە قىلىشماقتا ئىدى. يېقىملىق، خۇشخۇي كۈلكە ئاۋازى بىلەن شامالدا گىنكو دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋاز كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ناخشىنى شەكىللەندۈرەتتى. سۈي موماي ھويلىدا ئولتۇراتتى، ئۇ گۈرۈچ يۇغاچ، ئوچۇق تۇرغان دەرۋازىدىن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بىزنىڭ ئوينىشىمىزغا قاراپ تۇراتتى.
تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، يىراقتىكى كوچا چىراغلىرى ياندى، يېقىملىق چىراغ نۇرى كونا كوچىغا شېئىرىي تۈس بېغىشلىغانىدى. سۈي موماي ئوچاق ئالدىدا ئالدىراش ئىدى، چىڭسەي ئۇمىچىنىڭ خۇش پۇرىقى دېرىزىنىڭ يوچۇقىدىن سىرتقا تارىلىپ چىقىپ، تەم سەزگۈمىزنى غىدىقلايتتى. سۈي موماي قازاننى كۆتۈرۈپ ھويلىغا كىرىشى بىلەن، بىز ئولاش- چولاش ئۆيگە كىرىپ، ئۆزىمىزنىڭ كىچىك ئورۇندۇقلىرىنى ئېلىپ ھويلىدىكى ئۈزۈم بارىڭىنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، ھەر بىرىمىز بىر چىنىدىن ھورى چىقىپ تۇرغان چىڭسەي ئۇمىچىنى ئېلىپ ئىچىشكە باشلىدۇق. قويۇق كۆكتات ئۇمىچى تۇزلۇق، ئەمما كۆڭۈلگە تەگمەيتتى، سۇس خۇش پۇراق كىشىنىڭ قەلبىنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ، قەلبىنى ئىللىتاتتى، سۈي موماي گېلىنى قىرىپ تۇرۇپ: «ئالدىنقى قېتىم سۆزلەپ نەگە كەلگەنىدىم؟» دېدى. «گاۋلاۋجۇاڭغا كەلگەن!» «سۈن ۋۇكۇڭنىڭ گاۋلاۋجۇاڭدا جۇ باجيېنى بويسۇندۇرغان يېرىگە كەلگەن!» بىز بەس- بەستە تالىشىپ سۆزلەپ كەتتۇق. «بولىدۇ، بولىدۇ، بىلدىم. ئەمدى شا ۋۇجىڭ ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمەن.» سۈي موماي پەرتۇقىنى ئېلىۋېتىپ، بەخىرامان ھالدا ياتما ئورۇندۇققا يۆلىنىپ تۇرۇپ باشلىدى: «سۇن ۋۇكۇڭ جۇ باجيېنى بويسۇندۇرۇپ ...» سۈي موماينىڭ جانلىق، قىزىقارلىق ھېكايىسىدە، گۈزەل، ئەركىن بىر كۈن مانا مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى.
ۋاقىت بىلىنمەيلا ئۆتۈپ كەتتى. بىز بىر نەچچە ياخشى ھەمراھلارنىڭ كۆپىنچىمىز كونا كوچىدىن كۆچۈپ كېتىپ، باشقا- باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ ئوقۇدۇق. سۈي مومايمۇ نەۋرىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، كونا كوچىدىن ئايرىلىپ شاڭخەيگە كەتتى. كېيىن، شىتاڭ كونا كوچىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىلىپ رېمونت قىلىندى، ھازىرقى زامان ئامىللىرى كونا كوچىغا باشقىچە مەنزىرە قوشتى. كۆپ يىللاردىن كېيىن، مەن بۇ يەرگە يەنە بىر قېتىم كېلىپ، تونۇش ھەم ناتونۇش ھېس قىلدىم: كونا كوچىدىكى ئىمارەتلەرنىڭ ئىزنالىرى ھازىرمۇ بار بولۇپ، شىتاڭ دەرياسى بويىدىكى گىنكو دەرىخى يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ناشتىلىق دۇكىنىدىن قويۇق كۆكتات ئۇمىچىنىڭ پۇرىقى تارقىلىپ تۇراتتى... شىتاڭ كونا كوچىسى يەنىلا قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ بالىلىق دەۋرىمدىكى ئىللىقلىققا ھەمراھ بولغان ئادەم ۋە ئىشلار ۋاقىتنىڭ ئوقىدا خاتىرىلىنىپ قالغانىدى.
نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، بەلكىم بىز بالىلىق چاغلىرىمىزدىكى ئوينىغان مەنزىرىنى، شىتاڭ كونا كوچىسىنىڭ مەنزىرىسىنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن، لېكىن سۈي مومام ماڭا بەرگەن قويۇق كۆكتات ئۇمىچىنىڭ پۇرىقى ۋە ئىللىقلىقى مەڭگۈ ئېسىمدە ساقلىنىپ، ھەر ۋاقىت قەلبىمنى ئىللىتىدۇ.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى جيەنخۇ ناھىيەسى شيۇفۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.