جوۋ ۋېيلىڭ
ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى سېمونت يولدا كېتىۋاتاتتىم، يىراقتىن دادامنىڭ كونا ئۆينىڭ ئالدىدىكى سېمونت پەلەمپەيدە ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. پەلەمپەي ئانچە ئۇزۇن ئەمەس ئىدى، بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا ئۈنۈپ قالغان بىر نەچچە مۇخ ئۇنىڭغا سۇس يېشىل ھەل بېرىپ قويغانىدى. قۇياش نۇرى دادامنىڭ كۈندىن- كۈنگە مۈكچىيىپ كېتىۋاتقان دۈمبىسىگە چۈشۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ قورۇق باسقان يۈزىنىڭ يان تەرىپى قۇياش نۇرىدا شۇنچىلىك جىمجىت ۋە گۈزەل كۆرۈنەتتى.
كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەمىشە تاش پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ، چىغىر يولنىڭ ئايىغىدىكى ئېتىزلىققا باققىنىمىزچە، دادامنىڭ تاماققا قايتىپ كېلىشىنى كۈتەتتۇق. چوڭ بولغاندىن كېيىن، تاش پەلەمپەي گۇگۇمدىكى كۈتۈش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولۇپ، دادامنىڭ ئۈن- تىنسىز ھەمراھلىقىغا ئايلاندى. مەن بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويسام ياكى ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمەي قالسام، ھەمىشە ئۆزۈم يالغۇز تاش پەلەمپەيدە سۈكۈتتە ئولتۇراتتىم. دادام كۆرۈپ قالسا، ئۇمۇ كېلىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ مىجەزى بەك ياخشى ئىدى، مېنى ئۇرمايتتى ھەم تىللىمايتتى، لېكىن ئۇنىڭ تۈرۈلگەن چىرايى خۇددى مۇزدەك تاش پەلەمپەيگە ئوخشايتتى. بىز مۇشۇنداق ئولتۇراتتۇق، سۈكۈت قىلاتتۇق. ئاندىن، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، مېنى تارتىپ، «ئولتۇرۇۋەرمەڭ، ئۆيگە كىرىپ كېتەيلى، كېيىنكى يولنى ئوبدان مېڭىڭ!» دەيتتى.
ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى، تاش پەلەمپەي سۈكۈتكە چۆمدى. دادام بىلەن بۇ پەلەمپەي ئىزچىل يېنىمىزدا بىزگە ئۈن- تىنسىز ھەمراھ بولۇپ كەلدى.
ئۇ 80 ياشتىن ئاشتى، چاچ- ساقاللىرى ئاقىرىپ كەتتى، ۋېلىسىپىتنى كۆتۈرۈپ پەلەمپەيدىن ئېھتىيات بىلەن چۈشۈپ، تۈز يولغا چىققاندا ۋېلسىپىتنى مىنىپ، ئاستا-ئاستا يىراقلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورۇق سىماسىغا قاراپ، مېنىڭ ئەسلىمەم ھېلىقى ئۇنتۇلغۇسىز چۈشتىن كېيىنگە قايتىپ كەتتى...
ئاشۇ يىلى مەن تولۇقسىز 3- يىللىقتا، ئىنىم تولۇقسىز 1- يىللىقتا ئوقۇيتتۇق، بىز ئۆيىمىزدىن ئون نەچچە چاقىرىم يىراقلىقتىكى يېزا بازىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردۇق، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيتتى. ئاتا- ئانام بىزگە بىر كونا ۋېلىسىپىت بەردى. بىز ھەر جۈمە چۈشتىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ، يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن مەكتەپكە كېتەتتۇق.
بىر كۈنى كەچقۇرۇن، مەن قارا تەرگە چۆمگەن ھالدا ۋېلسىپىتنى تېپىپ، ئىنىمنى ئېلىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. يېرىم يولغا كەلگەندە، ھاۋا ئۆزگىرىپ، قارا بۇلۇتلار تۈرۈلۈپ، قاتتىق يامغۇر كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە يېتىپ كەلدى. يامغۇردا بىر دەم ماڭغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدىنىمىز ھۆل بولۇپ كەتتى. ئەڭ يامان بولغىنى ۋېلىسىپىتنىڭ چاقىغا پاتقاق چاپلىشىۋېلىپ، كەپلىشىپ قالدى.
يامغۇر توختىدى، قاراڭغۇمۇ چۈشتى. بۇ چاغدا، قاراڭغۇ يېزا يولىدا بىر دەستە نۇر چاقناپ، دادامنىڭ: «شياۋلىڭ، سىلەرمۇ؟ مەن كەلدىم!» دەپ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. دادام تەرگە چۆككەن، ئىككى پۇتى لاي بولۇپ كەتكەن ھالدا ئالدىمىزدا پەيدا بولۇپ، قولتۇقىغا قىسىۋالغان كۈنلۈكنى بىزگە سۇندى. ئۇ ئېڭىشىپ، ھېلىقى كېلەڭسىز ۋېلىسىپىتنى لىككىدە مۈرىسىگە ئىلىپ، بىزنىڭ ئالدىمىزدا ماڭدى. ئۇ چاغدا ئۇ شۇنداق ياش، شۇنداق كۈچلۈك ئىدى.
دادام ھەمراھ بولغاچقا، ھەر قانچە قاراڭغۇ يولدىنمۇ قورقمىدۇق. يول بويى جىلغىدىكى پاقىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئورمانلىقتىكى چايقىلىپ تۇرغان تاتلىق پۇراقلارنى سۈمۈرۈپ، كۆڭلۈمدە بىر ئاز پەخىرلەندىم، بىر ئاز قانائەت ھاسىل قىلدىم ... دادام تۇرۇپ- تۇرۇپ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ، بىزگە مەكتەپتە جاپادىن قورقماي، كۆپرەك ئىشلەپ، مۇئەللىم سۆزلىگەن بىلىملەرنى ئەستە چىڭ ساقلاش ھەققىدە بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلاتتى.
كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن، مەن دادامنىڭ پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ، قاراڭغۇ كېچە ئاسمىنىغا قارىغاچ، بىلىكىنى مۇشتلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئاپام: «بۇ ھاۋادا، بالىلار جاپا تارتىپ قالدى. بولمىسا، بۇنىڭدىن كېيىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەندە، بىرەرسىمىز ئۇلارنى ئالغىلى بارايلىمۇ؟» دېدى. بىر ھازادىن كېيىن دادام: «يەنىلا ئۇلار ئۆزلىرى بېرىپ- كەلسۇن، ئۆيدە ئىش كۆپ. ئۇلار ئوقۇيدۇ، پۇل خەجلەيدىغان كۈنلەر ئالدىمىزدا، بىز كۆپرەك پۇل تېپىشىمىز كېرەك»، دېدى. ئاپام بۇ توغرىلىق قايتا ئېغىز ئاچمىدى، پەقەت بوش ۋاقىتلىرىدا كەنت ئېغىزىغا بېرىپ بىزنى كۈتۈۋالدى، بەزىدە قاقلاپ پىشۇرغان شەنيۈ، بەزىدە بىر بوتۇلكا سوغۇق چاي ئالغاچ كەلدى.
كونا ئۆينىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەي مېنىڭ خاتىرەمدە يىلتىز تارتتى. دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن تۆت پەسىلنىڭ خۇش ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. ئاتا- ئانىمىز لەمپە ئاستىدىكى تۇرمۇش ھىدىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاي- يىللىرىمىزنى ھەقىقىي ئىللىتتى.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى بىنخەي ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى شىنجيەن جەنۇبىي يولى مەكتەپ رايونى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.