قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| يامغۇرلۇق ئاخشامغا يەنە يولۇقۇش

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-04-09 17:25:46

يۈ رۇڭ

 1998- يىلى، مەن جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى فۇنىڭ سىفەن مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ، يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولدۇم. 

 بىزنىڭ ئۆي مەكتەپتىن يەتتە- سەككىز چاقىرىم كېلەتتى. بۇ كۈنى، ئەتىگەندىلا يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ھەر قېتىم يامغۇر ياغقان كۈنى سىرتقا چىقىش ھەقىقەتەن بېشىمنى قاتۇراتتى. چۈشتە مەن مەكتەپ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە تاماق يىدىم، پاتقاق چىغىر يولدا مېڭىپ، كۈنلۈك تۇتۇپ، يول بويى بالىلارنىڭ كۈلكە- چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەر خىل قىزىقارلىق ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم يەنىلا توق ۋە خۇشال بولۇپ قالدى. 

 كەچ كىرگەندىمۇ يامغۇر توختىمىدى، ئاشۇ ئۇزۇن پاتقاق يولنى ئويلاپ، ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ قويدۇم. مەن يامغۇرلۇق كىيىمىمنى كىيىپ، دادام يېڭىدىن ئېلىپ بەرگەن ۋېلىسىپىتنى مىنىپ، ئۆيگە قايتىدىغان جاپالىق يولنى باشلىدىم. 

 سوغۇق شامال ياقامدىن كىرىپ، تېرەمنىڭ ھەممە يېرىگە ئالا قويماي ھۇجۇم قىلغىلى تۇردى؛ يامغۇر سۈيى ئاستا- ئاستا مېنىڭ كۆز ئالدىمنى غۇۋالاشتۇردى. ئارىلىقتا، مەن ۋېلىسىپىتنى ئىتتىرىپ ماڭماقچىمۇ بولدۇم، لېكىن ئويلاپ باقسام، بولمىغۇدەك، يەنىلا ۋېلىسىپىتنى مىنىپ ماڭسام تېز ئىكەن. ئالدىمىزدا بىر كۆۋرۈك بار بولۇپ، دۆڭ ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇدۇلدىن شامال سوقۇۋاتقاچقا، ۋېلىسىپىتنى مىنگىنىمچە كۆۋرۈككە چىقىمەن، دەپ، نەچچە قېتىم تېيىلىپ كەتكىلى تاس قالدىم، ۋېلىسىپىتنىڭ تۇتقۇچى بويسۇنمايۋاتقاندەك ھېس قىلدىم، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ۋېلىسىپىتنى ئىتتىرىپ كۆۋرۈككە چىقاردىم.

 كۈن بارغانسېرى قاراڭغۇلاشتى، بىر كەنتتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىمدا، ھاۋاغا تاماقنىڭ مەززىلىك پۇرىقى تارىلىپ كەتكەنىدى، قورسىقىم يارىماسلىق قىلىپ ئىككى قېتىم كوركىراپ قويدى. مەن پۇتۇمنىڭ ئاستىدىكى پېدالنى تېخىمۇ تېز تېپىپ، كۆڭلۈمدە ئاپام بۈگۈن كەچتە ئەتكەن مەززىلىك تائاملارنى ئويلىدىم. 

 تۇيۇقسىز، ۋېلىسىپىتنىڭ چاقى تېيىلىپ كېتىپ، مەن يول بويىدىكى بىر پاتقاق ئازگالغا چۈشۈپ كەتتىم. پاسكىنا سۇ ئوشۇقۇمنى بېسىپ كەتتى، يامغۇرلۇق كىيىمىممۇ تىلىنىپ كەتتى. ئۈستىبېشىمنىڭ قارىغۇسىز بولۇپ كەتكىنىدىن كۆڭلۈم مەيۈسلۈككە تولۇپ، چىداپ تۇرالماي يىغلاپ سالدىم.

 مەن تىرىشىپ- تىرمىشىپ ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولساممۇ، لېكىن پەقەت پۇتۇمنى سىرتقا ئازراقلا يۆتكىيەلىدىم. دەل شۇ چاغدا، مەن دادامنىڭ مېنى چاقىرغىنىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم: «شياۋرۇڭ، شياۋرۇڭ ...»

 ھە، دادامكەن! دادام مېنى ئىزدەپ كەپتۇ! «دادا، مەن يىقىلىپ چۈشتۈم، مەن بۇ يەردە!» ئاتا- بالا ئوتتۇرىمىزدىكى ئاجايىپ تەسىر شۇ تاپتا تۇتاشتى، قاراڭغۇدا دادامنىڭ ئېگىز سىماسى تېز يۈگۈرۈپ كېلىپ، ۋېلىسىپىتنى ئىتتىرىۋېتىپ، مېنى پاتقاق ئازگالدىن نېرى- بېرى تارتىپلا چىقىرىۋالدى، ئۇ: «قانداق يىقىلىپ چۈشكەنسىز؟» دېگەچ مېنى ئېغىز ئاچقۇزمايلا پاتقاق بولۇپ كەتكەن چاپىنىمنى سالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پىلاشىنى ماڭا يېپىنچاقلىتىپ، كۈچەپ چىڭ يۆگەپ تۇرۇپ: «يۈرۈڭ، سىزنى ئۆيگە ئېلىپ كېتەي!» دېدى.

 ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئۇ كۈنى دادامنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىپتىكەن، ئۇنى ئاجىز تېنىنى سۆرەپ يامغۇردا تېز مېڭىشقا قانداق نەرسە مەجبۇر قىلدىكىنە؟ مېنىڭ كۆز يېشىم يەنە بىچارىلەرچە ئېقىپ چىقتى...

 چوڭ بولغاندىن كېيىن مەن پولات چىۋىق ۋە بېتونلاردىن قۇرۇلغان شەھەردە ماڭدىم، ئاشۇ ئىللىق يېپىشىش قالدۇق تەسەللىگە ئايلىنىپ، مېنى يورۇق تەرەپكە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ تۇردى.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى بىنخەي ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى جەنۇبىي شىنجيەن يولى مەكتەپ رايونى 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق