قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئىللىق مۇھەببەت خاتىرىسى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-03-19 17:19:35

لىن ۋېنلى

 كەچنى كۈندۈزدەك يورۇتار ھارپا ئاخشىمى پوجاڭزىلار، ھەممە ئادەم ئۆيلىرىدە جەملىشىپ قۇۋناق بولار؛ ئۈچىنچى ئايدا قاپلار جاھاننى نەشپۈت چېچىكى خۇش ھىدى، قەلبلەرگە سىڭىپ كىرەر ئۇندا باھار سەلكىنى؛ ئالتىنچى ئايدا خۇش ھىدى ئەگىيدۇ يەڭلەردىن نېلۇپەر گۈلىنىڭ، كەلگىنى بۇ دەل قولۋاق سەيلىسى پەيتىنىڭ؛ كۈز كېچىسى چاقنار جاھان ئالتۇن ساۋۇتتەك ئاي نۇرىدا، خۇش پۇراق ھىد كېزىپ ئۆتەر چاڭئەن ئارا. ئوتتۇز يىللىق ھايات كەچمىشلىرىمدە، تۇرمۇش ھەمىشە دېگۈدەك ئويلىمىغان دەقىقىلەردە مېنىڭ كىشىلىك ھايات سەپىرىمگە ئىللىقلىق بېغىشلاپ كەلدى.

 سائەت ئىسترېلكىسىنى تەتۈر ئايلاندۇرۇپ، يىللارنى كەينىگە ياندۇرۇپ قارىساق، 2020- يىلىدىكى باھار كەيپىياتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ تۆمۈردەك تاپىنى ئاستىدا قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىنغانىدى. ھاۋا تۇتۇق، ئەتراپ غۇۋا، قېنى باھار؟ جۇڭگودا، بىز ھەمىشە بىر توپ قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن قوغدىلىپ تۇرىمىز: بىز خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغاندا، ئۇلار قەتئىيلىك بىلەن بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىدۇ؛ بىز ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ خاتىرجەم تاماق يېگەندە، ئۇلار دوختۇرخانىدا ئالدىراش چېپىپ يۈرىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش قىلغان كۈنلەردە، جۇڭگولۇقلار ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ يەككە- يېگانە كۈرەش قىلىشىغا يول قويمىدى: ئالدىنقى سەپتە تېببىي داۋالاش بايلىقى قىس بولۇپ قالسا، تەرەپ- تەرەپتىن كېچە- كۈندۈز دېمەستىن تېزلىكتە ياردەم يەتكۈزۈلدى؛ يۇرت تامىقىغا ئېغىز تەگكۈسى كەلسە، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن «تاماق تىزىملىكى» دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈلدى؛ بىرىنچى سەپتە مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ، ئارقا سەپتە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بىخەتەرلىك توسۇقى ھاسىل قىلىندى.

 «يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھەممىڭلار ئامان- ئېسەن ئۆيگە قايتىڭلار، بولامدۇ؟» بىر تورداشنىڭ توردا قالدۇرغان بۇ ئىنكاسىدىن ئىختىيارسىز كۆز چاناقلىرىم نەملەندى. ئەسلىدە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىكەن، دۇنيادىكى بارچە ئادەم ئەسلىدىنلا قان- قېرىنداش، بىر-بىرىگە مېھىر بېغىشلايدۇ، ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلىدۇ.

 ۋاقىت بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىز تاغ- دەريا، كۆل- دېڭىزلارنى ئەركىن كېزەلەيدىغان بولدۇق، دوختۇرخانىلاردىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئاغرىقلارنى ئايرىش رايونى ئادەتتىكى كېسەلخانىغا ئايلاندى، يۈرۈش كودى ۋە ساغلاملىق كودى دەۋر ئاتلىسىنىڭ مەلۇم بىر بېتىدە مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ قالدى.

 ئالدىنقى شەنبىدە، مەن تەكشۈرۈنۈش ئۈچۈن جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا باردىم. ئەتىگەن سائەت سەككىزلەر ئەتراپىدىلا، كېسەل كۆرسىتىشنى ساقلاش رايونى ئادەم بىلەن لىق تولغانىدى. سائەت 8دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، دوختۇر ھاسىغا تايىنىپ ئۇدۇل كېسەل كۆرۈش ئۆيىگە قاراپ ماڭدى، كىشىلەر توپى دوختۇرغا ئەگىشىپ تەۋرىنىشكە باشلىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ دوختۇر پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن قايتا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، 80 ياشقا كىرىپ قالغان ئىكەن. ئەينى چاغدا قايتا تەكلىپ قىلغاندا بۇ بوۋاي ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن ماقۇل بولۇپ، ئەتىسىلا كېسەل كۆرۈش ئۆيىدە پەيدا بولغانىكەن. مەن كېسەل كۆرۈش ئۆيىدە تۇرۇپ، ئەتراپقا نەزەر سالدىم، داۋالاش ئۆيىدىكى كەترەن گۈل بوۋاي كېسەل كۆرىدىغان ئورۇن تەرەپكە قاراپ شاخ تارتقانىدى، شۇ تاپتا «باھاردىكى ئۆرۈكزار» دېگەن خەت تاڭ نۇرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بوۋاينىڭ شىرەسى ئۈستىدە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

 ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يامرىغاندا قارشى يۆنىلىشتە يۈرگۈچىلەرنىڭ سىماسى يادىمغا كېلىپ، بىردىنلا ئېسىمنى تاپقاندەك بولدۇم، ئەمەلىيەتتە، ئۇچىسىغا ئاق خالات كىيگەن بۇ كىشىلەر پەقەت يۇقۇم تارقالغان ئاشۇ دەقىقىدىلا قەتئىي ھالدا ھايات- ماماتنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلانغان ئەمەس، ئۇلار ئاددىي تۇرمۇشتىمۇ دەل ئاشۇنداق ئىدى.

 كۈندىلىك تۇرمۇشتا، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر رايونى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان سېسترالار، يېرىم كېچىدە يول چىرىغى ئاستىدا جىددىي ئۆتۈپ يۈرگەن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى، چىراغلار يوپيورۇق ئوپېراتسىيە ئۆيىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھاياتلىقنى قوغداۋاتقان دوختۇرلار ... ئۇلار ھامان ئېنىقسىز مەلۇم بىر دەقىقىدە بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ئىللىتىدۇ.

 تەبىئەت دۇنياسى مەيىن شال، تولۇن ئاي، خەيرلىك كۈن ۋە گۈزەل مەنزىرىلەرنى كىشىلەرگە بېغىشلاپ، بىزگە مەلۇم بىر دەقىقىدە گۈزەل مەنزىرىلەرگە قاراپ قەلبىمىزگە تەسەللى تېپىش پۇرسىتى بەردى، دوختۇرلار يەنە ھاياتلىق پەيتىنى ئۇزارتىپ، بىزگە ھاياتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ دەقىقىنى بېغىشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە ئۇچىسىدىكى ئاق خالىتى بىلەن ھاياتىمىزنى ئىللىتتى.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى بىنخەي ناھىيەلىك يەسلى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق