قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ئاشۇ كۆك رەڭ

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى 2024-05-17 18:03:02

جاۋ ياۋرۇ

 «تاك- تاك- تاك» ئىشىك چەككەن ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن ئۈنلۈك ئاۋازدا: «كىم؟» دەپ سورىدىم.

 «مېنى يېقىلغۇ گاز شىركىتى تۇرۇبا يولىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن». ئەسلىدە ھەر ئۈچ ئايدا يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسىنى تەكشۈرگىلى كېلىدىغان ئايال ئىكەن.

 ئىشىكنى ئېچىشىمغا، ئۇچىسىغا كۆك رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيگەن ئايال كۆزۈمگە چېلىقتى. ئۇ ماھىرلىق بىلەن سومكىسىدىن ئاياغ قاپلىمىسىنى ئېلىپ، ئايىغىنىڭ سىرتىغا قاپلىغاندىن كېيىن، ئۆيگە كىردى. ئۇ ئاشخانىغا قاراپ مېڭىپ، سايمان سومكىسىنى يەرگە قويۇپ، سومكىنى ئاچتى، ئىچىدە نۇرغۇن ئەسۋاب رەتلىك تىزىلغان ئىدى.

 ئايال ئېڭىشىپ، پەلەينى ئېلىپ، تېز سۈرئەتتە قولىغا كىيدى، ئاندىن سايمان سومكىسىدىن يۇمىلاق، ئىشكالىلىق ئەسۋابنى، يەنە بىر خاتىرىلەش جەدۋىلىنى ئالدى. ئۇ قەددىنى رۇسلاپ تۆت ئەتراپقا نەزەر سېلىپ، ئۆيىمىزدىكى گاز سائىتىنى تاپتى، ئاندىن تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى ئېلىپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تاپىنىنى كۆتىرىپ، قولىنى يۇقىرىغا سوزۇپ، ئاخىرى ئاشخانىنىڭ تورۇسىغا يېقىنلىشاي دەپ قالغان گاز باش كىلاپانىغا قولىنى يەتكۈزدى. ئايال باش كىلاپاننى يۇقىرى- تۆۋەن ئىككى قېتىم تولغاپ، بېشىنى سېلىپ قەلەمنى ئېلىپ خاتىرىلەش جەدۋىلىگە ئەستايىدىللىق بىلەن خاتىرىلىۋالدى ...

 «سىلەرنىڭ ئۆيدىكى گاز تۇرۇبىسىنىڭ ھەممىسى نورمالكەن، گاز ئىشلەتكەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار. ئىشلەتمىگەندە، باش كىلاپاننى ۋاقتىدا ئېتىۋېتىڭلار، نورمالسىزلىق بايقىساڭلار، ۋاقتىدا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭلار، بىز دەرھال كېلىپ بىر تەرەپ قىلىمىز».

 مەن ئاڭلىغاندىن كېيىن: «بولىدۇ، رەھمەت»، دېدىم.

 ئايال پەلىيىنى سېلىپ، ئەسۋاب بىلەن پەلەينى سايمان سومكىسىغا رەتلىك سېلىپ، سىيرىتمىسىنى ئېتىپ، سايمان سومكىسىنى مۈرىسىگە ئارتىپ، ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئاياغ قاپلىمىسىنى سېلىپ: «خوش، مەن كېيىنكى ئۆيگە باراي، ئۈچ ئايدىن كېيىن يەنە كېلىمەن»، دېدى.

 كۆك رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيگەن ئايالنىڭ كارىدوردا ئاستا- ئاستا قارىسى يۈتكىنىگە قاراپ، ئىختىيارسىز چوڭقۇر ئويغا پاتتىم.

 تۇرمۇشىمىزدا، ئەمەلىيەتتە بىز بۇنداق كىشىلەرگە سەل قارايمىز. بىز قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىغا كۆڭۈل بۆلگىنىمىزدە، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرغان كىشىلەرگە سەل قاراپ قالىمىز. ئۇلار گەرچە ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزدى. ئۇلار خىزمەت قىلغاندا بىزگە قولايلىق يارىتىپ بەردى، گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا كەم بولسا بولمايدىغان شارائىت يارىتىپ بەردى. بۇ دەل «باھار پىلىسى مەشۇت چىقىرار ئۆلۈپ كەتكۈچە، ‎شام يېنىپ ئۆچمەس كۆيۈپ كۈل بولغۇچە» دېگەندەك ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ئەمەسمۇ؟ ئۇلار خۇددى گاز ئوچاقتىكى كۆك رەڭلىك يالقۇنغا ئوخشاش ئۆزى كۆيۈپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلدى.

 ھەر بىر ئادەم ئوخشاش بولمىغان كەسىپتە تەر ئاققۇزىدۇ، ھەر بىر ئاددىي ئىشنى ياخشى قىلىشنىڭ ئۆزى قالتىس ئىش. مېنىڭچە، بۇ ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس چىڭ تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشى.

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جۇڭگو تۆمۈريول 2- ئىدارىسى گۇرۇھى بېزەكچىلىك قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:穆巴拉克·司马义


نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

بەھرىلەش

مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇق