قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئۈچ تۈپ دەرەخنىڭ ھىدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-04-25 17:38:25

 تيەن يۈماۋ

 ئۈچ تۈپ دەرەختىن قالغان مېۋە ھىدى، يەنە بوۋام بىلەن مومامنىڭ كۆيۈنۈشى مېنىڭ خاتىرەمدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىللىق ئىدى.

 بالىلىق چاغلىرىمدا ئۈچ تۈپ دەرەخ، ئۆرۈك دەرىخى، شاپتۇل دەرىخى، ياڭاق دەرىخى بار ئىدى، ئۇلار مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدىكى پۇراقنى ئورتاق شەكىللەندۈرگەن.

 باش باھاردا، جانلىقلارنىڭ ئويغىنىشى مەۋسۇمى ئەمدىلا ئۆتۈشىگە، ئۆرۈك چېچەكلىرى شاخلارغا غۇچچىدە ئېسىلىپ كېتەتتى. ھويلىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئۆرۈك دەرىخىنى بوۋام ئىككىمىز ئەڭ ياخشى كۆرەتتۇق. بۇ دەرەخ جەنۇبىي تام تۈۋىدە ئۆسكەن بولۇپ، بەلكىم قۇياش نۇرى ئازراق چۈشكەنلىكىدىنمۇ، ئۇ سەل ئاجىز كۆرۈنەتتى. غولىدىن دائىم ئاز- تولا يېلىم ئېقىپ چۈشەتتى، بۇ يېلىم دەل ئۆرۈك غولىدىكى يارا ئېغىزىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى. شۇنداق بولسىمۇ، بوۋام يەنىلا ئىچ ئاغرىتىدىغان دەرىخىگە ماڭا بىر كىچىك ئىلەڭگۈچ ئېسىپ بەردى.

  ياز كەلگەندە، كۆزنى چاقىدىغان قۇياش نۇرى شاخ- يوپۇرماقلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ يەر يۈزىگە چۈشەتتى. بېشىمنىڭ ئۈستىدىكى قىزىرىپ پىشقان ئۆرۈكلەر كىشىنىڭ مەيلىنى تارتاتتى، دەرەخ سايىسىدا مەن كۈن بويى بوۋامغا چاپلىشىۋېلىپ، ماڭا ئۆرۈك ئۈزۈپ بېرىشنى ئېيتاتتىم، بوۋام بىر نەچچىنى ئۈزۈپ ئاغزىمغا سالاتتى.  ئۆرۈك تاتلىق، يۇمشاق بولۇپ، مېنىڭ تەم سەزگۈمنى غىدىقلايتتى. بوۋام يوغان قوللىرى بىلەن مېنى ئىلەڭگۈچتە ئېگىز ئۇچۇراتتى، ئىلەڭگۈچ تەۋرىنەتتى، دەرەخ ئاستىدىكى نۇرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تەۋرىنىپ تۇراتتى. ئۆرۈكنىڭ تاتلىق تەمى، بوۋامنىڭ ئەتىۋارلىشى، يەنە تەۋرىنىپ تۇرىدىغان ئىلەڭگۈچ قوشۇلۇپ مېنىڭ بالىلىقتىكى ئەسلىمەم بولۇپ توقۇلاتتى.

  بىز تومۇز ئىسسىق يازدىن ئۆتۈپ، باش كۈزنى كۈتۈۋالاتتۇق. ھويلىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى شاپتۇل دەرىخىنىڭ شاخلىرى مېۋىسىنى كۆتۈرەلمەي ئېگىلىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ شاخلىرى پاكار بولۇپ، مەن ھەر قېتىم كەپسىزلىك بىلەن شاپتۇل شېخىغا مىنىۋېلىپ، شاخلارغا يامىشىپ شاپتۇل ئۈزمەكچى بولغىنىمدا، مومام دائىم ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ: «ۋاي سادىغاڭ كېتەي، دەرھال چۈشكىن، يىقىلىپ كەتسەڭ چاتاق بولىدۇ!» دەپ ۋارقىرايتتى، ئاندىن ئۆزى شاخقا يامىشىپ چىقىپ ماڭا شاپتۇل ئۈزۈپ بېرەتتى. ھەر قېتىم مۇشۇ ۋاقىتتا، مەن يۇۋاشلىق بىلەن دەرەخ ئاستىدا يۇقىرىغا قاراپ، مومام سۇنغان شاپتۇللارنى ئالاتتىم. شاپتۇلنى يەۋېرىپ قورسىقىم توپتەك يۇپيۇمىلاق بولۇپ كېتەتتى، مومام كۈلۈپ تۇرۇپ: «شاپتۇلنى تويغىچە يېيىش، ئۆرۈكنى ئازراق يېيىش كېرەك. شاپتۇلنى كۆپ يەۋالساڭمۇ ھېچقىسى يوق!» دەيتتى. شاپتۇلغا تۇغقاندارچىلىقنىڭ ھىدى سىڭگەن ئىدى. مومامنىڭ كۆيۈنۈشى خۇددى كۈز پەسلىدىكى سالقىن شامالغا ئوخشاش، بىلىنەر- بىلىنمەس شاپتۇل ھىدى بىلەن قەلبىمگە چوڭقۇر ئورنىغان ئىدى.

  كۈزگى تېرىم مەۋسۇمى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاق شەبنەم ۋاقتى بولاتتى، ئۇ دەل ياڭاق پىشىدىغان پەسىل ئىدى. يۇرتتىكى ئۆينىڭ ئارقا ھويلىسىدا بىر تۈپ ئېگىز ياڭاق دەرىخى بار بولۇپ، غولى توم ھەم ئېگىز، ياڭاق دەرىخىنىڭ تۆت ئەتراپى سۇلۇق كۆكتاتلىق ئىدى. بىزنىڭ دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ ياڭاق ئۈزۈشىمىز ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ھەر قېتىم ياڭاقنىڭ مېغىزى تولىدىغان چاغدا، مەن ئىشتىنىمنىڭ پۇشقىقىنى تۈرۈپ، سۇدىن كېچىپ ئۆتۈپ، ياڭاقلارنى ئۈزۈپ، كۆك پوستىنى كېسىپ، قاتتىق شاكىلىنى يېرىپ، يۇمران پوستىنى ئاۋايلاپ سويۇپ، ياڭاق مېغىزىنى بوۋام- مومامنىڭ ئاغزىغا، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ئاغزىغا سالاتتىم. مەن ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇپ كۈلگىنىنى كۆرەتتىم، يۇمران مېغىزنىڭ خۇشپۇراق ھىدىغا ئەگىشىپ، بالىلىق چاغلىرىمدىكى گۈزەللىك ياڭاق دەرىخى ئاستىدا قېتىپ قالاتتى. 

 بۈگۈنكى كۈندە، بالىلىقىمغا ھەمراھ بولغان ئۈچ تۈپ دەرەخ ئاللىقاچان ئۇزاقتا قالدى، لېكىن بۇ ئۈچ تۈپ دەرەخ قالدۇرغان مېۋە ھىدى، يەنە بوۋام- مومامنىڭ كۆيۈنۈشى مېنىڭ خاتىرەمدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىللىق ۋە نۇرلۇق ئىدى.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى خېياڭ ناھىيەسى چېڭگۇەن ئوتتۇرا مەكتىپى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق