قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| چۈشىنىش، قوللاش، ھېسسىياتتا ئورتاقلىشىش

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-05-16 18:13:33

جياڭ شىنيى

 باش باھارنىڭ شامىلىغا قىشنىڭ ھىدى يوشۇرۇنغان.

 چۈشتىن كېيىن سائەت 5تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مەن ئەمدىلا ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەنىدىم. قېيىنئانام خۇشال ھالدا ئاشخانىدىن چىقىپ ماڭا: «ئاغرىقلار باركەن، چېن چېن كېچىلىك ئىسمېنىغا مۇددەتتىن بۇرۇن كېتىپ قالدى، ئالدىراپ قېلىپ كەچلىك تامىقىنىمۇ يېيەلمىدى. سىز تامىقىڭىزنى يەۋېلىپ، ۋاقتىڭىز بولسا ئۇنىڭغا كەچلىك تاماق ئاپىرىپ بېرىڭ»، دېدى. بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن دەرھال تاماق يېيىش سۈرئىتىمنى تېزلىتىپ، بىر نەچچە كاپام يەپلا سىرتقا قاراپ ماڭدىم.

 ئاپتوموبىل ھەيدەپ دوختۇرغا يېتىپ بارغىنىمدا، سائەت 6دىن 30 مىنۇت ئۆتۈپتۇ. دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا تېلېفون بەردىم، «دۇت... دۇت... دۇت...» ئۇزاققىچە ئۇلانمىدى. مەن ئامالسىز ئۇنى ئىزدەپ دىجورنىخانىغا باردىم. داۋالاش ئۆيىنىڭ ئىشىكىدىكى ئەينەكتىن ئۇنىڭ ئاغرىقنى داۋالاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن كېسەل كۆرسىتىشنى ساقلاش ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كېسەل كۆرۈشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ساقلاپ جىمجىت ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم.

 كەچ سائەت يەتتە بولدى، ئاغرىق رەھمەت ئېيتقاچ داۋالاش ئۆيىدىن چىقتى. مەن دەرھال دىجورنىخانىغا كىرىپ، كەچلىك تاماقنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ: «تېز بولۇڭ! ئاغرىق يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تېز كەچلىك تامىقىڭىزنى يەۋېلىڭ!» دېدىم. «ماقۇل!» ئەمدىلا ئىككى كاپام يىيىشىگە، ئىشىك چەككەن ئاۋاز ئاڭلاندى، مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتىم. بىر ئانا بالىسىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى. «دوختۇر، بالام ئېھتىياتسىزلىقتىن خاسىڭنى بۇرنىغا كىرگۈزۈۋاپتۇ!» «تېز! بالىنى كۆتۈرۈۋېلىڭ، تۇتۇپ تۇرۇڭ، قالايمىقان مىدىرلىمىسۇن». پېڭ چېن شۇنداق دېگىنىچە باش چىرىغىنى تاقىغاچ، بالىغا قاراپ ماڭدى. مەن ئەمدىلا ئىككى كاپام يېيىلگەن تاماق قاچىسىنى ئۈن- تىنسىز يىغىشتۇرۇپ، دىجورنىخانىدىن چىقىپ ساقلاش رايونىدا تىنچ ساقلىدىم. جىمجىت كارىدوردا بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ۋە ئۇنىڭ تەسەللى بەرگەن ئاۋازى خىرە- شىرە ئاڭلىنىپ تۇراتتى، يۈرىكىم ئۇلار ئۈچۈن جىددىيلىشىپ دۈپۈلدەپ سوقاتتى. 

 سائەت 7دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، كۆزلىرى ياش يۇقى بالا ئاپىسى بىلەن داۋالاش ئۆيىدىن چىقتى. «قانداق بولدى؟» مەن شۇنداق سورىغاچ، سوۋۇپ كەتكەن تاماق قاچىسىنى ئۇنىڭغا سۇندۇم. «ھىم، بالدۇر بايقاپ، ۋاقتىدا ئېلىپ كەپتۇ، ئېلىۋەتتىم». ئۇنىڭ ئاغزىدا لوقما بولغاچقا، گەپلىرى ئېنىق ئەمەس ئىدى. بۇ چاغدا، يان تېلېفوننىڭ قوڭغۇرىقى زىل ئاۋازدا سايرىدى. «ھە، مەن ھازىرلا پەسكە چۈشەي!» تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ تىتىلدىغان ھالدا ماڭا قاراپ: «سىز ماڭغاچ تۇرۇڭ، يىپىنى تىكىدىغان بىر ئوپېراتسىيە باركەن»، دېدى. گېپىنى تۈگىتىپلا دىجورنىخانىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتتى. مەن مۇزلاپ كەتكەن كەچلىك تاماققا قاراپ، ئاغزىنى ئۈن-تىنسىز يېپىپ، يەنە بىرىنچى قەۋەتتىكى زالدىكى ئوپېراتسىيەخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ ساقلىدىم.

 سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتتى، مەن تېخىچە ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرمىدىم. دوختۇرخانا زالىغا قاراپ ئولتۇرۇپ، پۈتۈن بەدىنىم مۇزلاپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ياندىكى قولاي دۇكانغا بېرىپ بىر قۇتا سۈت، بىر بولكا سېتىۋالدىم. ئارقىدىن، دىجورنىخانىغا بېرىپ، سۈت بىلەن بولكىنى تارتمىغا سېلىپ، ئۇنىڭغا خەت يېزىپ قالدۇرۇپ قويۇپ، دوختۇرخانىدىن قايتتىم. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قېيىنئانام تاماق قاچىسىنى يىغىشتۇرغاچ: «نېمىشقا يەپ بولالمىغاندۇ؟» دەپ غۇدۇراپ قويدى. مەن مەيۈس ئاھاڭدا: «كەچتە بەك ئالدىراشكەن، تاماق يېيىشكە چولىسى تەگمىدى. مەن قايتىدىغان چاغدا، ئۇ تېخى ئوپېراتسىيەدىن چىقمىدى»، دېدىم.

 سائەت 10دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، مەن ئۇنىڭ: «ئوپېراتسىيە ئەمدى تۈگىدى، بولكا بىلەن سۈتنى تاپشۇرۇۋالدىم، بالدۇرراق ئۇخلاڭ»، دېگەن ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ چاغدا كېچە قاراڭغۇلۇقى بارغانسېرى كۈچەيدى، دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان كىچىككىنە جيەنخۇ شەھىرىدە، ھەممە ئائىلىنىڭ چىراغلىرى ئاستا- ئاستا ئۆچۈۋاتاتتى. مەن كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ بۈگۈن كېچىدە كۆپرەك ئارام ئېلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدىم. 

 ئىككىنچى كۈنى، چۈشتىن كېيىن سائەت 5تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مەن ئاخىرى ئۇنى يەنە كۆردۈم. بىر كېچىدىلا نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈندى، كۆزلىرىنىڭ ئەتراپى قارىداپ، ساقاللىرى ئۆسۈپ كېتىپتۇ، قارىغاندا بىر كېچە ئۇخلىمىغاندەك تۇراتتى. «ھاردىڭىزمۇ؟» «ھارمىدىم، تۈنۈگۈن نۇرغۇن كېسەل كۆردۈم ...»، دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ. ئۇيقۇسىرىغان ھالەتتىكى كۈلۈشى خۇددى ئېچىلغان بىر تال گۈلگە ئوخشاپ قالدى. شۇ دەقىقىدە، تەسىرلىنىش ھىدى ئارىمىزنى ئۇزاققىچە قاپلىدى.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى يەنچېڭ شەھىرى جيەنخۇ ناھىيەسى دۇڭفاڭ يەسلىسى

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق