قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى بىر يورۇق نۇقتا

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-03-21 17:38:45

 گو چيەن

 «ياخشىمۇسىز، سىز 23- كارىۋاتتىكى ئاغرىقمۇ؟ بۇ كېسەلخانىدا يېتىشنى تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ بېرىڭ». بۇ يىل 2- ئايدا مەن  بىر دوختۇرخانىدا يېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولۇپ، كېسەلخانىغا قايتىپ كېلىشىمگە، ئاغرىقلار كىيىمى كىيگەن بىر كىشى كېلىپ ماڭا كېسەلخانىدا يېتىشنى تىزىملاش جەدۋىلى تارقىتىپ بەردى.

  ئۇنىڭ بىر كۆزى ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئېلىۋېتىلگەن، داكا بىلەن تېڭىلغان، چېچىمۇ چۈشۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، بېشىدىكى ئوپېراتسىيە قىلىپ تىكىلگەن تاتۇقنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. مىڭبىر گۇمانلار ئىلكىدە ئۇنىڭ قولىدىن تىزىملاش جەدۋىلىنى ئالدىم.

  ئۇ كەتكەندىن كېيىن، مەن ياندىكى كارىۋاتتىكى مەندىن نەچچە كۈن بۇرۇن كېسەلخانىغا كىرگەن ئايالدىن سورىدىم: «بايا ماڭا تىزىملاش جەدۋىلىنى بەرگەن ئادەم ئاغرىقتۇ؟» 

 ئايال مۇنداق دېدى: «ئاڭلىسام ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزاق بوپتۇ، نېمە سەۋەبتىنكىن يارىسى بىر قەدەر ئېغىركەن، ئۆزى بىر قەدەر قىزغىن ئادەمكەن، دوختۇرخانىدا تۇرغان ۋاقتى ئۇزارغانسېرى دوختۇر، سېستىرالار بىلەن خېلى تونۇش بولۇپ قاپتۇ، ئۇ سېستىرالارنىڭ خىزمىتىنىڭ دائىم ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بەزى ئىشلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلىشىپ بېرىدىكەن».

  تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ بولۇپ ئۇنىڭغا بېرىۋاتسام، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا: «مەن بۇ يەرنى خېلى پىششىق بىلىمەن، ياردەم لازىم بولسا، خالىغان ۋاقىتتا مېنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ»، دېدى.

  كېيىن مەن كۆپ قېتىم ئۇنىڭ باشقا ئاغرىقلارغا، سېستىرالارغا  ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەسلىدە بىر قەدەر ئۇزۇن، ئۆتكۈزمەك تەس بولغان كېسەلخانىدا يېتىش ۋاقتى ئۇنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئانچە زېرىكىشلىك بىلىنمىدى.

  مەن ئۇنىڭ بېشىغا قانداق ئازابلار كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن، پەقەت ئۇنىڭ بىزگە نامايان قىلغان ئاكتىپلىقى، ئۈمىدۋارلىقى، ئىللىقلىقى، ئاق كۆڭۈللۈكىنىلا كۆردۈم. قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈنلۈك بىللە تۇرۇش جەريانىدا، بىز ھەتتاكى كۆپ پاراڭلاشمىدۇق، ئۇنىڭ قەيسەرلىكى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى، ئوچۇق- يورۇقلۇقى بىر قەۋەتتىكى كېسەلداشلارنى تەسىرلەندۈردى.

  ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى گەرچە داغدۇغىلىق بولمىسىمۇ، لېكىن كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ ئىللىتتى. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى بىر يورۇق نۇقتا، بۇ يورۇق نۇقتىلار يىغىلىپ ئۇرۇلسا، كۈچ ئۈزلۈكسىز زورىيىدۇ، دۇنيادىمۇ ئىللىقلىق كۆپىيىدۇ.

  ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى خۇاجوۋ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق