قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| پورەكلەپ ئېچىلغان ھەشقىپىچەكلەر

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-03-27 13:08:39

ۋاڭ خۇڭشىڭ

 ئوت- چۆپلەر ئارىسىدا، مەن خىيالىمدىن چىقماي يۈرگەن بىر تال ھەشقىپىچەكنى كۆرۈپ قالدىم، گۈلنىڭ يۇقىرىغا قاراپ ياماشقان پېلىكىنى بويلاپ قاراپ، پاكار ئۆسىدىغان خۇاڭياڭ دەرىخىنىڭ شارچىلىرى ئۈستىدە، بىر- بىرىگە ئۇلىشىپ ئېچىلىپ كەتكەن ھەشقىپىچەك گۈللىرىنى كۆردۈم.

 بايىلا بىر قېتىم يامغۇر ياغقاچقا، ھەشقىپىچەكنىڭ ئۈستىدە مەرۋايىتتەك سۇ تامچىلىرى بار ئىدى، بۇ چاغدا، مېنىڭ نەزەرىمدە ھەشقىپىچەك ناھايىتى چىرايلىق ئىدى، چۈنكى يامغۇر توختاپ ھاۋا ئېچىلغاندا ھەشقىپىچەك بېشىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، يورۇقلۇققا قاراپ، كۈنگەي تەرەپكە ئىنتىلىپ ياشاش مۇساپىسىنى باشلايدۇ.

 يېقىن تۇرۇپ، قارىغاندا، ئاڭلىغاندا: بەلكىم ئۇنىڭ ئۆسۈشى بىر ئاستا يامىشىش جەريانى بولۇشى مۇمكىن، خۇددى قۇلۇلىدەك، لېكىن، كۆز ئالدىمىزدىكى قارىماققا ناتىۋان كۆرۈنىدىغان ھەشقىپىچەككە قاراپ، سىز ۋە مەن شۇنى پەرەز قىلالايمىزكى، پەقەت بىر چۈشتىن بۇرۇن ياكى بىر چۈشتىن كېيىن ۋاقىتتىلا، ئۇ تولۇپ تاشقان غەيرىتى بىلەن روھلۇق ھالدا كۆككە قاراپ بوي تارتىدۇ ۋە كۆك تامان كاناي چالىدۇ، شۇنچىلىك قەتئىي ھەم شۇنچىلىك ياڭراق. ئەگەر سىز زەن سېلىپ ئاڭلىسىڭىز، خۇددى مەشىق مەيدانىدىكى ھەربىي كانايغا ئوخشاش ياڭراق ھەم يېقىملىق كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىيالايسىز.

 يىراقتىن قارىغاندا، ھەشقىپىچەك ئەركىن ھەم جۇشقۇن، ئۇنىڭ روھى، خىسلىتى، جەزىبىدارلىقى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەتتا ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا، مۇشەققەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئالغا قاراپ ماڭىدىغان مۇشكۇلاتقا دۇچ كەلسىمۇ، مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدۇ، باشتىن- ئاخىر قەيسەرلىكىنى ساقلايدۇ... دەل مۇشۇ پەيتلەردە، ئۇ ئىللىق دەقىقىلەردىن ھوسۇل ئالىدۇ.

 ئارقىدىنلا، مەن ئالدىمغا قاراپ بىر نەچچە قەدەم ماڭدىم، ھەشقىپىچەككە قەدەمدە بىر توختاپ نەچچە قايرىلىپ باقتىم، ئەگەر سىز مەندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسىڭىز، ئۇنداقتا مەن سىزگە دەپ بېرەي: بۇ ئاۋازسىز قەسەم، شاماللىق كۈنلەردىمۇ بار، يامغۇرلۇق دەملەردىمۇ بار. تۇيۇقسىز، بىر قۇش شاخ ئۇچىدىن سايراپ «ئەگىپ» كۆتۈرۈلدى، قەلبىم لەرزىگە كەلدى، ئەمما ھەشقىپىچەك چۆچۈپ كەتمىگەندەك قىلاتتى، ئۇنىڭ قەلبىدە پەقەت قەيسەرلىك، يۈرىكىدە پەقەت قەتئىيلىكلا مەۋجۇت ئىدى. بۇ مەنزىرىدىن مەن تۇيۇقسىز ھەشقىپىچەكتىن تەسىرلەندىم، مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىز گاھىدا قىيىنچىلىققا دۇچار بولىمىز، ئۇلار خۇددى يىرتقۇچ مەخلۇقتەك كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ، لېكىن، پەقەت قەلبىمىزدە ئارزۇ- ئېتىقاد بولسىلا، قىيىنچىلىق بىزنى قانداقمۇ قورقۇتالىسۇن؟

 ھەشقىپىچەكنىڭ ئالدىدا مەن يەنە شۇنى ئويلاپ يەتتىمكى، بىز ھەشقىپىچەكتەك قىيىنچىلىققا قاراپ ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىققا تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، قىيىنچىلىقنى كۈتۈۋالساقلا، چوقۇم قەلبىمىزدىكى گاڭگىراشتىن قۇتۇلالايمىز. دەرھەقىقەت، جاپالىق تاۋلىنىش ئارقىلىقلا قەلبىمىزدە ئارزۇ- ئارمان ھاسىل بولىدۇ، ھەرقانداق جاپا- مۇشەققەتمۇ كۆزىمىزگە كۆرۈنمەيدۇ. بۇ بىر تال گۈلنىڭ ھەقىقىي قەلب ئىزھارى، گەرچە ئارقىمۇ ئارقا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار شۇ تاپتا جاراڭلىق ئاۋازدا، پورەكلەپ ئېچىلغان ھامان كەينىگە چېكىنمەيدۇ، كۆز ئالدىمدىكى ھەشقىپىچەك دەل مانا مۇشۇنداق ئۆز قەلبىنى ئىسپاتلاۋاتقان گۈل. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئادەمگە ئىلھام بېغىشلايدىغان كۈچ، ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغىنى دەل مۇشۇ كۆز ئالدىمدىكى ھەشقىپىچەكلەر. بۇ ھەشقىپىچەكلەر ھەقىقىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مېنى تەسىرلەندۈردى، ئۆزىنى ئىسپاتلىدى.

 شۇنداق، ھەشقىپىچەكنىڭ ئېچىلىشىنى، ئۇنىڭ ئاز- ئازدىن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك، ئۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئاز- ئازدىن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىمىز، قەتئىي تەۋرەنمەي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى، كىشىلىك ھايات يولىدىكى ئەگرى- توقايلىقلارنى يېڭىشىمىز كېرەك. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، بىز بىلەن ھەشقىپىچەكنىڭ غايىسى، ئېتىقادى، كەلگۈسى ئوخشاش، بىز قىيىنچىلىق ئالدىدا يەنىلا قەيسەر، قەتئىي بولۇپ، غايە ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز، ئېتىقاد ئۈچۈن يولغا چىقىمىز، كەلگۈسى ئۈچۈن يول ئالىمىز.

 ھەشقىپىچەكلەرنىڭ بىپايان تۇپراقتا پورەكلەپ ئېچىلىشىنىڭ ئەڭ چىن سەۋەبى بار، ئۇلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. مەن ھەشقىپىچەكنى كۆرۈپ، ھەشقىپىچەكنى ئويلاپ، ئۆزۈمنىڭ ھاياتى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلدىم: ھەشقىپىچەك شۇنداق قەتئىي، شۇنداق قەيسەر، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مېنىڭ ھاياتىممۇ ھەشقىپىچەك گۈلىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا، ھەشقىپىچەك گۈلىگە ئوخشاش گۈزەل پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئەسلىدىكىدەك قەتئىي، ئەسلىدىكىدەك قەيسەر بولىدۇ.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: سۇجوۋ يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسپلەر رايونى 5- تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق