قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئۆينىڭ يۆنىلىشى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-03-20 16:59:21

جۇ يۈنيۈن

 «تېز بولۇڭ، قىزچاق، ئاشۇ تەرەپكە ئۇدۇل ماڭساق بىزنىڭ ئۆي، بىلىۋالدىڭىزمۇ؟» ئاشۇ يىلى مەن ئون ياشتا ئىدىم، ھاسىراپ- ھۆمۈدىگىنىمچە مومامنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، ئايىغى كۆرۈنمەس يولغا قاراپ، بىر ئاز غۇدۇڭشۇپمۇ قويدۇم: «يەنە قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن يېتىپ بارىمىز، موما». مومام ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، ئاز قالدى، ئاز قالدى، دېدى. ئىللىق قۇياش نۇرى بىر موماي، بىر كىچىك بالىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئادەتتىن تاشقىرى ئىللىق كۆرۈنەتتى.

 كىچىك ۋاقتىمدا، ئاتا- ئانام خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىدىن ماڭا قارايدىغان ۋاقىت چىقىرالمىغاچقا، مېنى مومامنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغان ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، مومامنىڭ ئۆيى ناھايىتى «سىرلىق» بىلىنەتتى، پەقەت يول ئېغىزىدا بىر تاش كۆۋرۈك بارلىقى، كۆۋرۈكنىڭ يېنىدا بىر تۈپ مەجنۇنتال بارلىقى، ھەر قېتىم تاش كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ، ئەگرى- بۈگرى پاتقاق يولغا كەلگەندە، مېنىڭ گاڭگىراپ قېلىپ، ئۆيگە قايتىدىغان يولنى بىلەلمەي قالىدىغانلىقىم ئېسىمدە ئىدى. بۇ چاغدا مومام دائىم ئالدى تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ماڭا ئاشۇ تەرەپ ئۆينىڭ يۆنىلىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەتتى، مەنمۇ چۈشەنگەندەك قىلىپ بېشىمنى لىڭشىتاتتىم.

 كەچمىشلەر خۇددى تۇماندەك تارقىلىپ، پەقەت جاپا- مۇشەققەت تۇيغۇلىرىلا قېلىپ قالدى، مېنىڭمۇ مومام بىلەن خوشلىشىدىغان ۋاقتىم كېلىپ قالدى. خوشلىشىش ئالدىدا، ئەزەلدىن تۈز كۆڭۈل مومامنىڭ كۆز چاناقلىرى سەل قىزىرىپ، قورۇق باسقان يۈزلىرىدە قىيماسلىق ئىپادىلەندى. ئۇ ئۈن- تىنسىز بېشىمنى سىلاپ، يەنە ئاشۇ يۆنىلىشنى كۆرسەتتى، مەن ئۇنىڭ ئۆينىڭ يۆنىلىشى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. ئاپتوموبىلنىڭ ئەينىكىگە چاپلىشىپ كەينىمگە قارىسام، بىر تاش كۆۋرۈك، بىر تۈپ مەجنۇنتال، بىر موماي، يەنە ئاستا- ئاستا يىراقتا قېلىۋاتقان پاتقاق يول كۆرۈندى.

 تۇرمۇش مانا مۇشۇنداق، بىر تەرەپتىن ئەسلىگەچ، بىر تەرەپتىن داۋاملاشتۇرىمىز، ئەزەلدىن ھەقىقىي توختاپ قالغۇسى كەلمەيدۇ. شەھەرنىڭ ئاۋاتلىقى بىردىنلا ھاماقەت قىزنىڭ قەلبىنى ئىگىلىۋالغاندەك بولدى، قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن تۇرمۇش مېنى مەپتۇن قىلىپ، قەلبىمدىكى ئائىلىگە بولغان مېھرىمنى سۇسلاشتۇرۇپ، بىر نەرسىلەرگە ئېرىشكەندەك، يەنە نېمىلەردىندۇر ئايرىلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا ئەكەلدى. موماممۇ بارا- بارا قېرىدى، مەڭزىگە جاپا- مۇشەققەتلەر ئىز سالغان، مۈكچەيگەن مومام ئەينى يىللاردىكى روھلۇق موماي ئەمەس ئىدى. ھازىر مەنمۇ ئۆي- ئوچاقلىق بولۇپ، مومام بىلەن كۆرۈشۈش قېتىم سانىم بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە، خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى، ئائىلىنىڭ ئۇششاق- چۈششەك ئىشلىرى مېنى تىتىلدىتاتتى ۋە گاڭگىرىتىپ قوياتتى، سارغىيىپ كەتكەن سۈرەتلەرگە قاراپ، ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقىت بوپتۇ، دەپ ئويلىدىم.

 يەنە بىر قېتىم يول ئېغىزىغا كەلگىنىمدە، ھېلىقى مەجنۇنتال يوق بولۇپ، ئۇ يەردە يالغۇز بىر تاش كۆۋرۈكلا قاپتۇ، جاراھەت بىلەن تولغان كۆۋرۈك يۈزى سەل ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. مەن تاش كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە، تۈپتۈز كەتكەن سېمونت يوللار كۆزۈمگە چېلىقتى، بۇ يوللار كۆزنى چاقنىتاتتى. ئەينى يىللاردىكىگە ئوخشاش، يول ئېغىزىدا تۇرغان مەن يەنە بىر قېتىم نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم. بۇ چاغدا، يىراقتىن بىر سىما كۆرۈندى، ئۇ ھاسىغا تايىنىپ، سەنتۈرۈلگىنىچە ماڭا قاراپ كەلمەكتە ئىدى، كەچكى شەپەق ئاستىدىكى سايە سەل غېرىپ كۆرۈنەتتى. ئۇ مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى، ئىلگىرى پەقەت تىزىغىچىلىكلا كېلىدىغان مەن چوپچوڭ بولۇپ كەتكەنىدىم، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا: «قىزىم، قايتىپ كەپسىز!» دېدى، مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم، سەل ئوڭايسىزلاندىم. ئۇ مېنىڭ ئوڭايسىز ھالىتىمنى كۆرۈپ، قولۇمنى تۇتۇپ، خۇددى بالىلىق چاغلىرىمدىكىدەك ئۆيگە قايتىش يولىغا قاراپ ماڭدى. بۇ دەقىقىدە مەن ئۆينىڭ ئىللىقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، ئۇنىڭغا موماينىڭ نەۋرىسىگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى سىڭگەن بولۇپ، مەيلى قانچىلىك ئۇزۇن، قانچىلىك يىراق بولسۇن، ئاشۇ ئىللىقلىق بىلەن ئۇنىڭ ئۆيگە قايتىشىنى ساقلاپ تۇراتتى.

 يېنىمدىكى مومايغا قاراپ، قاتتىق ھەسرەتلەندىم. مەن ئىلگىرى ئەڭ سەمىمىي مۇھەببىتىم بىلەن بۇ ئالدىراش ۋاقىتنى تۇتۇپ قېلىشنى ئويلىغانىدىم، لېكىن بۇنىڭغا زادىلا ئىمكانىم يەتمىدى. ۋاقىت بىلىنمەيلا ئۆتۈپ كەتتى، يىللار ئۆتۈپ كەتتى، ئاي- يىللار سۇسلىشىپ كەتتى، قانداق قەدىرلەشنى بىلەلمەي قالدىم، پەقەت ئاشۇ ئىللىقلىق خۇددى پارلاق قۇياش نۇرىدەك قەلبىمدىكى ئىس- تۈتەكنى يوقىتىپ، ئۆيگە قايتىش يولۇمنى كۆرسىتىپ بەردى.

 كەچكى شەپەق نۇرىدا، قىزچاق موماينى يۆلەپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سايە ئىچىدە غايىب بولدى، پەقەت: «ئاستىراق، قىزچاق، ئاۋۇ يۆنىلىشكە قاراپ ئۇدۇل ماڭسىڭىز بىزنىڭ ئۆيگە بارىسىز، ئېسىڭىزدە بارمۇ؟» دېگەن گەپلا ئاڭلىناتتى.

ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى جيەنخۇ ناھىيەلىك تەجرىبە يەسلىسى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق