قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| بىر تال سۆسۈن رەڭلىك مودەنگۈل

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-05-15 13:52:02

 شۈ ۋېيلى

 ئەتىگەنلىك تېكىست ئوقۇش ئاخىرلاشتى، مەن ماڭاي دەپ تۇرسام، بالىلار ماڭا قاراپ ئولىشىپ كەلدى. «مۇئەللىم، جى يوۋچېن سىزگە بىر تال مودەنگۈل ئالغاچ كەپتۇ!» بالىلار ھاياجان بىلەن چۇرقىراشتى. كەينىمگە ئۆرۈلۈپ، ھەيرانلىق ئىچىدە جى يوۋچېننىڭ بىر تال سۆسۈن رەڭلىك مودەنگۈلنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قىستىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. «بىزنىڭ ئۆيدىكى مودەنگۈل ئېچىلىپتىكەن، مەن ئەڭ چىرايلىق بىر تېلىنى ئۈزۈپ كەلدىم. شۈ مۇئەللىم، سىزگە سوۋغا قىلاي»، دېدى جى يوۋچېن ساددىلارچە.

 بۇ سۆسۈن رەڭلىك مودەنگۈلنى قولۇمغا ئالغىنىمدا، بىردىنلا، قانداقتۇر بەخت تۇيغۇسى قەلبىمنى چۇلغىۋالدى. خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھەۋەس بىلەن قاراشلىرى ئىچىدە، مەن گۈلدىن، سۇس يېشىل شېخى، توق يوپۇرمىقى، سۆسۈن رەڭلىك گۈل بەرگىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندىم.

 3- ئاي گۈللەرنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، ھاياتىي كۈچكە تولۇشى بىلەن گۈزەل. مەكتەپ سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆيىگە بىر قېتىم بېرىپ زىيارەت قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. مەن كەنتكە ئەمدىلا كەلگىنىمدە، ئىرماش- چىرماش كەنت يوللىرىغا قاراپ، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم. ساۋاقداش جى يوۋچېن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ماڭا يول باشلىغۇچى بولماقچى بولدى، بۇ مېنى بەك خۇشال قىلدى. دەرستىن كېيىنكى تەكراردىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئائىلە زىيارىتىنى باشلىدىم. قىزچاقنىڭ ياردىمىدە ئائىلە زىيارىتىم ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى.

 كۈنلەر ناھايىتى تېز ئۆتۈپ، ئائىلە زىيارىتى پائالىيىتى ئاخىرلاشتى. مەن بۇ ئوماق كىچىك يول باشلىغۇچىغا قانداق رەھمەت ئېيتسام بولار؟

 3- ئاينىڭ 8- كۈنى، مەن قىزىم تۇرۇشلۇق يەسلىگە بېرىپ ئاتا- ئانىلار يىغىنىغا قاتناشتىم. يەسلى ئاتا- ئانىلارغا مەنتيەنشىڭ، كاڭنەيشىن، ئاپتاپپەرەس دېگەندەك نۇرغۇن گۈل تەييارلاپتۇ، قىزىم ماڭا ئاتاپ گۈل بوتقىسىغا كۆڭۈل قويۇپ لىققىدە گۈل سانجىپتۇ. مەن بىر خالتا گۈلنى كۆتۈرۈپ، داۋاملىق دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم. سىنىپتىكى بالىلار ھاياجانلانغان ھالدا ئولىشىۋېلىپ گۈللەرگە قاراپ، پۇراپ كەتتى. بۇ چاغدا، مەن كىچىك يول باشلىغۇچى جى يوۋچېننى ئەسلەپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ گۈزەل سوۋغاتنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىۋېدىم، قىزچاقنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىدىن يۇلتۇز چاقناپ كەتكەندەك بولدى.

 ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، جى يوۋچېن مەن بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، ماڭا بىر پارچە نەپىس سالام خەت قەغىزىنى ئاستا سۇندى. ئۇ ماڭا، تۈنۈگۈن كەچتە بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تىزىلغان گۈلنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى، سىڭلىسىنىڭ ھەممىدىن بەك خۇشال بولغانلىقىنى، يەنە تېخى ئاپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر كۇپلېت شېئىر يازغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. شېئىر ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، گۈللەرنىڭ ئېچىلىپ توزۇيدىغانلىقى، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى ئارىسىدا ئىللىق ئىشلارنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقى يېزىلىپتۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، مەن بارا- بارا شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئوقۇتقۇچى بىر ئەينەك ئىكەن، ئانچىكىم كىچىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بالىلار «ئوغرىلىقچە» دورايدىكەن. 

 سەھەردە تۇمان تارقىلىپ، قۇياش كۆتۈرۈلۈپ، كىتاب ئوقۇغان جاراڭلىق ئاۋاز مەكتەپ ھويلىسىدا ياڭرىغاندا، مەن يەنە ھېلىقى سۆسۈن رەڭلىك مودەنگۈلنى ئەسلەپ قالدىم، نەپىس، گۈزەل ئىدى، سۆسۈن رەڭلىك تۇمانغا ئوخشايتتى...

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ شەھىرى يىندۇ رايونى شۈييې بازىرى خۇەنبىن ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق