قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| مۇھەببەت سىڭگەن دورا ئۆسۈملۈك

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-04-22 13:08:01

شيا فۇلى 

 ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، مەن ئىنگلىز تىلىدا بەك ناچار ئىدىم، بىر قېتىملىق ئىمتىھاندا ئاران 30 نومۇر ئالدىم، ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مېنىڭ ئۆگىنىش قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇشۇمغا ياردەم قىلىشى بىلەن، ئىنگلىز تىلىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ھەمدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم. مەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەندىم.

 ئوقۇتۇش جەريانىدا، مەن دائىم «قۇدرەتلىك كۈچ» بىلەن ھەر بىر بالىنى تىرىشىپ ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىم. بالىلار مېنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلۇمنى ياخشى كۆردى، مېنىڭ ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتىم ۋە ئۈمىدىمنى تېخىمۇ چۈشەندى. 

 2010- يىلىنىڭ بىر كۈنى، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، بىر ئوقۇغۇچى ئالدىراپ سىنىپقا يۈگۈرۈپ كىرىپ ماڭا: «مۇئەللىم، ئىنىم بىنانىڭ ئاستىدا ئۇخلاپ قاپتۇ!» دېدى. ئوقۇغۇچىلارغا پۈتۈن زېھنىم بىلەن سوئال چۈشەندۈرۈپ بېرىۋاتقان مەن بىردىنلا تۆت ياشلىق ئوغلۇمنىڭ تېخىچە بىنانىڭ ئاستىدا مېنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېسىمگە ئالدىم. شۇ كۈنى ئوغلۇم قىزىپ قالغانىدى، مەن ئۇنىڭغا ئوكۇل ئۇرغۇزۇپ بولۇپ ئوقۇتۇش بىناسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇنىڭغا: «سەن بىنانىڭ ئاستىدا ساقلاپ تۇر، مەن تېزلا چۈشىمەن»، دېدىم. مەن ئەسلىدە بىناغا چىقىپ ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۈپ باقماقچى ئىدىم، لېكىن نەتىجىسى ئەمدىلا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمگە تەشنا كۆزلىرى مېنى تەسىرلەندۈردى، مەن ئۇلارغا سوئال چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە باشلىدىم، سۆزلىگەنسېرى بېرىلىپ كېتىپ، بىنانىڭ ئاستىدا ساقلاۋاتقان ئوغلۇمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. 

 مەن دەرھال بىنانىڭ ئاستىغا ئېتىلىپ چۈشتۈم، ئوغلۇم كۆزىنى يۇمۇپ، تام تۈۋىدە تۈگۈلۈپ يېتىپتۇ، قارىماققا شۇنداق ئاجىز كۆرۈنەتتى. يۈرىكىم بىردىنلا قامچا بىلەن ئۇرغاندەك ئاغرىپ كەتتى، قىزىق ياشلىرىم ئوغلۇمنىڭ يۈزىگە تامچىلىدى. 

 مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، بالىلار بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، ماڭا: «سىز بىزگە شۇنچە كۆڭۈل بۆلىسىز، لېكىن ئىنىمىز تېخى كىچىك، ئۇ سىزگە تېخىمۇ موھتاج. بۇنىڭدىن كېيىن ئىنىمىزغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ!» دېدى. شۇنداق، مېنىڭ قانداقمۇ گۆدەك ئوغلۇمنىڭ ھالىدىن كۆپرەك خەۋەر ئالغۇم كەلمىسۇن، لېكىن مۇھەببەت تارازىسى ھەمىشە ئاڭسىز ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا ئېغىپ كېتەتتى. مەن ئۇلۇغ- كىچىك تىنىپ قويۇپ: «سىلەرمۇ مېنىڭ بالىلىرىم تۇرساڭلار!» دېدىم. 

 بالىلارنىڭ خۇددى ساپ كۆل سۈيىگە ئوخشاش قەلبىدە مۇھەببەتنىڭ مەيىن دولقۇنى قوزغالغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ئۆگىنىشكە تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كەتتى، نەتىجىسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مەن ئۇلارنىڭ ئىلگىرىلىشىنىڭ ئارىمىزدىكى ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇقتىن كەلگەنلىكىنى بىلدىم. 

 مۇھەببەت قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىدۇ. مەن ئوقۇغۇچىلارنى سۆيىمەن، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن مېنى سۆيىدۇ. مەن ئىلگىرى بىرلا ۋاقىتتا بەش سىنىپقا ئىنگلىز تىلى دەرسى ئۆتتۈم، كۆپ سۆزلىگەچكە، يۇتقۇنچاق ياللۇغۇم قايتا- قايتا قوزغىلىپ، ئاۋاز پەردەم سۇلۇق ئىششىپ، بادام بېزىم يىرىڭلاپ كەتكەچكە، ئاغرىقتىن ئۇخلىيالمىدىم، تاماق يېيەلمىدىم. مېنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىمنى بىلگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچى ئاغرىدى. ليۇ خۇڭلىڭ ئىسىملىك بىر قىز: «مۇئەللىم، ئاپام سىزنى دەپ ئاتايىن سۈرۈشتۈردى، بىر رېتسېپ سىزنىڭ كېسىلىڭىزنى ساقايتالايدىكەن»، دېدى. 

 «بىراق دورا ماتېرىياللىرىنى نەدىن تاپىمىز؟» دەپ سورىدىم مەن.

  ليۇ خۇڭلىڭ: «ئاپام سىزگە تېپىپ بېرەي دەيدۇ»، دېدى.

  7- ئايدا چىڭقى چۈشتىكى قۇياش يەر- جاھاننى قاسقانغا ئوخشاش قىزدۇرۇپ تۇراتتى، ليۇ خۇڭلىڭ ئاپىسى بىلەن توپتوغرا بىر چۈش دورا ئۆسۈملۈك ئىزدەپتۇ. ئۇ دورا ئۆسۈملۈكنى ئەكېلىپ بېرىپ: «بۇ چار پاقا ئوتى، يەنە بىر خىل يالپۇز ئوتى كەم قالدى، ئاپام ئەتە چۈشتە يەنە بېرىپ ئىزدەيمەن، دەيدۇ»، دېدى. بالىنىڭ ئاپتاپتا قىزىرىپ كەتكەن مەڭزى ۋە تەردىن ھۆل بولۇپ كەتكەن چاچلىرىغا قاراپ: «بولدى ئىزدىمەڭلار!» دېگەن گەپنى بوغۇزۇمدىن ئاران چىقاردىم. ئۇ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ، يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كەتتى.

  ئىككىنچى كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتىن كېيىن، ئىشىكنى ئېچىشىمغا، كۆزۈمگە ئىشىك سىرتىدا تۇرغان بىر سولياۋ خالتا چېلىقتى، ئىچىدىكى ياپيېشىل ئوت- چۆپلەر ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتقاندەك قىلاتتى. كۆز ياشلىرىم تاراملاپ ئاقتى − بالا مېنىڭ ئارام ئېلىشىمغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ، دورا ئۆسۈملۈكلەرنى ئاستاغىنا بۇ يەرگە قويۇپ قويغان ئىدى! مەن ئانا- بالا ئىككىيلەننىڭ مەن ئۈچۈن قۇياش نۇرىدا پۈتۈن دىققىتى بىلەن دورا ئۆسۈملۈك ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

  بۇ دورا ئۆسۈملۈكلەرنى ئىچكەندىن كېيىن، گېلىم ياخشىلاندى. 

 مەن ئوقۇغۇچىلىرىمنى چوڭقۇر سۆيدۈم، ھەم ئوقۇغۇچىلار ھەتتا ئاتا- ئانىلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشتىم. بۇ مېنىڭ بەختىمنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا، مېنىڭ مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئادەم تەربىيەلىشىمدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ! 

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھىرى يىڭنەن ناھىيەسى شىليەنزى بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق