كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىمىزنىڭ يارىلىنىشىدىن خالىي بولالمايمىز، يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى نەچچە يۈز خىلدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە غەلىتە، ھەتتا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان «يەرلىك ئۇسۇل»مۇ ئاز ئەمەس. تۆۋەندە كۆپچىلىككە يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ناھايىتى كەڭ تارقالغان، ئەمما توغرا بولمىغان سەككىز خىل ئۇسۇلنى يىغىپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
بىرىنچى خاتا قاراش: يارا ئېغىزىغا سۈركەيدىغان ياخشى نەرسىلەردىن «چاشقان مېيى»، «چىش پاستىسى» بار
ئىلمىيلىكنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئېيتقاندا، كىشىلەر ھەمىشە بۇ دۇنيانى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق چۈشىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن، كالا گۆشىنى يېسە كۈچى ئاشىدۇ، چوشقا پاچىقى يېسە تېرىسى ياخشىلىنىدۇ، بېلىق بېشىنى يېسە تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ، ۋەھاكازا. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، ھاياتىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان چاشقان ئاخىرى كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىشنىڭ سەۋەبىنى، يەنى يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سەۋەبنى تاپقاندەك بولىدۇ.
نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، يېڭى تۇغۇلغان كىچىك ھايۋانلارنىڭ تېنىدە ھەقىقەتەن بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئۆستۈرگۈچى فاكتور مىقدارى بار، ئەمما مايغا چىلاش بىر خىل ئىنتايىن يىرىك تەييارلاش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنداق ئۇسۇلدا ياسالغان «چاشقان مېيى» يارا ئېغىزىغا سۈرۈلسە، يارا ئېغىزى ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىغا كۆرسىتىدىغان زىيىنى پايدىسىدىن كۆپ بولىدۇ.
يارا ئېغىزىغا سۈركەيدىغان يەنە بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان ماددا − چىش پاستىسى بار. ھازىرغىچە، يەنىلا نۇرغۇن ئاتا- ئانا بالىلىرىنىڭ يارىسىغا چىش پاستىسى سۈركەپ، كېيىن ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى بايقاپ، ئاندىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىۋاتىدۇ. يارا ئېغىزى پەيدا بولسا نېمە ئۈچۈن چىش پاستىسى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ھەم پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا كەڭ تارقالغانلىقىنى ئاپتور ھازىرچە چۈشىنىپ بولالمىدى. بەلكىم بەزى چىش پاستىسىنىڭ تەركىبىدە يالپۇز تەركىبى بار بولۇشى مۇمكىن، يارا ئېغىزىغا سۈركىسە سالقىن ھېس قىلىدۇ، ئاغرىق سېزىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ چىش پاستىسىنىڭ چىشنى تازىلاش رولى بار، شۇنداقلا ئېغىز بوشلۇقىغا ئىشلىتىلىدۇ، پۇقرالار ئۇنى ئىنتايىن «بىخەتەر»، ئىشلەتكەندىن كېيىن يارا ئېغىزىنى تازىلاپ، يارا ئېغىزىنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ساقلايدۇ، دەپ قارايدۇ.
يارا ئېغىزىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چىش پاستىسى بىخەتەر ماددا ئەمەس، يەنە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
ئىككىنچى خاتا قاراش: يارا ئېغىزى پۈتۈنلەي ساقىيىشتىن بۇرۇن سۇ تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ
تۇرۇبا سۈيىدە گەرچە باكتېرىيە بولسىمۇ، لېكىن مىقدارى يارا ئېغىزىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇدەك ئەمەس. يارا ئېغىزى سۇ تەگسىلا ئاسان يۇقۇملىنىدۇ دەپ ھېس قىلىشىمىزدىكى سەۋەب، يارا ئېغىزى ئادەتتە يارىلانغاندىن كېيىنكى 3 ~ 4 كۈندە يۇقۇملىنىدۇ. ياز پەسلىدە بىر ئادەم يۇيۇنمىسا بىر- ئىككى كۈن بەرداشلىق بېرىشى مۇمكىن، ئۈچىنچى كۈنى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يۇيۇنىدۇ، بۇ دەل مۇشۇ ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغان.
ئەمەلىيەتتە يۇيۇنۇش ۋە يارا ئېغىزى يۇقۇملىنىش ئارىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك باغلىنىش يوق. پەقەت يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن يارا ئېغىزى ياكى قاقاچنى ۋاقتىدا قۇرۇتۇشقا دىققەت قىلسىلا، ئاساسەن ھېچقانداق مەسىلە چىقمايدۇ.
ئۈچىنچى خاتا قاراش: شامالدىتىش يارا ئېغىزىغا پايدىلىق، يارا ئېغىزىنىڭ قاقاچ تۇتۇشى تېزلا ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ
شامالدىتىش مېدىتسىنادا «ئوچۇق قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلى» دەپ ئاتىلىدۇ، پەقەت بىر قەدەر تېيىز سۈرۈلۈپ كەتكەن ۋە تېڭىش تەس بولغان ئورۇنلارغىلا ماس كېلىدۇ. قايناق سۇدا كۆيۈپ قېلىش، ئەينەك كېسىۋېتىش، ئوتتۇرا دەرىجىدە سۈرۈلۈپ كېتىش (مەسىلەن، يىقىلىپ چۈشۈشتىن كېلىپ چىققان تىز سۈرۈلۈپ كېتىش) قاتارلىقلارغا قارىتا، ئوچۇق داۋالاش ئۇسۇلى يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، قاقاچ تۇتقاندىن كېيىن، قاقاچ چۈشكەن ھامان يارا ئېغىزى ساقىيىپ كېتىدۇ دەپ قارايمىز. لېكىن بۇ پەقەت تېيىز يارا ئېغىزىغىلا ماس كېلىدۇ، سەل ئېغىرراق يارا ئېغىزىدىكى قاقاچ ئاستىدا يىرىڭ بولۇشى مۇمكىن. يارا ئېغىزى قانچە ئېغىر بولسا، يۇقۇملىنىش خەتىرى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بىزنىڭ بارلىق يارا ئېغىزى قاقاچ تۇتقاندىن كېيىن تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ دەپ قارىشىمىزدىكى سەۋەب، تۇرمۇشتا بىز كۆپ قىسىم ھاللاردا تېيىز يارا ئېغىزىغا دۇچ كېلىمىز. شۇڭا، كەسپىي داۋالاش ئۇسۇلى «قاقاچ تۇتۇشقا قارىماي، بىۋاسىتە ساقايتىش»تىن ئىبارەت.
تۆتىنچى خاتا قاراش: يارا ئېغىزى بار بولسا جياڭيۇ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ
يارا ئېغىزى بار بولسا جياڭيۇ يېيىشكە بولمايدۇ، بۇ دۇنيانى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق چۈشىنىشنىڭ بىر مىسالى: جياڭيۇ قارا رەڭدە بولغاچقا، يېگەندىن كېيىن يېڭى ئۆسۈپ چىققان تېرە قارىداپ كېتىدۇ، دېگەن گەپلەر تارقالغان. بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق، خۇددى گاڭپەننى كۆپ يېسە تېرە ئاقىرىپ كەتمىگەنگە ئوخشاش. دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئاسان رېئاكسىيە قىلىدۇ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى رېئاكسىيە قىلىدىغانلارنىڭ كۆپ يېيىشىنى ھەقىقەتەن تەۋسىيە قىلمايمىز، لېكىن مۇتلەق چەكلىمە يوق، يېگەندىن كېيىن يارا ئېغىزىنىڭ يۇقۇملىنىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يارا ئېغىزى بار چاغدا تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىشكە يول قويۇلمايدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
مەسئۇل مۇھەررىر:马合木提·外力
نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.