قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| قار لەپىلدەيدۇ، مېھىر يالقۇنجايدۇ

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-04-03 16:13:58

خۇ تىڭتىڭ

 گاھىدا، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تەسىرلىنىشى دەماللا يۈز بېرىدۇ. ئۇ قار يېغىۋاتقان بىر كۈنى ئىدى، گەرچە ئۇ كۈنى قار بەك قېلىن ياغقان بولسىمۇ، لېكىن ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتىكى، ھېلىقى ماسكا تاقىۋالغان ۋەيمەي توشۇغۇچىنىڭ كۆزلىرى شۇنچىلىك ئىللىق ھەم نۇرلۇق ئىدى.

 بۇلتۇر قىشتا، دەل قىشلىق تەتىل ۋاقتىدا، قېيىنئانام سۈت بېزى ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. دوختۇرخانا پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ مۇقىم ھەمراھ بولۇپ كۈتۈشىگە رۇخسەت قىلغانىدى. ئادەتتە ئېرىمنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيىمىزدە ھالىدىن خەۋەر ئالمىساق بولمايدىغان بالىمىزمۇ بار ئىدى، مەن بولسام تەتىل قىلىۋاتاتتىم، شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ قېيىنئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلەتتىم. بۇ گەپنى دېسەم خىجىل بولۇپ قالىمەن، يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىشقا ئېپىم بولسىمۇ، ئەمما قازان بېشىغا كەلگەندە گالراق ئىدىم. شۇڭا ئۇ چاغلاردا دوختۇرخانىنىڭ ئاشخانىسىدىن تاماق ئېلىپ يېگەندىن باشقا، يەنە بەزىدە ۋەيمەي سۇپىسىدىن بىمارلارغا ماس كېلىدىغان سۇيۇق- سەلەڭلەرنى بۇيرۇتۇپ، ۋەيمەي توشۇغۇچىغا تاماقنى دوختۇرخانىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەكەلدۈردۈم.

 ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇ كۈنى قار بەك قېلىن ياغقان، يول بەك تېيىلغاق بولۇپ كەتكەن ئىدى. دەسلەپتە، بۇنداق قېلىن قاردا، تاماق بۇيرۇتۇپ ۋەيمەي توشۇغۇچىغا تاماق ئەكەلدۈرۈشتىن خىجىل بولدۇم. لېكىن ئۇ كۈنى قېيىنئانامنىڭ نېمە ئۈچۈندۇر بېلىق شورپىسىنى كۆڭلى بەكلا تارتىپ قالغانىدى، ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئامالسىز يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ تاماق زاكاز قىلىۋەردىم. ناھايىتى تېزلا بىر ۋەيمەي توشۇغۇچى زاكازنى قوبۇل قىلدى، مەن ۋاقىتنى ھېسابلاپ، ۋەيمەي توشۇغۇچى دوختۇرخانا ئەتراپىغا كېلەي دەپ قالغان ۋاقىتتا، پەسكە چۈشۈپ دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلىدىم. خېلى ئۇزاق ساقلىساممۇ، ئۇنىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى. قار بەك قاتتىق يېغىۋاتاتتى، توڭلاپ تىپىرلاپ كەتتىم، بىر ئاز ئاچچىقىم كېلىشكىمۇ باشلىدى. تۇيۇقسىز، مەن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا قېنىق رەڭلىك يامغۇرلۇق كىيىم، بىخەتەرلىك قالپىقى كىيگەن بىر ئادەمنى كۆردۈم، ئۇ توكسىكلىت مىنىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتاتتى. ئۇ توكسىكلىتنى توختىتىپلا، ئۈستىبېشىدىكى قارنى يېنىك قېقىۋېتىپ، دەرھال تاماق قاچىسىنى ئېلىپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى. ئاندىن خىجىل بولغان ھالدا تاماق قاچىسىنى ماڭا سۇنۇپ: «كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈڭ، كېچىكىپ قالدىم»، دېدى. بۇنداق قېلىن قاردا، يامغۇرلۇق كىيىممۇ كارغا كەلمىگەنىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىنى، بىخەتەرلىك قالپىقى، قاش- كىرپىكلىرىگە نېپىز بىر قەۋەت قار قونۇپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. مەن دەرھال كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئالدىراش يوق، سەت بولدى، بۇنداق قېلىن قاردا سىزنى تاماق ئەكىلىپ بېرىشكە ئاۋارە قىلدىم»، دېدىم. مەن شۇنداق دېگەچ خالتىنى ئېچىپ، ئورالغان تاماق قاچىسىدا بىر چوڭ يېرىق بارلىقىنى بايقىدىم، شورپىمۇ خالتىغا تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ. ۋەيمەي توشۇغۇچى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تاماق قاچىسىنى قولۇمدىن تارتىۋېلىپ: «كەچۈرۈڭ، يول بەك تېيىلغاق ئىكەن، بايام ئايلانغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشكەنىدىم. بەلكىم شۇ چاغدا تاماق قاچىسى چېقىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، مەن سىزگە قايتىدىن زاكاز قىلىپ بېرەي»، دېدى. مەن ئۇنىڭغا ھاي بېرىپ: «بولدى، بۇنىمۇ يېگىلى بولىدۇ»، دېدىم. ئۇ: «ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت، بىزنىڭ بەلگىلىمىمىز بار، چوقۇم قايتىدىن تاماق زاكاز قىلىش كېرەك»، دېدى. مەن يەنە ئۇنىڭغا: «راستىنلا ھاجىتى يوق، قار بەك قاتتىق يېغىۋاتىدۇ!» دېدىم. ئۇ بېشىنى چايقاپ: «بولمايدۇ، سىز ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان ياخشى ئادەمكەنسىز، لېكىن مەن خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلسام بولمايدۇ. زاكازنى قوبۇل قىلغاندا مەن يەتكۈزۈش ئادرېسىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، بۇ چوقۇم ئاغرىقنىڭ تامىقى. شورپا تۆكۈلۈپ كەتسە، ئاغرىق قانداق يەيدۇ؟» مەن يەنە نېمىدۇر دېمەكچى بولغىنىمدا، ئۇ ئاللىقاچان قارنىڭ ئىچىگە سىڭىپ بولغانىدى ...

 ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە بىر كىشىلىك ۋەيمەي ئېلىپ قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ كەتكىنىگە قاراپ، بەك مىننەتدار بولدۇم، يان تېلېفونۇمنى چىقىرىپ تاماق زاكاز قىلىش سۇپىسىدا ئۇنىڭغا كۆپرەك تاپان ھەققى بەرمەكچى بولدۇم. ئۇ دەرھال رەت قىلىپ، ماڭا: «كېرەك ئەمەس، بۇ ئەسلىدىنلا مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم»، دېدى. ئۇ يەنە داۋاملىق تاماق يەتكۈزىمەن دېگىنىچە، دەرھال توكسىكلىتىنى مىنىپ كېتىپ قالدى.

 ۋەيمەي توشۇغۇچىنىڭ كەسپى گەرچە ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىش قىلغاندىكى ئەستايىدىللىقى، پىرىنسىپچانلىقى، بولۇپمۇ سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل قەلبى مېنى چىن كۆڭلۈمدىن قايىل قىلدى! ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئاددىي بولمىغان بىر ئادەم قەتئىيلىك بىلەن چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ، كەسپىنى قىزغىن سۆيۈۋاتىدۇ. دەل شۇنداق كىشىلەرنىڭ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىشى سەۋەبىدىن، تۇرمۇشىمىزغا قولايلىق يارىتىلىۋاتىدۇ.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى جيەنخۇ ناھىيەلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ يەسلىسى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق