قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| قېرىنداشلىق مېھرى ھاياتنى ئىللىتتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-05-06 17:51:54

 زو تىڭتىڭ

 ھەمىشە ئاشۇ غەم- ئەندىشىسىز چاغلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بارلىق گۈزەللىك ۋە ئىللىقلىقنى قەدىرلەشنى ئويلايمىز، قىش پەسلىنىڭ بەك قىسقىلىقىدىن، باھار كۈنىنىڭ ئۇزۇن ئەمەسلىكىدىن ئاغرىنىمىز. 

 كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدۇق، داقا- دۇمباق ساداسى كوچىلارنى قاپلىدى، يېڭى يىللىق پوجاڭزىلار بالىلىق ئەسلىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئىللىق پۇراق ئىچىدە ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان پويىزغا ئولتۇرۇپ كۆك خىش، قىزىل كاھىشلىق يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم، تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايلار قايتا جەم بولدۇق.

خۇ مەنمەن  فوتوسى

 ئەتىگەندىلا دادام تېلېفون بېرىپ قەيەرگە كەلگەنلىكىمنى سوراپ، تاغام- ھاممامنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە جەم بولۇش تامىقى يەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا، تونۇش چىرايلارغا قاراپ، ئۆزئارا ئەھۋال سورىشىپ، بەخت تىلىشىپ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۇق. 

 يىللار ئۆتىۋېرىپ، ھەممە نەرسە ئۆزگەرگەندەك ئىدى، ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللار بامبۇك نوتىسىدەك ئۆسۈپ، دەرەختەكلا بوي تارتىپ كېتىپتۇ، گۆدەكلىكلىرى بىر يەردە قېلىپ، پىشىپ يېتىلىپ، بارا- بارا ئۆز ئالدىغا ئىش قىلالايدىغان بوپتۇ؛ چوڭلىرىمىزنىڭ چاچلىرى ئاقارغان بولۇپ، بەللىرىمۇ خېلىلا ئېگىلىپ قاپتۇ. يىللار ئۆتىۋېرىپ، ھېچقانداق ئۆزگىرىشمۇ بولمىغاندەك ئىدى، گەرچە تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ يۈرگەن بولساممۇ، بىراق بالىلىق چاغلىرىمدىن ھەمبەھرىلەنگىنىمدە...جاۋغايلىرىمدىن ئۇزۇنغىچە كۈلكە كەتمىدى، تۇرمۇش يۈرەكنى ئېچىشتۇرسىمۇ، ئەقىدە يوقالمىغانىدى. تاماقتىن كېيىن، بىر نەچچە ئېغىز پاراڭ سېلىشىپ، دەرھال سىڭلىمنىڭ تويلۇق ئۆيىنى سەرەمجانلاشتۇردۇق. بىر نەچچە يىل يىغىلمىغان قېرىنداشلار ئورۇق، ئېگىز بويلۇق يىگىتلەر بولۇپ كەتكەن بولۇپ، كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە ئۆينى بىر- بىرلەپ توشقۇزۇۋەتتى. ئۇلار چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى  ئېلىۋېلىپ، باش قوشۇپ بىر يەرگە يىغىلىپ تەتقىق قىلىشتى...

 كۆزلىرىم قەيسەر يۈزلەرگە تىكىلىپ، ۋاقىتنىڭ غۇۋالىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، ئاجىز نۇر ئىچىدە ئۆتۈشۈپ تۇرغان چىراغ كۆلەڭگىسى تەۋرىنىپ، كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە ئەسلىمىلىرىمنى 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىغا ئېلىپ باردى − بىز سىدام رەڭلىك پاختا رەختتىن تىكىلگەن كىيىم كىيىۋالغانىدۇق، بۇرنىمىزنىڭ قىزىللىق تېپىپ تۇرىدىغان قاپقارا ئۇچىدا جانلىق تەر تامچىلىرى تەپچىپ تۇراتتى، بىر نەچچە قارا، قىزىل قوللار ئازدۇر- كۆپتۇر ئەينەك شارەكنى چىڭ چاڭگاللىۋالغان بولۇپ، ئاغزىدىن ئاھاڭغا چۈشمەيدىغان  بىر ئاۋازلارنى چىقىراتتى.

 يەنە بېشىمنى كۆتۈرسەم، ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئىنى- سىڭىللىرىم چوڭ بولۇپ كېتىپتۇ − چوڭ ئىنىم «خوشاللىق» دېگەن خەتنى چاپلاش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتاتتى، كىچىك ئىنىم ئالدىراپ- تېنەپ يۇقىرى- تۆۋەنلىكىنى كۆزىتىۋاتاتتى، ئاشۇنداق يېقىن، ئىناق دەقىقىلەر كىچىككىنە ئۆينى باھار تۈسىگە چۆمدۈرگەنىدى. قەلبتىكى تىلەك قولدىكى ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، قانچە ئالدىراش بولغانسېرى شۇنچە شادلىققا چۆمگەنىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى مەن توي قىلغان چاغدىكى ئىنى- سىڭىللىرىمنىڭ ئالدىراش سىماسى كۆز ئالدىمدىكى كۆرۈنۈش بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلىقىمدىن، ئۇلارنىڭ ھەمراھ بولغىنىدىن، ھەقىقىي مېھىرنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىدىن مىننەتدار بولدۇم، ئاچا- ئىنى مۇھەببىتى ئارىلىقنىڭ ئۆزگىرىشى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۇسلىشىپ قالمىغانىدى. بىز ئۇلاپلا كىچىك ئىنىمنىڭ تويىغا قاتناشتۇق، بۈگۈن يەنە سىڭلىمنىڭ تويىنى كۈتۈۋالدۇق، بىز بىر- بىرىمىزگە ياردەم بېرىپ تۇرۇۋاتقانلىقىمىزدىن خوشالمىز. 

 قانداشلىق رىشتە، ھېسسىيات ۋارىسلىق، ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللارنىڭ قەلبى بىر- بىرىگە زىچ باغلانغان ئىدى. بېشىمنى كۆتۈرسەم، ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرى يوچۇقلاردىن ئۆتۈپ، ئۇچىمىزغا ئاز- ئازدىن چۈشۈپ، ھارارىتى قەلبىمىزگە سىڭىپ، زىمىستان قىشتىكى مۇزلارنى ئاستا- ئاستا ئېرىتىپ، ئىللىق باھارنى چاقىرماقتا ئىدى.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى بىنخەي ناھىيەلىك تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق