قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئاشۇ يامغۇرلۇق كېچە

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-03-06 16:08:47

لۈ خەيلىڭ

 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، مەن ئۆيدىن 15 چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتتۈم. ئوقۇش باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرىدىغان كۈنى سىم- سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى. دادام مېنى مەكتەپكە ئاپاردى، ئۇ ناھايىتى خۇشال ئىدى، مەن كەنتتىكى بىردىنبىر مۇشۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەن بالا ئىدىم. مەن ھەم ھاياجانلاندىم ھەم ئازابلاندىم، مەكتەپ ئۆيدىن بەك يىراق بولغاچقا، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇشۇم، تۇرمۇشتا پۈتۈنلەي ئۆزۈمگە تايىنىشىم كېرەك ئىدى، بۇنىڭدىن بەك ساراسىمىگە چۈشتۈم. 

 تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، دادام بىلەن مەكتەپ ھويلىسىنى ئايلىنىپ، ياتاق، ئاشخانىغا بارىدىغان يوللار بىلەن تونۇشتۇق. دادام ماڭا ياخشى ئوقۇشنى تاپىلىغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەتتى. دادامنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ، بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ، كۆز چاناقلىرىمدا ياش لىغىرلاپ كەتتى. 

 يامغۇر كۈچىيىشكە باشلىدى، مېنىڭ كۈنلۈكۈم يوق ئىدى، يامغۇرغا قارىماي ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يېمەكچى بولدۇم، تاماق قاچىسىنى قولۇمغا ئالغىنىمدا، بىر قوۋۇزمۇ يېگۈم كەلمىدى، كۆڭلۈمنى غېرىبلىق چۇلغىۋالدى.

  مەن سىنىپقا يۈگۈرۈپ بارغىنىمدا، ئۈستىبېشىم چىپىلداپ كەتتى، سىنىپتا ساۋاقداشلار يوق، ناھايىتى جىمجىت ئىدى. مەن كىتابنى ئاچتىم، لېكىن كۆڭلۈمدە پۈتۈنلەي ئۆينى، ئاپامنى، ئىنىمنى، ئۆيدىكى ھور كۆتىرىلىپ تۇرىدىغان ئوچاق بېشىنى، لەمپىدىن چۈشۈۋاتقان «شارقىراتما»نىلا ئويلايتتىم...

 مەن يەنە يامغۇرغا قارىماي ياتاققا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ھۆل بولۇپ كەتكەن كىيىملىرىمنى دەرھال ئالماشتۇردۇم. يامغۇر يېغىۋاتقان بولغاچقا، بالدۇرلا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالدى، ياتاقنىڭ چىرىغى بەك غۇۋا ئىدى، مېنىڭ كارىۋىتىمدا پەقەت بىرلا يوتقان كىرلىكى بار ئىدى، مەن يوتقان كىرلىكىگە چىڭ يۆگىنىپ، قاراڭغۇلۇقتا كۆزۈمنى ئېچىپ ئولتۇردۇم، ئاۋازىمنى چىقىرىپ يىغلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. 

 تۇيۇقسىز ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىپ، بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلدى، يۈرىكىم بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالدى. مەن ئازراقمۇ مىدىرلاشقا، ئاۋاز چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.

 «تاك، تاك، تاك» قىلىپ ئىشىك چېكىلدى، يەنە تېخى مېنىڭ ئىسمىم چاقىرىلدى، ئۇ مۇئەللىمكەن، مېنىڭ سىنىپ مۇدىرىمكەن، ئۇ بىر چىرايلىق ئايال ئوقۇتقۇچى بولۇپ، چاي رەڭلىك كۆزئەينەك تاقىۋالاتتى، قارىماققا ناھايىتى سۈرلۈك كۆرۈنەتتى، لېكىن بۇ چاغدا ماڭا ئۇ ناھايىتى يېقىملىق بىلىندى. ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ ياتىقىغا كىرىپ ئۇخلاشقا چاقىردى، ئۇنىڭ ياتىقىدا ئىككى كارىۋات بار ئىكەن، يەنە بىر مۇئەللىم كەلمەپتۇ، مەن ئاشۇ كارىۋاتتا ياتتىم. 

 مۇئەللىمنىڭ ياتىقى يېقىملىق چىراغ نۇرىنىڭ يورۇقىدا خۇددى ئۆيۈمگە ئوخشاش ناھايىتى ئىللىق تۈسكە كىرىپ قالغان ئىدى. مۇئەللىم ماڭا ئالما يۇيۇپ بەردى، بۇ ئالما ھەم چوڭ ھەم قىزىل، بەك تاتلىق ئىدى. مۇئەللىم مەن بىلەن پاراڭلاشتى، مەن ئۆيدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم، خۇددى مەن كېچىچە سۆزلەپ چىققاندەك، ئۇ ئاڭلاۋاتقاندەك ئىدى. قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن، پەقەت ناھايىتى خاتىرجەم ئۇخلىغانىدىم. 

 مۇئەللىم، شۇنچە يىللاردىن بۇيان سىزنى ئېسىمدە ساقلاپ كەلدىم، چوڭ بولغاندىن كېيىن مەن سىزگە ئايلاندىم. 

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى بىنخەي ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ جەنۇبىي شىنجيەن يولى مەكتەپ رايونى 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق