قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| بىر ئىستاكان ئەتكەن چاي

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-04-01 15:37:08

سۈن جۈنياۋ

 بىپايان كېچە ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار جىمىرلىشىپ تۇرىدۇ؛ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن دەرياسىدا، ئىللىق تۇيغۇلار چايقىلىپ تۇرىدۇ؛ بۇ جاھان ئىللىقلىققا موھتاج، ئىللىقلىق بولغاندىلا، دۇنيا ئاندىن ئىللىقلىققا تولىدۇ، مەيىن شامال خىياللىرىمنى يەلپۈپ، كىچىككىنە ئىللىقلىق ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى كۆز ئالدىمدا نامايان قىلىدۇ.

 شامالدا كىتابخانا سىرتىدىكى چىنار دەرىخى شىلدىرلاۋاتاتتى، كىتابخانا ئىچىدە ئولتۇرغان مەن بۇنىڭغا قىلچە كۆڭۈل بۆلمەي، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ياخشى كۆرىدىغان كىتابلارنىڭ قوينىغا كىرىپ كەتكەنىدىم، يامغۇر تامچىلىرى ئەينەككە ئۇرۇلغاندا زىل ۋە يېقىملىق ئاڭلىناتتى، مەن كىتابنى يېپىپ، بېشىمنى كۆتۈرۈپ دېرىزە سىرتىغا قارىدىم، ئاسمان شۇنداق تۇتۇق، گۈركىرەپ بوران چىقىۋاتاتتى، بوران بىلەن بىللە چۈشۈۋاتقان يۇمشاق، نازۇك يامغۇرمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى.

 مەن كىتابنى قويۇپ، كىتابخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم، سوغۇق شامالدا مېنى تىترەك باستى. مەن شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇرغا قاراپ پەرىشان ھالدا ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ قويۇپ، ئۆيگە قانداق قايتىش توغرىسىدا ئويلاندىم. «سىز نېمىشقا ئۆيگە قايتمايسىز؟» بىر خۇشخۇي ئاۋاز قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىدى. مەن ئازراق غەش بولغان ھالدا: «ئۆيدىن چىققاندا كۈنلۈك ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئاپام ماڭا ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنتۇپ قاپتىمەن!» دەپ گېپىمنى تۈگىتىپ بىر تىنىقتىلا يۈگۈرۈپ ئۆيگە قايتىشقا تەييارلاندىم، يېنىمدىكى ماڭا گەپ قىلىۋاتقان ئادەم خىيالىمنى بىلىۋالغاندەك كۈلۈپ تۇرۇپ مېنى توسۇپ: «سىز ئۆيىڭىزگە يۈگۈرۈپ كېتىشنى ئويلىمايۋاتقانسىز- ھە؟» دېدى. مەن شۇندىلا بېشىمنى بۇراپ ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇ قارىماققا مەندىن نەچچە ياش چوڭ بىر ئايال ئىدى، مەن ئۇنىڭ خىيالىمنى بىلىۋالغىنىدىن ئوڭايسىزلىنىپ كۈلۈپ قويدۇم. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ قولىدىكى كۈنلۈكنى پۇلاڭلاتتى: «ئۆيىڭىز قەيەردە؟ مەن ئاپىرىپ قوياي قوياي!» مەن بىر ئاز ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىپ، ئۆيۈمنىڭ ئادرېسىنى دەپ بەردىم. ئۇ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن: «يولىمىز بىر ئەمەستەك قىلىدۇ، لېكىن ھېچقىسى يوق، ماڭايلى!» دېدى.

 يامغۇر تامچىسى كۈنلۈككە خۇددى تېشىۋېتىدىغاندەك ئۇرۇلۇۋاتاتتى. مەن كۈنلۈك ئاستىدا تۇرۇپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم، ئىختىيارسىز ئۇنىڭ مۈرىسىنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئاندىن ئېسىمنى يىغىپ، ئۇنىڭغا ئەسكەرتىپ: «ھەدە، كىيىملىرىڭىز ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ، كۈنلۈكنى مەن تەرەپكە قىيسايتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوقتى»، دېدىم. ئۇ كۈلۈپ قويۇپ: «ھېچقىسى يوق، سىز تېخى كىچىك، ھۆل بولۇپ كەتسىڭىز زۇكام بولۇپ قالىسىز»، دېدى.

 يامغۇر تامچىسى شامالدا قولنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرۇلاتتى، ناھايىتى سوغۇق ئىدى، ئەمما كۈنلۈك ئاستى ناھايىتى ئىللىق ئىدى.

 يول بويى شامال قۇلاق تۈۋىمدە ھۇشقىيتىپ تۇردى، گەرچە كۈنلۈك دالدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈستبېشىمىزنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن يەنىلا قېچىپ قۇتۇلالمىغانىدۇق. ئۆيۈمگە يېقىن يەردىكى بىر ئەتكەن چاي دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئۇ مېنى توختىتىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئەتكەن چاي دۇكىنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «مەن بىر ئىستاكان ئەتكەن چاي سېتىۋالاي دېگەن، كۆڭلىڭىزگە ئالماسسىز؟» دېدى. مەن دەرھال بېشىمنى چايقىدىم: «ئەلۋەتتە بولىدۇ!» مەن دۇكاننىڭ سىرتىدىكى لەمپە ئاستىدا تۇرۇپ، ئۈستىبېشىمدىكى يامغۇر سۈيىنى سىلكىپ، ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ قويدۇم، ئەمدى زۇكام بولىدىغان بولدۇم، ئاپام يەنە كايىيدىغان بولدى. شۇ دەقىقىدە ئۇ ئايال ماڭا بىر ئىستاكان ئەتكەن چاي سۇندى. «ھوي!» مەن ھەيرانلىق بىلەن بېشىمنى كۆتۈردۈم. «ھاۋا بەك سوغۇق، مەن سىزنى بىر ئىستاكان ئەتكەن چايغا تەكلىپ قىلاي، ئازراق ئىسسىنىۋېلىڭ!» ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئەتكەن چاينى قولۇمغا تۇتقۇزدى، مۇزلاپ تۇرغان ۋۇجۇدۇم تۇيۇقسىز سۇنۇلغان بۇ ئىللىقلىقتىن ھارارەتكە تولدى: «رەھمەت، قانچە پۇل؟ مەن سىزگە ئېتىپ بېرەي!» «ياق، ئانچە قىممەت ئەمەس. يۈرۈڭ، ئۆيىڭىزگە كېلەي دەپ قالدۇق»، دېدى ئۇ قولىنى شىلتىپ.

 چېلەكلەپ قۇيغاندەك يېغىۋاتقان يامغۇر دەرەخ يوپۇرماقلىرىغا ئۇرۇلۇپ، بىر نەچچە تال يوپۇرماقنى ئۇچۇرۇپ كەتتى. «مەن كەلدىم! » دېدىم مەن ئۇ ئايالغا. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا قولىنى پۇلاڭلىتىپ: «خوش!» دېدى. مەن ئۇنىڭ قارىسى يىتكۈچە قاراپ تۇردۇم، قولۇمدىكى ئەتكەن چاينىڭ ئىللىق ئېقىمى ئالىقىنىمدىن قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يامرىدى.

 ئىللىق دەقىقىلەر ھەمىشە تۇيۇقسىزلا يېنىمىزدا پەيدا بولىدىكەن، بەلكىم ناھايىتى كىچىك بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ناھايىتى ئۇزاققىچە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدىكەن، ھەتتا ھەر قېتىم يامغۇر ياغقاندا، مەن دائىم ئاشۇ پەقەت بىرلا قېتىم كۆرۈشكەن ئايالنى ئەسلەپ قالىمەن.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەينەن شەھىرى باگۇڭشەن رايونى خۇەينەن 13- ئوتتۇرا مەكتەپ

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق