قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| باشقا يۇرتتىكى بىر چىراغ

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-04-17 19:47:18

ليۇ چاڭ

 2023- يىلى، مەن شەندۇڭ چىڭداۋنىڭ جياۋجوۋ شەھىرىگە ئىشلىگىلى كەلگىنىمدە، ھەممە نەرسە ناتونۇش ئىدى، يېڭى مۇھىتتا، يېڭى خىزمەت ئالدىدا نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم. بىر كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئىجارە ئۆينىڭ قۇلۇپىنى ئېچىپ كىرگىنىمدە، ئۆيدىكى چىراغنىڭ يانماس بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدىم. مەن دەرھال توك سائىتىنى تەكشۈرۈپ، توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىگە تېلېفون قىلدىم، ئاخىرىدا بايقىسام، ئۆيدىكى لامپۇچكا بۇزۇلۇپ قالغان ئىكەن. «چاتاق بولدى، بۇ كەچتە يا بىرەرسىنى تونۇمىسام، لامپۇچكا ئالماشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە كىمنىمۇ چاقىرارمەن؟» شۇ تاپتا، خىزمەتنىڭ ھاردۇقى، ئۆينى سېغىنىش ھەسرىتى، لامپۇچكا ئالماشتۇرالماسلىقتەك يۆلەكسىزلىك گىرەلىشىپ كەتتى.

 تۇيۇقسىز، مەن  ئىجارە ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن تۇنجى كۈنۈم، ئۆزۈم يالغۇز ئىككى يەشىك يۈك- تاقنى كۆتۈرۈپ، ئەمدىلا ئولتۇراق رايوننىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلگىنىمدە، ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدىكى بوۋاينىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەندىن ئەھۋال سوراپ، يەنە مېنى دەنيۈەننىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىپ: «قىزچاق، بۇنىڭدىن كېيىن قانداق مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە كېلىپ بىزنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ، بىزنىڭ بۇ يەردە پۈتۈن كۈن نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان ئادەم بار»، دېگىنى ئېسىمگە كەلدى. بارغانسېرى كەچ كىرىپ كېتىۋاتاتتى، مەن بىنادىن چۈشۈپ ياردەم سوراشنى قارار قىلدىم. ئامانلىق ساقلاش ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلسەم، ئىچىدە بىر چىراغ يېنىقلىق تۇرۇپتۇ، نۆۋەتچى بوۋاي بار ئىكەن. «ياخشىمۇسىز، مەن ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆي ئىجارە ئالغۇچى، ئۆينىڭ چىرىغى بۇزۇلۇپ قاپتۇ، ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغان ئادەم تاپالمىدىم، خاپا بولماي ماڭا رېمونتچى ئۇستام تېپىپ بېرەلەمسىز؟» دېدىم مەن غەيرەتكە كېلىپ بوۋايغا. «بۇنچە كەچ بولۇپ كەتتى، رېمونتچى ئۇستاملار ئىشتىن چۈشۈپ بولدى، لامپۇچكىنى ئالماشتۇرسىلا بولىدىغان ئىشكەن، مەن بېرىپ ئالماشتۇرۇپ بېرەي»، دەپلا بوۋاي دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، مەن بىلەن بىللە ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتى.

ئاپتورنىڭ يېقىنقى سۈرىتى

  ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، بوۋاي ناھايىتى تېزلا ماڭا يېڭى لامپۇچكا ئالماشتۇرۇپ بەردى. چىراغ يانغان ئاشۇ دەقىقىدە، مېنى بىر ئاخشام قىينىغان ئەلەملىك كەيپىياتىم يوقالدى. مەن بوۋايغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنىڭغا ھەق بەرمەكچى بولۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا ئۆيدىكى مېۋىلەرنى ئېلىپ بوۋاينى يېيىشكە تەكلىپ قىلدىم، بوۋاي بولسا ئالدىراپ: «تۈزۈت قىلماڭ، قىزچاق، بۇلارنى ئالمايمەن. سىزنىڭ سىرتتا يالغۇز ئۆتمىكىڭىز ئاسان ئەمەس، ئادەتتە ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ، جياۋجوۋنى ئۆز ئۆيىڭىزدەك كۆرۈڭ، ئېھتىياجىڭىز بولسا بىزنى ئىزدەڭ»، دەپ گېپىنى تۈگىتىپلا، ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، بوۋاي ياندۇرۇپ قويغان چىراغ ئۆيۈمنى يورۇتتى، قەلبىم خانەمنىمۇ يورۇتتى.

  كېيىن، كۈندىن- كۈنگە تونۇشۇشقا ئەگىشىپ، بۇ شەھەردە تېخىمۇ كۆپ ياخشى دوستلىرىم بار بولدى، بۇ يەرنى ئاستا- ئاستا ئۆز ئۆيۈمدەك كۆرۈپ قالدىم، مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە باشقىلارغا ياردەم قىلدىم. مەن دائىم ئاشۇ يېڭى كەلگەن چاغلىرىمنى ئەسلەيمەن، ئاشۇ چىراغ ماڭا بۇ شەھەرنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى، مېنى باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. 

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەندۇڭ ئۆلكىسى جياۋجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق