قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| تەسىرلىنىش قەلبتە ياخشىلىقنى ئويغىتىدۇ

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-04-11 16:55:43

ياۋ يەن

 دائىم ھەممە يەرگە بېرىپ باشقىلارنىڭ تەسىرلىنىشىنى ئىزدەيمىز، ئەمما ئەتراپىمىزدىكى تەسىرلىنىشكە سەل قارايمىز. «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەنلەر»، «ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچى» دېگەن پىروگراممىلارنى كۆرگەندىن كېيىن، «گۈزەللىك» تاماشىبىنلارنى قايىل قىلىدۇ، «ياش»مۇ شۇنىڭدىن پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا كاللامدا ھامان بىر سۈرەت پەيدا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ ئانام.

 مەن ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى، مومام كېسەللىك سەۋەبىدىن يېرىم پالەچ بولۇپ قېلىپ، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان، كۈندىلىك تۇرمۇشى، يېتىپ- قوپۇشى كارىۋاتتا بولۇپ قالدى. دەسلەپكى ئىككى يىلدا پەرزەنتلىرى نۆۋەتلىشىپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، لېكىن بۇ ئاددىي ئىش ئەمەس ئىدى، ھەر كۈنى مومامغا ئۈچ ۋاق تاماق ئەكىلىپ بەرسىلا بولمايتتى، ئۇ چاغدا بازارلاردا چوڭلارنىڭ زاكىسى يوق ئىدى، ھەر قېتىم تەرەت قىلماقچى بولغاندا تەرەت قاچىسى ئېلىپ كېلىپ مومامنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى، سەللا دىققەت قىلمىسا كارىۋات بېزەپ بولۇپ كېتەتتى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، پەرزەنتلەرمۇ ھېرىپ كېتەتتى.

 كېيىن، ئاتا- ئانام مومامنى بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغۇزۇشنى قارار قىلدى، دادام ئىشقا بارىدىغان بولغاچقا، بۇ ئېغىر يۈك تەبىئىيلا ئانامغا يۈكلەندى. مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، ئانام نەچچە مو يەر تېرىسىمۇ، ئېتىزدىن ھەر بىر سائەتتە بىر قېتىم قايتىپ كېلىپ مومامنىڭ تەرەت قىلىدىغان- قىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇراتتى. مومام ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا ئويغىنالماسلىقتىن ئەنسىرەپ، كېچىدىمۇ قاتتىق ئۇخلاپ كېتەلمەيتتى، بەزىدە كۈندۈزى بەك ھېرىپ كەتكەن بولسا، كەچتە قوڭغۇراقلىق سائەتنى كارىۋات بېشىغا قويۇپ قوياتتى، ھەر ئۈچ سائەتتە بىر قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ مومامنى ئۆرۈپ قوياتتى.

 ئۇ چاغدا بىز ئاچا- سىڭىل ئۈچىمىز مەكتەپتە ئوقۇيتتۇق، ئائىلىمىزنىڭ يۈكى ناھايىتى ئېغىر ئىدى، ئانام ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن دائىم ئېتىزدا تېرىغان كۆكتاتلارنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ تۇراتتى، بازاردىن ياخشىراق ئورۇن تاللاش ھەمدە بالدۇرراق قايتىپ كېلىپ مومامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ئۈچۈن، ئۇ دائىم كېچە سائەت ئىككى يېرىمدا ئورنىدىن تۇرۇپ مومامنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاندىن بىر يېرىم سائەت ۋېلسىپىت مىنىپ ناھىيە بازىرىغا باراتتى، بوران- چاپقۇنمۇ ئۇنى توسۇپ قالالمايتتى. ئىلگىرى مەن ھېسابلاپ باققانتىم، ئۇ بىر يىل ئىچىدىكى يەتتە ئايدا ھەر كۈنى پەقەت تۆت سائەتلا ئۇخلايدىكەن، گەرچە مۇشۇنداق جاپا تارتسىمۇ، مۇشۇنداق ھېرىپ كەتسىمۇ، ئەزەلدىن مومامغا ئاچچىقلىنىپ باقمىدى، ئەزەلدىن مومامنى «باشقا يەرگە ئاپىرىۋېتىمەن» دەپ باقمىدى. ھەر كۈنى تاماق ۋاقتىدا ئانام بىزنىڭ ئاۋۋال يېيىشىمىزگە يول قويماي، مومامغا تاماق بەرگەندىن كېيىن، ئاندىن بىزنىڭ يىيىشىمىزگە يول قوياتتى.

 مومام پالەچ بولۇپ يېتىپ قالغان 13 يىلدا، تاكى مومام خاتىرجەم كۆز يۇمغۇچە ئانام جاپا- مۇشەققەت ۋە تاپا- تەنىدىن قورقمىدى. مومام ئالەمدىن ئۆتۈپ بىر يىلدىن كېيىن، ئانام تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتتى، دادام قورقۇپ كېتىپ دەرھال ئانامنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتى، نەتىجىسى چىققاندا بىلدۇقكى، ئەسلىدە ئانامغا ئون نەچچە يىل ھەمراھ بولۇپ كەلگىنى «باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش» ئەمەسكەن، بەلكى ئۇنىڭ كىچىك مېڭىسىگە بىر ئۆسمە ئۆسۈپ قالغان ئىكەن، دوختۇر يەنە بىر كۈن كېچىكىپ كەلگەن بولساق ئۈمىد قالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 شۇنىڭدىن كېيىنكى نۇرغۇن يىل داۋامىدا ئانام بىلەن مۇڭداشقىنىمدا، ئۇ دائىم ماڭا بازارغا چىققان چاغلىرىمدا، ياردەم تەلەپ قىلىدىغان كىشىلەرگە يولۇققاندا، ئامال قىلىپ ياردەم قىلىشىمنى جېكىلەپ تۇردى. مەن دەسلىپىدە بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرسەم، ئانام گېپىمگە كۆنمەي: «خەق تالاغا چىققان ئىكەن، چوقۇم بىر قىيىنچىلىقى بولىدۇ!» دەپ تۇرۇۋالدى. ئانام، ئاددىي بىر يېزىلىق ئايال، يەر بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئادەم ئىدى، ئاق كۆڭۈل ئىدى.

 خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، مەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىشنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا «شاگىرتلىق ئەدەپلىرى»دىكى ۋەقەلىك كىچىك تىياتىرلىرىنىڭ سىنلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارغا «شاگىرتلىق ئەدەپلىرى»نى يادلاشنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت بولۇشىنى، ۋاپادارلىق بولۇشىنى، «ئاۋۋال ئاتا- ئانىغا ۋاپادار، قېرىنداشلىرىغا مېھرىبان بولۇش، ئاندىن سۆز- ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان، سەمىمىي بولۇش»نى ھەقىقىي ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلدىم. مەن باشتىن- ئاخىر شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەن، ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت، ياخشى نىيەت بولسىلا، بىز پۈتۈن دۇنيادىن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان دەقىقىلەرنى ئىزدىمىسەكمۇ، ئەتراپىمىزدا مەڭگۈ سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئىللىق ھېكايىلەر تېپىلىدۇ.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى بىنخەي ناھىيەسى دۇڭكەن كوچا باشقارمىسى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق